UYGRAF يوللىغان ۋاقتى 2013-8-29 11:07 AM
خاتا، ئۇلارنى جالاپ دىمەيلى، ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىنداش ...
مۇسا جارۇللاھنىڭ قەشقەرلىك يۇرت چوڭلىرىغا، موللىلارغا ئېيتقانلىرى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسا جارۇللا ئىسىملىك پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا داڭقى بار بىر ئۇيغۇر ئالىمى ياشىغان بولۇپ، بۇ كىشى قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن زىيارەت ئۈچۈن قەشقەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپتۇ. بۇ كىشى قەشقەرگە كىلىشى بىلەن قەشقەردىكى يۇرت كاتتىلىرى ناھايىتى ھەشەم-دەرەم بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. بۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۆي-ئۆيلەردە ناھايىتى مول داستىخان ھازىرلاپ مېھمان قىلىش باشلىنىپ كىتىپتۇ. بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە، بىرىنىڭ....بىرىنىڭ زىياپىتى تۈگىسە يەنە بىرىنىڭ باشلىنىپ بۇ ئالىمنىڭ «ئۇھ» دىگۈدەك ھالىنى قويماپتۇ. شۇ تەرىقىدە ساق بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، قەشقەردە زىيارەت ۋە ئالىملار بىلەن زېكرى سۆھبەتلەردە بۇلارمەنمىكىن دەپ كەلگەن بۇ ئالىمنىڭ ئايىغى تۈگىمەس زىياپەتلەردىن ئىچى پۇشقان بىر كۈنى قەشقەردىكى ئاتالمىش كاتتىلارغا دەپتۇ:
ــ كەمىنە قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى ھەرقايسىلىرى پېقىرنى ناھايىتى ئىززەت-ئېكرام ۋە مول زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار...بۇجەرياندا سىلەرگە ئوخشاش يۇرت ئاتىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ، تار نەزەرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋالدىم. كەمىنىنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى شۇكى سانى بۇخارا (يەنى ئىككىنجى بۇخارا) دەپ ئاتالغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى پىيادە بىر ئايلىنىپ چىققۇم بار ئىدى. بىلمىدىم، بۇ ئارزۇيۇمغا يىتىشكە ئىمكان بېرىشەلىمىكىن؟!... ــ دەپ تۈۋەنچىلىك بىلەن سوراپتۇ. كاتتىلار بولسا بىردەك:
ــ ۋاي بولىدۇ!...قەشقەر سېلىدىن ئايلانسۇن! ــ دىيىشىپ مۇسا جارۇللانى باشلاپ قەشقەرنى ئايلىنىش ئۈچۈن پىيادە يول ئاپتۇ. مۇسا جارۇللا قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىش جەريانىدا قارىغۇدەك بولسا، قەشقەرنىڭ ئېگىلىرى بولمىش بىچارە مىللەت ناھايىتىمۇ بىقۇۋۇل، ئاجىز، ئەمما نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئېنگىلىز، روس، ششېۋىت....يەنە ئامبال، لويى، دوتەي دىگەندەكلەر ناھايىتى كۈرەڭ، تەكەببۇر ۋە ئۇششۇق تۇرغىدەك. ھەتتا بۇ تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا قەشقەرنىڭ يۇرت كاتتىلىرى بولمىش ھېلىقى شۇ كاتتىلارمۇ مۇشۇكنىڭ ئالدىدىكى چاشقاندەك لاغ-لاغ تىترەپ تۇرغىدەك. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىم قەلبىدىكى ئېچىنىش ۋە غەزەپنى تەستە بېسىۋېلىپ قەشقەر كوچىلىرىنى ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئايلىنا -ئايلىنا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بىېر خالتا كوچا ئېغىزىغا كىلىپ قاپتۇ. بۇ كىشى بۇ خالتا كۇچىغا قاراپ قەدەم ئالغانىكەن، ھېلىقى كاتتىلار:
ــ بولمايدۇ تەقسىز، بۇ كوچىغا زېنھار كىرمىگەيلا! ــ دەپ ئېلتىجا قىپتۇ. ئالىم ئۇلارنىڭ نىمىشقا بۇ كوچىغا كىرىشىنى توسقانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ:
ــ نىمە سەۋەپتىن بۇ كوچىغا كىرمەيمىز؟ ــ دەپ سوراپتۇ. كاتتىلار:
ــ بۇ كوچىغا پاھىشخانىلار ۋە ئەپيۇنخانىلار، شۇنىڭدەك قىمارخانىلار جايلاشقان. بۇ يەر سىلى بىزنىڭ كېلىدىغان يېرىمىز ئەمەس، شۇڭا سېلىنىڭمۇ كىرمىگەنلىرى تۈزۈك، ــ دەپ توسۇپتۇ.
ئالىم گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كاتتىلارمۇ ئامالسىز ئالىمنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بۇ كوچىغا كىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئالىم قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن بۇ كوچا پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانا... بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىكەن (ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى پاھىشخانا، ئەپيۇنخانا، قىمارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى باشقا مىللەتلەر ئىكەن). بىچارە ئۇيغۇر قىز-جۇۋانلىرى بۇ يەردە ئىتنىڭ كۈنىدە ياشاۋاتقان ئىكەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئالىمىنىڭ ئىچى سېرىلىپ، كۆزلىرىگە ياش ئولىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ بىر چەتتە چېھرىدىن چەكسىز خورلۇق ۋە مۇڭ تۈكۈلۈپ تۇرسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ، يالغان ناز قىلىپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان بىر دىلى سۇنۇق جۇۋاننىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. كاتتىلار «نىمە ئىش بولىدىكىن» دەپ قېزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا، ئالىم ھېلىقى جۇۋاندىن سوراپتۇ:
ــ ئى، بىچارە قىزىم، نىمە سەۋەپتىن بۇ يولغا كىرىپ قالدىڭىز؟
مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىمدىن مۇنچىلىك ئىللىقلىق كۈرۈپ باقمىغان بىچارە جۇۋان كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالماي سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەشكە باشلاپتۇ:
ــ مەن پالانى يېزىدىكى پۇكۇنى ئادەمنىڭ ئىككىنجى قىزى پۇستانىخان بۇلىمەن. مەن 14 ياشقا كىرگەن چاغدا ئانام سىل كىسىلى بىلەن قازا قىلدى. بىز چۆچۈرىدەك 4 بالا يىتىم قالدۇق. دادام بىچارە بىزگە ھەم دادا، ھەم ئانا بولۇپ، ھەم ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشىنى قىلىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدى. ئۈچىنجى يىلى ئاچامنى يېزىمىزدىكى بەگنىڭ ئوغلى ئاياق ئاستى قىلىپ، نومۇسىنى بۇلغاپتۇ. بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئاچام ئۆزىنى سىرتماققا ئېسىپ ئۆلۈۋالدى. دادام بەگ ئوغلىنىڭ ئۈستىدىن يامۇلغا ئەرز قىلسا، يامۇلدىكى لويىلار دادامنىڭ ئەرزىنى بەگكە يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بەگ مىنىڭ ئۈستۈمدىن يامۇلغا ئەرز قىلامدىغان، دەپ دادامنى غالچىلىرىغا قاتتىق ئۇردۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ تاشلاپ قويدى. بىز دادىمىزنى مىڭ مۇشەققەتتە يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇق. ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك بىساتىمىزنى سېتىپ، يەتمىسە جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ دادامنى تىۋىپقا كۆرسەتتۇق. داداممۇ ئاخىرى نىمجان بولۇپ ساقايدى... ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرز ئالمىدىڭلارمۇ دەملا؟ ئۇرۇق -تۇققانلاردىمۇ نەدىكى پۇل دەيلا؟... يۇرت كاتتىلىرى؟ ھېھ!... بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرت كاتتىلىرى دىگەن نىمىلەرنىڭ كاساپىتى بىلەن بولۇۋاتمامدۇ؟!... دادام جازانىخوردىن ئالغان قەرزنى تۆلەپ بولالماي تەڭقىسلىقتا قېلىپ مېنى جازانىخورغا تۇقاللىققا ياتلىق قىلدى. ئارىدىن يېرىم يىل ئۈتۈپ دادام رەھمىتىمۇ ئاچچىق يۇتۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككى قېرىندىشىمنىڭ بىرى بەگنىڭ مېلىنى باقىمەن دەپ جاڭگالدا ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئون-يىگىرمە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىچارىنىڭ ئۈلۈكىنى بىر توختام سۇنىڭ بويىدىن تېپىپ ئەكىلىپ بەردى. يەنە بىرى ھازىر قەيەردە ئۇقمايمەن. جازانىخور مىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن يېزىمىزغا بارسام، مەھەللىدىكىلەر مىنى تىللاپ پاتقۇزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز بۇ يەردە تىنىمنى سېتىش يولى بىلەن جان ساقلاۋاتىمەن،... ـــ جۇۋان ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىپتۇ. ئالىم تارام-تارام كۆز ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا جۇۋانغا بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:
ــ ئى، ناتىۋان قىزىم، سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن بويىڭىزنى سۇغا سالالامسىز؟ ــ دەپ سوراپتۇ. جۇۋان:
ــ بەزىدە سالالايمەن، بەزىدە سالالمايمەن... ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئالىم:
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىز ھەر قېتىم تېنىڭىزنى ساتقاندىن كىيىن چوقۇم بويىڭىزنى سۇغا سېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇ گۇناھىڭىزنى كەچۈرىدۇ، ــ دەپتۇ. ئالىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان كاتتىلار غۇلغۇلا قىلىشىپ:
ــ يا تەقسىر! بىر جالاپ خوتۇن زىنا قىلىپ، ئارقىدىن غۇسلى تاھارەت قىلسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ، دەپ قايسى كىتاپتا بار!؟....ئۇنداقتا ئۇنىڭ گۇناھى كىمنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىشىپتۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەن ھالدا.
ــ ئەلۋەتتە ھەرقايسىلىرىدەك يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ۋە ئۈزىنى ھەقىقى ئۇغۇل بالا ئەركەك ھىساپلايدىغان مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ گەدىنىگە يۈكلىنىدۇ، ــ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئالىم.
ــ نىمە سەۋەپتىن بىزگە يۈكلەنگۈدەك ئۇنىڭ گۇناھى؟
ــ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مەزلۇملارنى بىزدەك ۋە سىلىدەك يۇرت «ئاتا» لىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا قىلدى، سىلەر ئۇلارغا جايىدا ئىگىدارچىلىق قىلالماي، مۇشۇنداق خورلىنىشىغا قاراپ تۇرغاندىكىن، ئەلۋەتتە سىلەرگە يۈكلىنىدۇ... سىلەر ئۈزۈڭلارنىڭ ئېپپىتىنى جايىدا ساقلىيالمايسىلەر ــ يۇ، ئەجەبا مۇشۇ ناتىۋان ئايالنى «جالاپ خۇتۇن» دەپ ئىپپەتسىزلىكتە ئەيىپلەمسىلەر؟!... شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى، ئېپپەتنى ساقلاش يالغۇز ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى ئەمەس، سىلە بىزدەك ئەركەكلەرنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى... بەلكىم سىلەر ئۈزۈڭلارنى پاك دەپ دەۋا قىلارسىلەر، ناھايىتى ئەپسۇس، سىلەرنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭلار جالاپ خۇتۇندىن قىلچە پەرق ئەتمەيدىكەن، مەن قەشقەرگە كەلگەندىن بېرى بەزمە-زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدىڭلار، زىياپەتلىرىڭلارغا قارىسام، بىر-بىرىڭلاردىن مەنمەنلىك تالىشىپ، ناھايىتى ئىسراپچىلىق بىلەن داستىخان قىلدىڭلار، تەييارلانغان نازۇ-نىمەتلەر يېگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى تۈكۈۋېتىلدى. دەسلەپتە ئەل-يۇرت شۇنداق پاراۋان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم، لېكىن بۈگۈنكى ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەھۋال ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسكەن. خەلق نامرات، ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ. ئىلاجىسىز ئۆلۈۋېلىشقا، ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىۋېتىپتۇ. سىلەر بولساڭلار سېسىق كېكىرىپ يۈرۈپسىلەر، ئامبارلىرىڭلاردا نازۇ-نىمەتلەر يىگىلى ئېغىز يوق شۇ پېتى سېسىپ تۈگەۋېتىپتۇ. بۇ ۋەتەننىڭ ھەقداسى بولمىش ناتىۋان خەلق قۇلنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتۇ. مانا بۇ خورلۇق ئەمەسمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ جالاپ خۇتۇندىن پەرقىڭلار بارمىكەن؟! سىلەر شۇنداق غۇرۇسىز، ئارسىز بولغاچقا خەلق مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان. شۇنى بىلىشىڭلار كىرەككى، ئەرنىڭ ئېپپىتى ۋەتەن ۋە ئاياللارنىڭ ئىززىتىدە! كىمدەكىم، ۋەتىنى بىلەن ئاياللىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغدىيالمايدىكەن، شۇ كىشى شۇ كۈندىن باشلاپ جالاپ!!!
(بۇ يازما شىنجاڭ ئونۋېرستىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان روزمەمەت مۇتەللىپنىڭ
«مۇھەببەت» دىگەن كىتاۋىدىن كۈچۈرۈپ يوللاندى)
مەنبە: تورداش تورى