چۈشەن يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 04:37 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! يازغانلىرىمنىڭ سىزگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تەگسە مەن شۇنىڭدىن خوشال! سىياھ تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى پېرېنتېر ئالغان جايدىن ئالسىڭىز شۇلار ئۆزلىرى ئورنىتىپ بېرىدۇ. قەغەز سالغاندىن كىيىن كومپىيۇتېر دا بۇيرۇق بېرىسىز ،نۇسخىلاش ئىقتىدارىمۇ بار ، نۇسخىلىغاندا بىۋاستە پىرېنتېر ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .لېكىن بۇ تىپتىكى پىرېنتېرنىڭ قەغەزنى ئاپتۇماتىك ئۆرۈش ئىقتىدارى يوق ،ئۆزىڭىز ئۆرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ .ئەمما رەڭلىك نۇسخىلاش ،رەڭلىك بېسىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بار، ئەڭ ياخشى يېرى رەسىم يۇيۇش ئىقتىدارى بار ! ئۆزىڭىز چۈشكەن رەسىملىرىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇيۇپ چىقىرالايسىز ! ھە راست قەغەزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلچىمى A4،قارىغاندا سىزمۇ ئوقۇغۇچى ئوخشايسىز ئادەتتە مەكتەپلەردە كۆپرەك شۇ A4قەغەز ئىشلىتىمىزغۇ شۇڭا مىنىڭچە بۇ بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزگە ئانچە چوڭ تەسىرى يوق ،ئەگەر A3قەغەزدىكى نەرسىنى نۇسخلىماقچى بولسىڭىز A3ئوتتۇرىدىن قاتلىسىڭىز ئىككى ۋاراق A4قەغەزگە چىقىرالايسىز .