DAMKU يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 01:45 PM
kuktirak يوللىغان ۋاقتى 2013-8-10 11:12 PM
پۇتۇن دۇنيادا بىزدەك ...
بەرھەق ! بىز ھازىر دەل سىگان مىللىتىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز . ئەگەر بىز مۇشۇ نەغمە ناۋا يولىدىن قايتمايدىكەنمىز ئاز كۈنگە بارماي ھالىمىز سىگان مىللىتىدىنمۇ بىچارە بولۇپ كىتىدۇ ...
سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ ، نوپۇسى تەخمىنەن 10مىلىيون ئۆپچۆرىسىدە ، ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30 مىلىيون ، ياۋروپادا 15 مىلىيون سىگان بار دەپ قارايدۇ . سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما ، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا ، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ . 500 مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە ، رومىنىيە ، ۋېنگىرىيە ، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ ، ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىسيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ .
سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى تەخمىنەن ئىككى مىلىيوندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىل ئائىلىسى، ئىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگە تەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە . مۇشۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەپچىسى سىگانلار سەنئەتنى قىزغىن سۆيگەنلىكىدىندۇر .
يەنە تىخى سىگانلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا. سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسى بولۇشى مۇمكىن.