bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 02:45 AM
مەن يۇقىرىدا سورالغان سوئاللارغا ئايرىم-ئايرىم جاۋاب ...
‹‹ كائىناتتا 200 مىليارد تىن ئارتۇق گالاكسى بار. بىزنىڭ سامان يولى گالاكسىدا 200 مىليارد تىن ئارتۇق يۇلتۇز بار. شۇڭا جانلىقلار ياشايدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.››
باشقا بەكلا يىراقتىكىنى دېمەي ، بىزنىڭ مۇشۇ سامان يولى گالاكسىيمىزدا بىزنىڭكىگە ئوخشاش باشقا قۇياش سېستىمىسى مەۋجۇتمۇ ؟ ئەگەر بولسا يەرشارىغا ئوخشاش مۇۋاپىق ئارلىقتىكى ئوربىتىغا جايلاشقان ، قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقى نورمال بارىدىغان ، بەك چوڭمۇ ئەمەس ، بەك كىچىكمۇ ئەمەس پلانىتا بارمىدۇ ؟ ( چۈنكى بەك چوڭ بولسا يەرنىڭ تارتىش كۈچى بەكلا چوڭ بولىدۇ ، بەك كىچىك بولسا تارتىش كۈچى بەك ئاجىز بولىدۇ ، مەسىلەن ئاي شارىدەك كىچىكلىكتە بولسا كۈچىمەيلا خېلى ئېگىزگە سەكرىۋىتەلەيمىز ... دەپ سۆزلىگەنتى مۇئەللىم ) .