ئۇمۇن يوللىغان ۋاقتى 2013-8-12 07:48 PM
بۇ توغۇرلۇق سىستىمىلىق بىر ماقالە يازساق بولغۇدەك ھە ...
ئەپسۇسكى ، مەن ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى نوقۇل تۇتۇپ كەتمەيمەن . مەن يازغان ئەسەرلەر ئادەتتە ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللىنىدۇ . ئەگەر سىز زادى شۇنداقراق بىر ماقالە يازىمەن دېسىڭىز گەرچە ئەسەر تېپىپ بېرەلمىسەممۇ لېكىن مەنا جەھەتلىك سۆزلەردىن تاقىتىمنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولۇشنى خالايمەن .
لېكىن قۇرئاندىكى ئەركەك - چىشى ، ئەر - ئايال ، خوتۇن ، ئوغۇل - قىز دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . چۈنكى قۇرئاننىڭ يەنە بىر ھېكمىتى جىنسىيەت ئىلمىسىدىن ھەم ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت . ئەنە شۇ ئەركەك - چىشى دەپ ئېيتىلىپ كېلىدىغان ئايەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جىنسىيەت ئىلمىسىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ .
يەنە بىر مەسىلە قېلىپ قاپتۇ . گەرچە مەلۇم بىر ئىلىم ئەھلىلەر ئۆزىدىن يۇقۇرى بولغان ئىلىمگەردىلەرگە قارىتا چىشى بولۇپ ، ئۇلاردىكى ئىلىمگە ھامىلدار بولۇش تەرىپى بىلەن ئەگەشكۈچى ماھىيىتىدا بولۇپ قالسىمۇ ، لېكىن ئۆزىدىن تۆۋەنكى كىشىلەر ، ئۆز قەۋمى ۋە ئائىلىسى .... دېگەندەك ئورۇندا يەنىلا ئەركەك ، ئاتا بولىدۇ . خۇددى لۇت ئەلەيھىسسالام كۈچلۈك تۈۋرۈك بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا يۆلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۆز قەۋمىگە يەنىلا ئۇلارنى يېتەكلەشتە ئاتا بولۇش مەجبۇرىيىتى بولغىنىدەك .