ئوخشاش ياشتىكى ھورمۇن ئۆستۈرۈش ئۇكۇلى ئۇرۇلغان توخۇ بىلەن
ئادەتتىكى توخۇ
توخۇ شورپىسى تەييارلىغاندا چۇقۇم يەرلىك توخۇدا تەييارلاش كېرەك .
فىرمىلاردا ھورمۇن ئۆستۈرۈش دورا ـ ئۇكۇللىرى بىلەن چوڭايتىلغان توخۇلاردا
تەييارلاشقا بولمايدۇ .
مۇسۇلمانچە بوغۇزلانغان ، پاكىز تازىلانغان يەرلىك توخۇ بىر دانە .
توخۇنى ياڭاق چوڭلۇقىدا توغراپ قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ ، توغرالغان
گۆشنى سالىمىز . ئاندىن توغرالغان زەنجىۋىلنى ( سىڭجىياڭ ) نى سېلىپ سۇس
ئوتتا پىشقىچە قاينىتىمىز . ( يۇقرى بېسىملىق قازاندا 20 ، 25 مىنۇتقىچە قاينىسا
بولىدۇ ) شورپىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ ئاز مىقداردا كاۋاۋىچىن سالسىڭىزمۇ
بولىدۇ . توخۇ پىشقاندا ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ، ئاقمۇچ ، ئالقات سېلىپ
ئۇششاق توغرالغان غولپىياز سېلىپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ .
ئۇغۇللارغۇ مەيلى ، بىر قىسىم قىزلارنىڭ تۈزۈكرەك تاماق ، شورپا ، قورىما
تەييارلاشنى بىلمەسلىكى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ .
ئامال بار دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان خالتىلىق توخۇ گۆشلىرى ۋە ما تۇڭگاننىڭ
توخۇ قورۇمىخانىسىدا تەييارلانغان توخۇ گۆشلىرىنى يېمەڭ . بۇ توخۇلارنىڭ كۆپ
قىسىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلتۈرۈلگەن . ھەمدە ھورمۇن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى
ئىشلىتىلگەن . ئۆزىڭىزگە كىسەل تېپىۋالسىز .
خەنزۇلار ئاساسلىقى مال ـ چارۋا ئۆلتۈرسە ، قان چىقارسا گۆشنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن
قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ دەپ قان چىقارماي ئۆلتۈرىدۇ . سىز ياقتۇرۇپ يەۋاتقان
توخۇ قۇرۇمىسىمۇ قان چىقارمىغان توخۇنىڭ گۆشىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-25 04:35 PM