زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 01:35 AM
ما تېمىنى يوللىغان يىگىتكە خىلى ھۆرمۈتۈم چوڭقۇر ئىدى . ...
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، زۇلئاي.
بۇنىڭغا ئاتايەن ۋاقىت ئاجرىتىپ قىلغان ئىش يوق. پەقەت «ئۆزۈمنى بىر نامايان قىلىپ باقاي دېدىم، ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ باقاي دېدىم....»لەردىن قانچىسى بار، كىملەركىن كۆرۈپ باقايلى دەپ مەيدانغا ئېلىپ چىققان، خالاس.
ئاشۇ ھۆرمتىڭىز مەدەت بولدى،تەشەككۈر.
كىشىنىڭ قىممىتى ياراتقىنىدا،ياكى قىلغان تۆھپىسىدە دەپ كۆنۈپ كەتكەن ئېغىزىمىزدا ئۆز قېرىندىشىمىزغا بىر بۇردا نان سۇنالىشىدا ياكى غېرىب كۆلبىسىدە بىر كېچە ھەمرا بولۇپ، شۇ غېرىب مىسكىننىڭ دەردىنى تىڭشاپ باقالىسا، كۆڭۈل بۆلەلىسە دەپ باقساق قانداق بولار؟!
«بىر ئۇيغۇر»نىڭ دېگىنىدەك ئۆز قېرىندىشىڭىزغا قاراپ بېقىڭ:
سىز چەمبىرەكتىن چىقىپ كەتمەي، خوتەننىڭ دەشتى چۆلىدە قالغان قاقاس بىر تاغلىق يېزا،كەنتتە ئاش-نانسىز، ئېلىكتىرسىز، ئالاقىسىز، جاھاننىڭ يېڭىلىقىدىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ئىچكىرى ئۆلكىدىن قېرىنداش مىللەتلەردىن پىدائىي بولۇپ، «گۈللەندۈرۈش»ھېسابىدا تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان جانلارغا قاراڭ، جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە بولسىمۇ، تۆمۈر تاۋاققا ئېرىشىپلا ۋالسام قالغىنى بىر گەپ بولىدۇ دەپ، خىزمەتنى شىنجاڭدا تېپىۋېلىپ،تۆت يىلدىن غىپپىدە ماكانىغا يول ئالىدۇ. سىز بىلەن بىز ئەنە شۇنداق پىدائىيلىق بىلەن باشقا بىر مۇددىئايىمىز بولمىسىمۇ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساۋاتسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟!ھۆكۈمەت قىلىۋاتىدۇ دېگەن بىلەن مىللىي ئاڭنى، مىللىي روھنى كىم يېتىلدۈرىدۇ؟! «ئۇلۇغ ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش»ئىدىيسىنى سىڭدۈرۈشقا تىرىشىدىيۇ، ئۆز مىللىتىڭىنى، ئېتىقادىڭنى سۆي دېيەلىدىمۇ؟!كوچىدا قالغان تىلەمچى بالا، مايلامچى بالا، يەنە پالانچى بالا...دەپ، شۇلارنىڭ بېشىنى كىم سىيلاۋاتىدۇ؟! سىز دېگەن يەرلەردىكى بالىلارغا ئوخشاش غېرىب، مىسكىن بالىلار ئەمەسمۇ مۇشۇلار؟! مۇشۇلارنىڭ ئوقۇغۇسى يوقمۇ؟! بەختىيار غەمسىز ياشىغۇسى يوقمۇ بالىلىقىدا!؟ ئۆزى ياشتا كىچىك بولسىمۇ، 20،30يىللىق دەرد تارتقاندەك جاپاغا چىلىنىپ قالغان بالىلىرىمىز ئاز ئەمەس، زۇلئاي.
سىز دەۋاتقان قېرىنداشلار باشقا مىللەتنىڭ بالىلىرى، باشقا مىللەتنىڭ ئادەملىرى. ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن كېلەيلى. بېشىمىزنى بىر يەرگە قوشالماي، نۇرغۇن تەرەپلەردە ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىش كەم بولىۋاتىدۇ.
ھەمكارلىشىپ مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى.ھەمكارلىشىپ كان ئېچىشىمىز كېرەك ئىدى(بۇ تەرەپنى بىزلەرگە بېرەمدۇ يوق بىلمىدۇق)، ھەمكارلىشىپ........................
سىز ئاۋۋال يىغلايمەن دېسىڭىز ئۆز تىلىنى بۇزۇپ، يات تىلدا سۆز قىلىۋاتقان، ياكى ئۆز تىلىنى راۋۇرۇس دېيەلمەيۋاتقان ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزغا يىغلاڭ، قېنى......
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەت شۇكى، مۇشۇ ھاللاردا قالغان ئەھۋالىمىز ئايان بولسىمۇ، شادىمان كۈلۈپ، بەخت پەيزىنى سۈرۈپ، بىخارامان يۈرگەن، «ئۆزىنى سەنئەتتە تونۇتۇپ، نامايان»قىلىپ باقىدىغان قېرىنداشلانىڭ ھالىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈندۇر. ھۆكۈمەت ئەلۋەتتە بۇ ناۋانى ياكى شۇنداق داۋانى قوللايدۇ. كىم بىلىدۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك، سىگانلارنىڭ كۈنىگە قالىمىزمۇ تاڭ!؟