karluk007 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 06:44 PM
باشقا پىلانتلاردا ھاياتلىق بار،لىكىن ئىسپاتلاش مەسىل ...
مېنىڭچىمۇ شۇ ، چۈنكى ئالەمدە نۇرغۇن قۇياش سېستىمىلىرى بار دەپ كۆرگەن ، قۇياش سېستىمىسى بولسا ، يەرشارىغا ئوخشاش جانلىق ياشاشقا ماس كېلىدىغان ئارلىققا ، يەنى ماس ئوربىتىغا جايلاشقان پېلانېت بولسا ، ئۇ پېلانېتتىمۇ جانلىق بولىشى تامامەن مۇمكىن ، لېكىن ئۇنداق يىراقلىققا بېرىش ئۈچۈن بەكلا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ ئەمەسمۇ ، ئەگەر نۇر تېزلىكىدە ئۇچالايدىغان ئۇچقۇ بولغان بولسا ئىش ئاسان بولۇپ كېتەتتىدە ...
مارىسنىڭ بىر كۈندىكى تېمپىراتۇرىسىنىڭ پەرقى بەكلا چوڭ، جانلىق پەيدا بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ ، دەپ ئاڭلىغان . يۇقىرىدىكى رەسىمدە سۇ يالاپ ئۆتكەن تاشنىڭ سۈرىتى تۇرىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ راستلا ئادەتتىكى H2O سۇ شۇمىدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ يەردە جانلىق بوپ ئۆتكەن بولىشى مۇمكىن . چۈنكى سۇ جانلىق ياشىيالايدىغان نورمال تېمپىراتۇرىدىلا سۇ ھالەتتە بولۇپ تۇرالايدۇ ، بولمىسا يا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ ، يا مۇز بولۇپ قالىدۇ .
شۇنداق بولغاندا شۇ جانلىقلار قايسى دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن بولغىيتى ؟؟ مەن بۇنى كىنو-كارتونلارغا ئوخشاتتىم ، باشقا پېلانىېتتىكىلەر ۋەيران بولۇپ جانلىق قالمىغان يەرشارىغا مۇشۇنداق تەكشۈرۈشكە كېلىپ ، مۇشۇنداق جانلىق بولىشى مۇمكىن بولغان ئىزلارنى تېپىشاتتى . بۇ ئىش خۇددى شۇ كارتوندەكلا ، يەرشارىلىقلار مارىسقا چىقىپ تەكشۈرىۋاتىدۇ شۇ ...