kuktulpar يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 09:52 AM
دەججال لەيىننىڭ چىقىشىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. بۇ بالا را ...
مىنىڭ ئاڭلىشىمدا :
دەججال كىچىچە ئىشىكىگە توقۇم توقۇيدىكەن ، بامداتقا ئەزان چىقىشى بىلەن توقۇمى چۇۋۇلۇپ كىتىدىكەن .
كىيىنكى ئاخشىمى يەنە توقۇيدىكەن .... تاكى ئەزان توختىغان ۋاقىتتا توقۇمى پۈتۈپ ئىشىكى بىلەن چىقىدىكەن .
ئىشەك شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ بىر كالپۇكى يەرنى - بىر كالپۇكى ئاسماننى يالاپ ماڭىدىكەن.
شۇنداق نەغمە - ناۋا بىلەن ماڭسا ناغمە - ناۋاغا ئامراق كىشىلەر چىقىپ ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا چۈشۈپ كىتىدىكەن ، ( تىرناقنى بوسۇغىدا قويۇڭ دىگەن گەپنىڭ قاراتمىلىقى ئەسلى مۇشۇ چاغدا تىرناق بوسۇغىدىن كۆكلەپ چىقىپ دەججالنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن توسۇيدۇ دىمەكچىكەن ) .
ئاندىن ئاسماندىن ئەيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ نەچچە مىڭ گەز ئىگىزلىكتە سەكرەپ ھاسسا بىلەن ئىشەكنىڭ ھوشۇقىغا ( ئىشەك بەك ھەيۋەت بوغاچقا ئاران شۈنچىلىك يېرىگە ئۇرالايدىكەن ) ئۇرىدىكەن ، ئاندىن ئىشەك ئاقساپ قالىدىكەن ، ( بەزى رىۋايەتلەردە مارالبېشىنىڭ ئاقساقمارال دىگەن يېرىدە ئاقساپ قالىدۇ دەيدىكەن ) .
دەججال ھەقىقەتەن بىر كۆزلۈك تەلەتى سەت بولۇپ پەيدا بولىدىكەن ....
بۇلار مىنىڭ ئاڭلىغان رىۋايەتلىرىم ، بۇنى پەقەت بايان قىلدىم ئەمما چوقۇم مۇشۇنداق بولىدۇ دىمەكچى ئەمەس .
مەن دەججالنىڭ تۇرقىنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەم ئوقۇغان ئەمما تۇغۇلىدىغان ياكى تۇغۇلماستىنلا پەيدا بولىدىغانلىقنى ئېنىق ئۇقمايدىكەن ھەم كىسىپ بىرنەرسە دىيەلمەيمەن .
بۇنىڭغا كىسىپ ھۆكۈم قىلغان تورداشلار ئامال بار مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك سۈرە - ھەدىسلەرنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىسەڭلار بوپتىكەن .