sardor يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:07 PM
ئەگەر شۇنداقا بولسا سىز ۋە سىزدەك كاللا دىسە پاكالچاق ...
بۇ ھەر ھالدا سەندەك ئاچا ـ سىڭىللىرى كىندىكىنى ئېچىپ ، كۆكسىنى لىغىرلىتىپ
ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ناخشا ـ ئۇسۇل توۋلاپ غىلجىڭشىپ يۈرسە پەخىرلىنىدىغان
كىشىلەرگە قارىغاندا ، بۇنداق ئۆلۈمنى شەرەپلىك دەپ بىلىمەن .
سەن نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيسەن ؟ مەن پەقەت ئىلمىي سۆز قىلدىم .
نېمىشقا چالما كىسەك قىلىشنىڭ گېپىنى قىلىسەن ؟
شۇ ناۋا ، شۇ سەنئەت ... تېخى بىزنى دۇنياغا تۇنۇتتى دەپ پەخىرلىنىسەن .
قانداق تۇنۇتتى ؟ كىشىلەر سېنى قانداق تۇنۇيدۇ . سېنى كاۋاپچى ، ئوغرى ،ناخشا ـ
ئۇسۇلدىن باشقىنى بىلمەيدىغان مىللەت دەپ تۇنۇيدۇ .
سەنئەت يولىدا قوللانسا ئىنسانغا مەنىۋى زوق بېغىشلايدۇ . ئەمما بىر
مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ، يۈكسىلىشىگە پايدىسى يوق .
ئەگەر سەنئەت راستىنلا بىر مىللەتنى دۇنياغا تۇنۇتسا دۇنيادىكى ھەممىدىن
ئىلغار مىللەت قاتارىغا ئۆتۈپ كېتەتتۇق .
يەھۇدىيلارنىڭ ، ئامرىكا ، گىرمان ، ياپۇنلارنىڭ مۇقام ـ مەشرىپى ، ناۋاسى
بولمىسىمۇ پەن ـ تېخنىكا ، ئىلىم ـ پەن ، كەشىپيات جەھەتلەردە ئالدىنقى
قاتاردا تۇرۇپ جاھان سوراپ ، شانلىق نەتىجىللىرى بىلەن تەرەققىي قىلالىدىغۇ ؟