https://uyghur-archive.com/misranim/thread-37945-1-1.html
بۇ مۇنبەردە ئۆيىدە تاماق ئېتىدىغان ئاياللار يوقمۇ نېمە ؟ مۇشۇنچىلىك ئاددى قازان ئىشلىرىنىمۇ قىلالمىسا ؟ چۇقۇم تايىقى كەم ھۇرۇن خۇتۇنلار ...
چاخچاق جۇما . بىر دىنى كىتابتىمۇ ئېنىق ئىسىمدە يوق . << مۆئمىنلەرنىڭ
ياخشىسى ، ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلاردۇر >> دەپ ئوقۇغان ئىدىم .
ھەي ، ئىلگىرى ئىچكىرىدە خەنزۇ ، مانجۇ تۇنۇشلارنىڭ ئاياللىرىدىن بەكرەك
ئەرلىرىنىڭ كىر يۇيۇش ، تاماق ئېتىش ئىشلىرىغا پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ
ئىچىمدە بىلىندۈرمەي زاڭلىق قىلغان ئىدىم، ھەم توغرا قارىغان ئىدىم .
كىيىنچە بۇ ئىش ئۇيغۇرلار ئارىسدىمۇ ئۇمۇملىشىپ كېتەمدۇ قانداق ؟
توغرا قارىشىمدىكى سەۋەب : شەھەرلەردىكى خىزمەت بېسىمى ، تۇرمۇش ھەلەكچىىكى
ۋە ئىقتىسادقا بولغان ئىنتىلىش ئىچىدە : ئۇلارنىڭ تىز يەپ ، تېز ھەرىكەتكە
كىلىش ، ۋاقىت دىمەك پۇل دېمەك . دەيدىغان ئىددىيەدە ئىكەن دەپ چۈشەندىم .
ئايالى تاماق ئېتىۋاتسا پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ تاماكا چىكىپ ئولتۇرغىچە
ياردەملەشكىننى توغرا دەپ قارىغان ئىدىم .
ئەمما ، بىزنىڭ جەنۇبتىكى يۇرىتتا ئەرلەرنىڭ قازان ئىشلىرىغا ئارلىشىپ يۈرىشى
گۇناھلىق ئىشتەك قارىلىپ كەلگەن . ئايالى ساقسىز بولۇپ قالغان چاغدىمۇ
بىرەر چەينەك چاي قاينىتىپ بېرىش يۈزى چۈشۈپ كېتىش ۋە << سايىم نوچى >>
خوتۇندىن قورقىغانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . ئەر كىشىنىڭ قازان ئىشلىرىغا
ئارلاشقىنى ياخشىمۇ ياكى ئايالى تاماق ئېتىۋاتسا ، دوسىتلىرىنىڭ ئۆيىگە قارىت
ئوينىغىلى چىقىپ كەتكىنى تېلۋۇزۇر كۆرگىنى ياخشىمۇ ؟
ئىشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنىچ ، ياخشىسى ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئىشقا
ئارلاشمىغىنى تۈزۈك .
بولۇپمۇ ھازىرقى ئاياللارغا ئازراق قىلىپ قويسا بېشىغا مىنىمەن دەيدۇ .
يامانغا ياغ ياراشمايدۇ ،
مۈشۈككە يۇمغاتسۇت ، دەيدىغان گەپ بارغۇ ؟
شۇڭا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ، قولىدىن ھەرگىز بۇنداق ئىشنى كەلمەيدىغان ، پالاكەت
قىياپىتىگە كىرىۋېلىش كېرەك . گۆش توغراپ بېرىڭ ، كۆكتات توغراپ بېرىڭ .
دېسە كالامپايلىق قىلىپ قولىنى قەستەن ئازراق كىسىۋېلىش ، كىيىملىرىنى قەستەن
مەينەت قىلۋىتىش كىرەك .
ئۆزۈمنىڭ قولىدىن بەزى تاماق ـ قورىملارنى قىلىش كىلىدىغان بولغاچقا ، تاماق
ئېتىشكە ئىپى يوق بىرەر خۇتۇن ئالسام ، مەندەك ئوخشىتىپ ئىتەلمىسە قانداق
قىلارمەن دەپ ئەنسىرەپمۇ قالىمەن . يا بىر ئۆمۈر ئوخشىتىپ ئېتەلمىگەن
تاماقلىرىغا كۆنۈپ كېتەرمەنمۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-26 02:04 AM