marhaba77 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:36 AM
كىچىك ۋاقتىمدا دوراقاچىلايدىغان قوڭۇر رەڭلىك ئەينەك ب ...
سالام سىڭلىم مارھابا،
سىز ئېيتقان ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ھەقىقەتەنمۇ يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ. لېكىن، پىلانېتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرمۇ تەڭلا ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىلانېتىنى يەنىلا كۆرگىلى بولمايدۇ.
مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان تېخنولوگىيە ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنى بۇ تور بېتىدە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ، مەن يەنە ئازراق چۈشەندۈرۈپ باقاي.
تاشقىي پىلانېتىلار ئانا يۇلتۇزىغا چاپلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، يۇلتۇزنىڭ يېنىغا ئۆتكەندە، قۇياش سىستېمىسىدىكى بىر تېلېسكوپ بىلەن كۆرىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پلانېتا ئانا يۇلتۇزى بىلەن بىر كىچىك بۇلۇڭ ياسايدۇ. بىزنىڭ تېلېسكوپ بىلەن ئۇ پىلانېتىنى كۆرەلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇ پىلانېتا ئانا يۇلتۇزى بىلەن ياسىغان بۇلۇڭ 5 مىللى-ئارك-سېكۇنت (milliarcseconds) بولىشى كېرەك. بۇلۇڭنىڭ بىرلىكى گرادۇس بولۇپ، بىر چەمبىرەك ياسايدىغان بۇلۇڭ 360 گرادۇس بولىدۇ. تىك بۇلۇڭ 90 گرادۇس بولىدۇ. بۇلۇڭ بەك كىچىك بولغاندا، مىنۇت، سېكۇنت ۋە مىللى-ئارك-سېكۇنت قاتارلىق بىرلىكلەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردە بىر گرادۇس 60 مىنۇتقا تەڭ، بىر مىنۇت 60 سېكۇنتقا تەڭ، بىر سېكۇنت 1000 مىللى-ئارك-سېكۇنتقا تەڭ بولىدۇ. ئەمدى 5 مىللى-ئارك-سېكۇنتنىڭ قانچىلىك بۇلۇڭ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ.
ئاشۇنداق 5 مىللى-ئارك-سېكۇنتلۇق بۇلۇڭ ياسىغان پىلانېتا تېلېسكوپ كامىراسىدا يۇلتۇز بىلەن بىر نۇقتىغا ئەمەس، يۇلتۇزنىڭ يېنىدىكى بىر نۇقتىغا، يەنى 5-مىللى-ئارك-سېكۇنتلۇق بۇلۇڭ ياسايدىغان نۇقتىغا چۈشىدۇ. بىز قاراڭغۇ رايوننى ئاشۇ نۇقتىدا ھاسىل قىلىمىز.
تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى مەن كومپيۇتېردا ھەسابلاپ چىقارغان قاراڭغۇ رايوننىڭ كۆرۈنىشلىرى بولۇپ، مەن بۇ يەردە قوللانغان ھېسابلاش تېخنىكىسى رەسمىي تېلېسكوپتا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا بىلەن ئوخشاش. بۇ رەسىم ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتىنىڭ «قوللانما ئوپتىكا» ئايلىق جورنىلىنىڭ 2007-يىلى 11-ئايلىق سانىنىڭ جورنال تېشىغا (مۇقاۋىسىغا) بېسىلغان. بۇ رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىزىل رەڭلىك رايون يۇلتۇزنىڭ مەركىزى بولۇپ، تۆت-چاسىلىق كۆك رايون بولسا «قاراڭغۇ رايون» دۇر. مۇشۇ قاراڭغۇ رايوننىڭ ئىچىدە يۇلتۇزنىڭ نۇرى 10 مىليارد ھەسسە ئاجىزلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ يەردە بىر پىلانېتا بولسا، ئۇ پىلانېتىنىڭ نۇرى ھېچ قانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ.
بۇ رەسىملەر ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ماقالىنى تېپىش ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىدەك:
Requirements on optical-density and phase dispersion of imperfect band-limited occulting masks in a broadband coronagraph
Erkin Sidick
Applied Optics, Vol. 46, No. 30. October 20, 2007
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 11:02 AM