tohrayol. يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 12:42 PM
ياخشى ئويلان قېرىندىشىم ... بۇدىن ئاللاھنىڭ دىنى سىنى ...
مىنىڭ ئېتىقادىمنى بەزىلەردەك ئەسەبىيلەشتۈرۋالغۇم يوق .ھەم ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمنىڭ بۇنداق ئەسەبىي دىنىي ئىتىقاد بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئاپپاق غوجا دەۋرىگە بىرىپ قىلىشىنى خالىمايمەن.بۇنداق ئەسەبىيلەشكەن دىندارلار ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ ،باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىگىنى بويىچە مۇسۇلمان قىلىشنى ئويلاپ يۇرىيدۇ.ئىسلام ئەللىرىدىكى ،مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قالاقلىقتا،ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا،نادانلىقتا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسە؟دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل دىنغا ،دۇنيادىكى ئەڭ نادان ،دۆت ،مەمەدان مىللەتلەر ئىتىقاد قىلىغىنىغا ھەيرانمەن.سەن ئۇيغۇرلارنى ناخشا ئۇسۇلغا بىرىلىپ ،ئىتىقادى بوشاب ھازىرقى كۈنگە قالدى دىگەندەك گەپلەرنى قىپسەن ؟تارىخقا ياخشى قاراپ باقساڭ ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىشتىن ،دۇنيانى ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ،ھىندىستان ،ياۋروپا قەدىمى تەگمىگەن يەرلەر قالمىغان .ئىلىم-پەن ،مائارىب،قول-ھۆنەر،تېل -يىزىق ھەممىسىدە نۇرغۇنلىغان قىرىنداش مىللەتلەرگە ئاكا بولۇپ كەلگەن .لىكىنچۇ ،ئىسلام يولى يولىنى تۇتۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يىزىقىمىزنى يوقاتتۇق .يىزىق يوقالسا قانچىلىغان يازما تارىخنىڭ يوقىلىدىغىنى پەقەت مىللەتنى سۆيىدىغانلار ئويلاپ يىتەلەيدۇ .ئەگەر بىز ھەقىقى بىر ئاللاھ بار ،بىركىتابىمىز باردەپ ھەركىتىمىزدە قىلىپ كەلگەن بولساق بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك شان-شەرەپ ساھىبى بولىشىمىز مۇمكىن ئىدى .ئاخىرى نىمە بولدى ،ئەسەبىي دىنىي ئىتىقادنىڭ كۈچىيىشى ،سوپا-ئىشانلارنىڭ جاھان سورىشى بىزگە نىمە ئىلىپ كەلدى ؟ ئىتىپاقسىزلىق ،مىللەت غورۇرى دىنىي غورۇرنىڭ قۇربانى بولغان .كۆزەڭنى ئىچىپ يوغان قارا ،ئىسلام دۇنياسىغا قارا ئىتىپاقسىزلىقتىن باشقا يەنە نىمە ئارتۇقچىلىقى بار بىر ئەرەب مىللىتىنىڭ 30يىقىن دۆلىتى بار ،ئاشۇ كاپىرلاغا غالچە بولۇپ بىر-بىرىنى كالتەكلەيدۇ. بۇنىمە ئۈچۈن ؟سەۋەبى ئاددى كۆپلىگەن ئاددى مۇسۇلمانلار ئىتىقادىنى مۆتىدىل قىلىپ رىئال تۇرمۇشتا ياشايدۇ .مىللەتنى ئويلايدۇ ،قەۋمىنى ئويلايدۇ .يەنە بىرقىسىم ئەسەبىيلەشكەن .بىدئەت مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى ھەققا مەجبۇرى تاڭىمەن دەپ مۇشۇنداق نىزا پەيدا قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ دۇنياسىداا پەقەت ئۆز خىيالىدىكى ئىسلام دۇنياسىلا بار .
بۇ دىن ئاللاھنىڭ دىنى دەپسەن .قايسى دىن ئاللاھنىڭ دىنى ئەمەس ؟قايسى ئادەم ئاللاھنىڭ بەندىسى ئەمەس ؟ساڭا دەي ئەگەر شۇنداق قىمامەت كىلىپ ئىنسانلار دوزاق بۇيرۇلسا بىز مۇسۇلمانلار دوزاخنىڭ سانىنى توشقۇزىۋىتىمىز .چۈنكى بىز بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ قىلىمىز يۇ توۋا قىلمايمىز .ئاۋۇ كاپىرلار بىلمەيدۇ گۇناھ قىلىدۇ .
تارىختىن بۇيان ھىچقانداق مىللەت دىنىي گۈللىنىش ئارقىلىق ،شانلىق دەۋر ياراتقان ئەمەس .ئەرەب باھارى ھەركىتى دەل بۇ سۆزنىڭ يەكۈنى.دىنىي گۈللىنىشنىڭ نەتىجىسى پەقەت بۆلۈنمىچىلىك بىلەن ئاياغلىشىدۇ .شۇڭا ناۋانى ياقتۇرمىساڭ كۆرمە.لىكىن بىلمەي تۇرۇپ ،قىزىقمايدۇتۇرۇپ ئۇنداق بۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ .بەلكى ناۋا يىڭىدىن يولغا قويۇلغاچقا نۇرغۇنلىغان ئىشقا چالا ،خام ئالدىرمايلى كىيىن چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ .
ئەگەر مەن بىلەن ئىجابىي يوسۇندا مۇنازىرلىشىمە دىسەڭ ،مانا مەن ئەزەلدىن گىنا ساقلىمايمەن .ئەگەر مىنىڭ ئىتىقادىمدىن ،دىنىمدىن گۇمان قىلىپ ئۇنى بۇنى دىمەكچى بولساڭ ،خاپا بولا توختاپ قالايلى مەن بىر ئاددى مۆتىدىل مۇسۇلمان .