sargarda يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 01:59 PM
يېقىندا ناپائېلون خېئولنىڭ ‹‹ كاللىڭىزنى ئىشلەتس ...
اﷲ (پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار)نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار [36]. ئۇلارغا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز ـ دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ [37] سۈرە ياسىن
جانلىقلارنىڭمۇ ئەركەك - چىشىسى بار . دەل - دەرەخلەر ۋە باشقا بارلىق ئالەملەرنىڭمۇ ھەم ئەركەك - چىشىسى بار . ئۇلارغا تەن بېرىلىپ يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا ئۇلاردا جىنىس بولغان بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ئەنە شۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قاراپ جىنىس بەلگىلىگەندۇر . شۇڭا بەندىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەرلىك ياكى ئاياللىقىدىن ئاغرىنىشى ئەسلى تەبىئىتىگە ۋە ئىلگىركى تەقدىرىگە قارىتا خۇسۇمەت قىلىپ ئاللاھقا ئاشكارا ئىسيان قىلغانلىقى بولىدۇ . لېكىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ۋە جىن بولۇپ يارىتىلىشىدىن بۇرۇنلا ئەركەك ياكى چىشى ئىكەنلىكىدىكى ماھىيەتلىك ئەسلىيىتىنى بىلمىگەنلىكتىنلا شۇنداق ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە ناقايىللىقتا بولۇپ قالىدۇ .
بۇنىڭدەك ئەركەك - چىشىلىكنى ئايرىش ماددىي جەھەتتىكى ئىشلاردىن . ئەمما ھىسسىي جەھەتتىن ئېيتىلىدىغان ۋە توختۇلىدىغان ئەركەك - چىشىلىك بار . مەسىلەن : ئۇيغۇر ئوغلى ، ئۇيغۇر قىزى دېگەندەك . شۇنىڭدەك ، ئىلىم ئەھلىلەرنىڭمۇ ئەركەك - چىشىسى بار . تەتقىق قىلىپ تاپقۇچى ئەركىگى ، ئۇنىڭغا ياندىشىپ شۇ ئىلىم ئەھلىگە مايىل بولۇپ ئۆگەنگۈچى چىشىسى .
ئاللاھنىڭمۇ بېرىدىغىنى بار . ئەڭ كۈچلۈكى ، ئەڭ ئىشەنچىلىكى ئوغۇل مەسەللىك بولسا ، ئاجىزى چىشى مەسەللىك ئېيتىلىدۇ . ئالاھىدە پەيغەمبەرلەرگە ئەنە شۇنىڭدەك كۈچلۈكىنى - ئوغۇل مەسەللىك ئىلىملەرنى ، دىنىي ۋە ھاياتلىق ئىمتىيازلارنى بەرگەن . لېكىن بۇ خىل باغلىنىشلى ماھىيەتنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلەر ناسارالارغا ئوخشاش پەيغەمبەرنى بەزى ئىلىملەرسىزلا ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ بەندىنى جۈزئىي ( يەنى ئوخشاش سالاھىيەتلىك ) قىلىۋالىدۇ .
پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئەركەك چىشىى بار . ئىبراھىم ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامدەك يېتەكلىگۈچى بولسا ، لۇت ۋە ھارۇنغا ئوخشاش ئۇلارغا ئەگەشكۈچى پەيغەمبەرلەر . شۇنىڭدەك ، ئەگەشتۈرگۈچى ئەركەك ، ئەگەشكۈچى چىشى ئېيتىلىدۇ . ئىلىم ئەھلىلەرنىڭمۇ شۇنىڭدەك كۈچلۈكلىرى بولىدۇ . تەقۋادارلارنىڭمۇ ھەم كۈچلۈكى بولىدۇ .
شۇڭا ئاللاھ تائالا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ . بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر [151- 152]. اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ [153]. سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ [154]. پىكىر قىلمامسىلەر؟ [155]. ياكى (اﷲ نىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟ [156]. (ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار) [157]. ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ) [158]. اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر [159]ساففت
ئۇلار (پەرىشتىلەرنى اﷲ نىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) اﷲ نىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى اﷲ نىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن اﷲ قا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر [15]. اﷲ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟ [16] ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك اﷲ قا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ [17]. (ئۇلار اﷲ قا) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟) [18]. ئۇلار مەرھەمەتلىك اﷲ نىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، اﷲ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ [19]. ئۇلار: «مەرھەمەتلىك اﷲ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ [20]زۇخرۇف
يەنە بىر تەرەپتىن ئەركەك چىشىلىك تۇغقۇچى ۋە ھېچ تۇغۇلمىغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ . يەنى ، ئالىملارنى كىملەركى ئۆزى ھەر ئىلىمنىڭ ئاچقۇچىنى بىۋاستا بىر غەيرىي كۈچكە - يەنى ئىلاھقا تېۋىنمەي تۇرۇپ تاپىدۇ دېگەن بولسا ، ئۇلارنى ھەم ياراتقۇچى - تۇغقۇچى دەپ قارىغان بولىدۇ . ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە ھەقىقىي ئىلىمگە ئىگە كىشىلەر مالائىكىلەردىن ھېسابلىنىپ ، مەلائىكە دېگەن سۆز مەلۇم ئىلىملەرنى قوغدىغۇچى ، يەتكۈزگۈچى ، تۇتۇپ تۇرغۇچى ، كونتىرول قىلغۇچى دېگەن سۈپەتتە كەلتۈرىلىدۇ . بۇ پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا ھەتتا بەزى جىنلارغىمۇ ئۇمۇمىيلىقتا خاس سۈپەتتۇر .
كۈچلۈكلۈكنىڭ ئەركەك ياكى ئوغۇل دەپ تەرىپلىنىشى ، ئۇلارنىڭ دەل ئىجتىھادتا كۈچلۈكلىكىنى بەلگۈلەيدۇ . ئىجتىھاد جەريانىدا ھەر قانداق مۈشكۈلاتلارغا چىدام بەرداشلىق بىلەن ھالقىيالايدىغانلار ئەركەك ئاتىلىدۇ . ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ شۇ شەيئى ئۈستىدىكى ئىلمىسىنى تاپالايدۇ ، چۈشىنەلەيدۇ ، ھىس قىلالايدۇ . بۇ تېپىش دەل ئەنە شۇ ئىلىمنىڭ ئاچقۇچىنى ئەنە شۇ ياراتقۇچىنىڭ قولىدىن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ << ئوغۇل >> لار ئۆز رايى بۇيىچە يېڭىلىقنى يارىتىپ تۇغقۇچى ئەمەس ، بەلكى ئەنە شۇ يېڭىلىق ئىلىمنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگۈچە تىرىشچانلىق ۋە بەرداشلىق بېرەلىگەن << ئوغۇل >> ياكى << ئەركەك >> لەردۇر .
ھەر قانداق يۈزلىنىشنىڭ ، يۆلۈنۈشنىڭ ، قاتىق ۋە يۇمشاق يېتىدىغانلىكى نەرسىلەرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزى بولىدۇ . شۇنىڭغا قاراپ مەسەل كەلتۈرۈشتە ئەركەك - چىشى ، ئوغۇل - قىز دەپ ئايرىشقا توختۇلىدۇ .
نۇرغۇن نەرسىلەرگە بەندىچىلىكتە تىل ئىشتىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ . بۇلارنى شۇنىڭدەك مەسەل ۋە مىسال كەلتۈرۈش بىلەنلا قەلىبلەرنى قەلىبلەرگە باغلاپ ، نېمە دېمەكچى بولغانلىرىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىدۇ . ئاللاھمۇ قۇرئاننى ئەنە شۇ خىل ئۇسلۇبتا نازىل قىلغاندۇر . ئۇ ئېيتىدۇ : اﷲ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «اﷲ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. اﷲ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ [26]بەقەر
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بىلدۈرمەكچى بولغان بەزى مىساللىرىنى مۇنداقراق ئادەم ئويلاشقا پېتىنالمايدۇ . ئەگەر پېتنىپ بىرەر ئىلىمگە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئۇنى بايانلىسا ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ . چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئىلىملەرنى ماددىيلاشتۇرغىلى بولمايدۇ . پەقەت ھىسسىيلىكتە مەنىۋىيەتكىلا ئۇرغىلى بولىدۇ . ئاللاھ ئېيتقاندەك ، پەقەت بۇ مىساللارنى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك ئىلمىسىگە تەييارلانغۇچى مۆئمىنلەرلا چۈشىنەلەيدۇ . لېكىن تەقۋالىقنى ياقتۇرمىغۇچى مىڭ يىللارچە رىيا ھالىتىدە ئەمەل - ئىبادەتلەردە بولغۇچى پاسىق ھامان ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك ئىنكار قىلىش كىشىنى بارا - بارا كۇفرىنىڭ زۇلمىتىگە تاشلاپ كاپىر قىلسا ، قۇبۇللاش ۋە ئىشىنىش بارا - بارا ئىماندار قىلىپ مۆئمىن قىلىدۇ .
ئىنسانغا ئەسلى ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىلنىڭ ئەڭ ئاز قىسمى بېرىلگەن . ئەنە شۇ ئاز قىسمى بىلەن كۈچلىنىپ زامانمۇ زامان ئىنسان يۈكسىلىشكە مەجبۇرى . لېكىن ئەنە شۇ ئاز قىسمى بىلەنلا يۇقىرى ئەقىل ۋە يۇقىرى تەپەككۇر تەلەپ قىلىدىغان قەۋەتلەرگە چىقىۋالىدىكەن ۋە ئۇلار توغرىسىدا پىكىر قىلىۋالىدىكەن ، ھامان ئۇ بەندە ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ توغرا بولمىغان قىياسلارغا كىرىشىپ قالىدۇ دە ، ئۇ ئازىدۇ . لېكىن بەندە بۇ خىل رەۋىشتە ئېزىۋاتقانلىقىنى تۇيماي قالىدۇ . لېكىن ئاللاھ ساقلىماقچى بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ، لېكىن بۇلار ئىنتايىن ئاز .