ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، مەن بۈگۈن ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن باشلاپ - تەڭشەپ ئىشلىتىشلەرگىچە تەپسىلى مەلۇمات بەرمەكچى ، كۆڭۈل قويغىنىڭلارغا رەھمەت ...
ئۇيغۇرئىكىس– ئۇبۇنتۇ
مەشغۇلات سىستېمىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم -ئەزىزلەر، بىرنەچچە يىلدىن بىرى ئۇبۇنتۇ ،ئۇيغۇرئىكىس دىگەن ئاتالمىلار بىلەن ئۇيغۇر توربىكەتلىرىدە تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى كۆپچىلىكنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى دىگەندەك تارتىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ .بۇتولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولدى .ئەسلىدە بۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىق ساھاسىدىكى قەدىرلەشكە تىگىشلىك يېڭىلىق ئىدى .نىمەئۈچۈن قەدىرلەنمىدى ؟ مەن بۇ سۇئالغا ئاددى قىلىپ مۇنداق جاۋاپ بىرىپ كەلدىم . ھەممىمىز كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى دىسە پەقەت ۋىندوۋىسنىلا تۇنۇپ كەلدۇق .شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرچىنى ئاساسەن قوللىمايدىغان بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالدۇق .ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي تۇنۇيدىغان ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىرەر قېتىم سىناپ كۈرۈشكەجۈرئەت قىلمىدۇق .سىناپ كۆرگەنلەر ۋىندوۋىسقا ئادەتلەنگەن مەشغۇلات ئۇسۇلىدىن چىقىپ كىتەلمەي ،تەڭشەشلەرنى ياخشى ئېلىپ بارالماي ،ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىگىنى كۈرۈپ بولالماي ۋاز كەچكەندەك قىلىمىز .
مەن بۇ يازمىنى تۈۋەندىكى سەۋەپلەر بىلەن تەييارلاۋاتىمەن .
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز . ئۇيغۇرچىنى خەلىقئارالىق تىللار قاتارىدا تۇنۇيدۇ. ۋىندوۋىسنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان نۇرغۇن نوقسانلىرىغا خاتىمە بىرىلگەن . يېزىق كىرگۈزگىلى بولىدىغان ھارقانداق يەرگە ئۇيغۇرچىنى باشقا تىللارغا ئوخشاشلا يازغىلى بولىدۇ . ھەرقانداق يەردە ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى ئۆلچەملىك كۆرگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇرئىكىس ۋە ئۇبۇنتۇ ئەمىلىيەتتە بىر گەپ .پەرقى: ئۇبۇنتۇ بولسا خەلىقئاراغا ئورتاق تارقىتىلغان سېستىما ھۆججىتى . ئۇيغۇرئىكىس بولسا ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ تارقاتقان نۇسخا . مەيلى قايسىنى قاچىلىمايلى ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .
بۇ سېستىمىنى قاچىلاش ۋىندوۋىسنى قاچىلاشقا ئوخشىمايدۇ .(ئاددى) مەن ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش ۋەتەڭشەش ھەققىدە مۇنداق مەزمۇنلارنى تەييارلىدىم . پايدىلانغايسىلەر.
ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلىتىش نىيىتىگە كىلىشىڭىز ئۈچۈن مۇنداق باھانە سەۋەپنى كۆرسىتىمەن. بىر كومپىيۇتىرغا ۋىندوۋىس ۋە ئۇبۇنتۇنى قوش سىستېما قىلىپ قاچىلىۋېلىش سىزگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدۇ .قىلچىلىك زىيان سالمايدۇ .
سىز بۇ باھانە سەۋەپتىن گۇمان قىلماسلىقىڭىز كېرەك .ئاندىن ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنىڭ ۋىندوۋىس ئىشلىتىشتىن ئاسان ئىكەنلىگىگە ئىشىنىشىڭىزكېرەك .قەتئى نىيەتكە كەلگەن چېغىڭىزدا تۈۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە قاچىلاش ۋە تەڭشەش مەشغۇلاتلىرىنى داۋانلاشتۇرسىڭىزلا ، ئىكرانىڭىزدا ئەزەلدىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ھەقىقى ئۇيغۇرچە سىستېمىنى كۈرەلەيسىز .تەخمىنەن ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايدىن كىيىن ۋىندوۋىستىن ئاغرىنىش ھىسياتى پەيدابولىدۇ . سىز پەقەت ئۇيۇنخۇمار ئادەم بولمىسىڭىزلا .
ئەمىسەباشلاڭ ! ئالدى بىلەن ubuntu-12.04.2-desktop-i386.iso نى ياكى uyghurix1.0.iso نى چۈشۈرۈڭ .(قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نۇسخسى azade-uyghurix 1.4 نى چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مەنزىل auyghurix.com ) بۇنى گۇگىل ئىزدەش ماتۇرىدىن ئىزدىسىڭىزلا چۈشۈرەلەيسىز . ياكى مۇنۇ ئادرىسدىن چۈشۈرۈڭ : http://www.qutbeg.com/?page_id=2 بۇ يەردە ئۇبۇنتۇنىڭ ھەرخىل نۇسخىلىرى بار ، ئەڭ مۇنتىزىم نۇسخىسى ئۇبۇنتۇ 12.04.2 . كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولسا 12.10 ياكى 13.04 نى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ .
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قانداق ئۇسۇلدا قاچىلاپ ئىشلىتىشنى قارار قىلىڭ . ۋىندوۋىس ئىچىدە مەۋھۇم سىستېما قىلىپ قاچىلامسىز؟ (كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى ئىلغارراق بولسا ، ياخشى ئىشلەيدۇ )
ۋىندوۋىس بىلەن قوش سىستېما قىلىپ قاچىلامسىز ؟ (سىزنىڭ ئەسلىدىكى سىستېما ۋە باشقا ھىچنەرسىڭىزگە تەسىر قىلماستىن قاچىلىنىدۇ .)
كومپىيۇتىرىڭىزغا ئۇبۇنتۇنى ئايرىم قاچىلاپ ئىشلىتەمسىز؟
ئۇبۇنتۇنى قاچىلىماستىن سىناپ ئىشلىتەمسىز ؟
ئۇبۇنتۇنى بارماقدىسكا ياكى كۆچمە دىسكىغا قاچىلاپ، بىخەتەر ئىشلىتەمسىز ؟
تاللىۋېلىڭ!
ۋىندوۋىس ئىچىگە مەۋھۇم سېستىما قىلىپ قاچىلاش ئۇسۇلى xp virtualbox , win7 virtualbox , win8 virtualbox دىگەنلەرنى ئۈزىڭىزگە ماس ھالدا ئىزدەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ . ياكى بۇ دىتالنى مۇنۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ http://yunpan.cn/QnSPEUkWIG6FI قاچىلانغاندىن كىيىن virtualbox نى قوزغىتىڭ .
新建نى بېسىڭ
بىرىنچى رامكىغا ubuntu دەپ يازسىڭىز ، ئاستىدىكى رامكىلار ئاپتۇماتىك تاللىنىدۇ . ياكى قولدا تاللاپ بەرسەك بولىدۇ . 下一步 قىلىمىز ...
كۆڭۈلدىكى ھالەتكە تەگمىسەكمۇ بولىدۇ ، 下一步 قىلىمىز ...
رەسىمدىكىدەك تاللاپ 创建 قىلىمىز ...
ھەرخىل تاللاشلار بار ، رەسىمدىكى ھالەتتە بولسىمۇ بولىدىكەن ( مەنمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ) 下一步 قىلىمىز ...
下一步 قىلىمىز ...
بۇ يەر مۇھىم ، سىز مەۋھۇم دىسكا رايۇنىنى C دىسكىغا (سىستېما رايۇنىغا ) قويماڭ . باشقا دىسكىلارغا خالىغان يەرگە بەلگۈلىسىڭىز بولىدۇ . ئاز بولغاندا 8گىگابايىت بولسۇن ، ئەھۋالغا قاراپ قانچىلىك چوڭ قىلسىڭىز بولىدۇ . دىسكىڭىز يەتكەنگە قەدەر . ئورۇننى بەلگۈلەش ئۈچۈن ، ئۈستىدىكى رامكىنىڭ ئودۇلىدىكى قىسقۇچ سىنبەلگۈسىنى چىكىپ ، قۇيىدىغان ئورۇننى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ . 创建 قىلىمىز ...
مەۋھۇم سىستېما قاچىلايدىغان دىسكا قۇرۇلدى ، ئەمدى ئۇبۇنتۇنىڭ قايسى نۇسخىسىنى قاچىلاش ۋە بىرقىسىم تەڭشەشلەرنى قىلىمىز . 设置 نى باسىمىز ...
بۇ يەردىن 存储نى باسىمىز...
بۇ يەردە كۈرۈنگىنى بولسا ئۈستىدىكى مەۋھۇم نۇردىسكا ، ئاستىدىكى مەۋھۇم قاتتىق دىسكا . مەۋھۇم نۇردىسكىنى چەكسەك رەسىمدىكىدەك كۈرۈنىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى -----第二IDE دىگەننىڭ ئوڭ يېنىدىكى نۇردىسكا سىنبەلگۈسىنى چىكىپ ، بىز چۈشۈرۈۋالغان ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇرئىكىس سىستېما ھۆججىتىنى تاللاپ بىرىمىز .
تاللاپ بەرگەندىن كىيىن 确定 قىلىمىز ... ئاندىن 启动نى چىكىمىز .
تاللىغىنىمىز ئۇيغۇرئىكىس 1.0 بولسا مۇشۇنداق كۈرۈنىدۇ . ( ئارلىقتا ئەسكەرتمە ئۇچۇرلار چىقسا نەزەرگە ئالماڭ .) بۇ يەردىن 2 - نى تاللايمىز - يەنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تاللايمىز .
بۇ كۆزنەك ئېچىلىدۇ ، سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ ...
بۇ قاچىلايدىغان تىلنى تاللاش رايۇنى ، بۇ يەردە 150 خىلدىن ئارتۇق تىل بار ، بىز ئۇيغۇرئىكىس 1.0 نى قاچىلىغان ۋاختىمىزدا بۇ يەردە مەيلى قايسى تىلنى تاللىمايلى سىستېما ئۇيغۇرچە قاچىلىنىدۇ . (ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى سىستېما ھۆججىتىنى ئىشلەتكەن بولسا تاللىغان تىلنى ئاساس قىلىپ قاچىلايدۇ ، ) ئۇيغۇرچىنى تاللايلى ... ( سىز ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاللىغان بولسىڭىز ئۈستىدىكى مۇشۇ كۆزنەك چىققانغا قەدەر ھىچنىمىگە تەگمەڭ، پەستىكى باسقۇچلار ئورتاق )
بۇ يەردىن ئۇبۇنتۇنى ئورنىتىمەننى تاللايمىز ...
بۇ يەنە ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نوقتا ... ئەگەر سىز ئىشلىتۋاتقان تور توربۆلگۈچتىن چىققان بولسا ( لىۇيوۋچىدىن چىققان بولسا) ، ئەسلىدە نۇرمال ئىشلىۋاتقان بولسىڭىز ، رەسىمدىكىدەك كۈرۈنىدۇ . تورنىڭ سۈپىتى تازا ئىشەنچىلىك بولمىسا تور سىمىنى ئېلىۋېتىڭ ، تورىڭىز نۇرمال بولسا مۇشۇ يەردىكى تاللايدىغان يەرنىڭ ھەممىنى تاللاڭ . ئەگەر ئىشلىتىۋاتقان تور تىزىملىتىپ كىرىدىغان تور بولسا ، مۇنداق تەڭشەيمىز ...
يەنى ئىكراننىڭ ئۈستى تەرەپتىكى تور سىن بەلگۈسىنى چىكىپ ، چىققان تىزىملىكتىن ئەڭ ئاستىدىكىنى تاللايمىز ...
مەسىلەن سىملىق كەڭ بەلۋاغلىق تور بولسا ، DSL نى تاللاپ ، Add (قوشۇش) نى چىكىمىز ...
بۇ يەردە ئەڭ ئۈستىدىكى رامكىغا ئىختىيارى ئىسىم قويۇمىز ، پەستىكى 3 دانە رامكىنىڭ بىرىنجىسىگە بىزنى تور بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ بەرگەن ئىشلەتكۈچى ئاتى ( كەڭ بەلۋاغلىق تور نومۇرى ) نى يازىمىز ، ئىككىنجى رامكا بوش قالىدۇ . ئۈچىنچى رامكىغا كەڭ بەلۋاغلىق تورىمىزنىڭ ئىناۋەتلىك مەخپى نومۇرىنى يازىمىز . ئاندىن wired (سىملىق) نى چىكىمىز...
بۇ يەردىن Device MAC address (ئۈسكىنە ماس ئادرىسى) دىن كۈرۈنۈپ تۇرغان مودىمنىڭ ئادرىسىنى تاللاپ قۇيىمىز . ساقلاش ( Save ) نى باسساق تامام .
تورغا ئۇلانسا ئۈستىدىكى تور سىنبەلگۈسى بىربىرىگە قارشى قوشماق يۈنىلىش بەلگۈسىگە ئۆزگۈرىدۇ . مۇشۇ يەردىن ھەممىنى تاللاش قىلىپ داۋاملاشتۇرۇشنى باسىمىز ...
كۈڭۈلدىكى ھالەتكە تەگمەستىن داۋاملاشتۇرىمىز ...
بۇ يەردە كۆڭۈلدىكى ھالەتتە بىز قۇرغام مەۋھۇم دىسكىنىڭ سىغىمىغا ماس سان كۈرىنىدۇ . تەگمەستىن داۋاملاشتۇرىمىز ...
بۇ يەردىن ئۇرۇمچى ياكى قەشقەرنى تاللاپ بەرگىلى بولىدۇ ...ۋەياكى باشقا يەرنى تاللىسىمۇ بولىدۇ ، بۇ ۋاقىت رايۇنىنى بەلگۈلەپ بەرگىنىمىز ، ئۈرۈمچى ۋاختىنى ئىشلەتمەكچى بولساق ئالمۇتانى تاللىساقمۇ بولىدۇ . داۋاملاشتۇرىمىز ... ھەرىپ تاختا تاللايدىغان ئورۇن چىقىدۇ - ھەرىپتاختا ئۈچۈن Englishus نىتاللاپ ، كىرگۈزگۈچ قاتارىدىن (english(us international with dead key نىتاللىساق بولىدۇ .
بۇنداقبولغاندا لاتىنچە ھەرىپ بىلەن ئىپادەقىلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىمۇ يازغىلىبولىدۇ . ( نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى تاللىمايمىز دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن ، سەۋەبى تور ئادرىسلىرى ئۈچۈن لاتىنچە يازمىساق بولمايدۇ ئەمەسمۇ ؟ لېكىن سىستېمىغا كىرگەندىن 150 خىل تىلغا ماس كىلىدىغان كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەممىنى تاللىغىلى بولىدۇ ) بۇ تىمامدا يوللىغىلى بولىدىغان قۇشۇمچە ھۆججەت ( رەسىم ) چەكلىمىسى تۇشۇپ قالدى ، كىيىنكى باسقۇچلارنى يېزىق ئارقىلىق بىر قۇرۇپ ئىزاھلاپ قۇياي ... داۋاملاشتۇرۇشنى باسساق ، ئىشلەتكۈچىنى تىزىملايدىغان كۆزنەك چىقىدۇ ، ئىشلەتكۈچى نامىمىز ، كومپىيۇتېرنىڭ ئىسمى ۋە مەخپى نومۇرىمىزنى ئىىتىيارى بەلگۈلەيمىز . سىستېمىغا كىرگەندە ئىم سورىسۇننى تاللاپ قويساق ياخشىراق . بۇ باسقۇچلاردىن كىيىن سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندا سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ . enter قىلسىڭىز سىستېما قايتا قوزغىلىدۇ . ئەگەر يەنىلا نۇردىسكىدىن قوزغىلىۋالسا ، مەۋھۇم نۇردىسكىدىكى دىسكىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ . بۇ قېتىم تۇنۇشتۇرغىنىم ئۇيغۇرئىكىس1.0 نى ئاساس قىلدى . ئۇبۇنتۇ نى قاچىلاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش . كومپىيۇتېرغا ھەقىقى قاچىلاش ۋە تەڭشەش باسقۇچلىرىنى 2- قىسىم يازمامدىن كۆرگەيسىلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-26 12:27 PM
|