ئىنكاسلارنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ چىقتىم.مەن خىلى بولدى ئاخىر زامان ئالامەتلىرى ھەققىدىكى ماتىرىياللارنى ئىزدەپ يۇرۇپ كۆرىۋاتىمەن. ئالدى بىلەن دوستلار بىلەن دەججال ھەققىدىكى ھەدىسلەر بىلەن ئورتاقلاشساق.دەججال ھەققىدىكى ئۇقۇم كۆپرەك ئوتتۇرىغا چۈشسىكەن دىگەن ئۆمۈتتىمەن.
ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆز قارىشىمنى ئىيتسام،بىزگە سەھىھ ھەدىس بولۇپ يىتىپ كەلگەن جەددال ھەققىدىكى ھەدىسلەر بەلكى سىموۋۇللۇق بولۇشى مۇمكىن. مەن مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم.ئەگەر ‹‹تاق كۆزلۈك،كۆزى ئۈزۈمدەك پۇلتىيىپ چىققان،پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ك ف ر دىگن خەت بار››بىر ئادەم ئالدىمغا كىلىپ ھەرقانچە كارامەتلىرىنى كۆرسەتسىمۇ مەن ئۇنىڭغا ئەگەشمەيمەن.چۈنكى يۇقىرىدا سۈپەتلەنگەندىن باشقا سۈپەتلىرى تامامەن ئىنسان شەكلىدە بولسا،بىر ئىنسان قانداقلارچە ئالىملار ئۈزۈلۈپ قالماي چىقىۋاتقان دەۋرىمىزدە بىرمىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلماننى نىمىسىگە تايىنىپ قانداقسىگە ئۆزىنىڭ پىتنىسىگە مۇپتىلا قىلالايدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبىرىمىز دەججالنىڭ فىتنىسىدىن پاناھ تىلەشنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.نىمىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان؟چۈنكى ئۇنىڭ فىتنىسىنىڭ سەۋىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۈستۈن بولىشى مۇمكىن.بىر ئىنساننىڭ فىتنىسىنىڭ سەۋىيەسى ئەڭ زور دىگەندە قانچىلىك بولار؟قانچىلىك ۋاقىت پۇت دەسسەپ تۇرالار؟ پەيغەمبىرىمىزدىن كىيىن قانچىلىك ئىغىر پىتنىلەر مەيدانغا كەلدى؟قانچىلىك ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى؟ (قارىشىمچە) ئەجابا يىقىرىدىكىدەك ‹تاق كۆزلۈك،كۆزى ئۈزۈمدەك پۇلتىيىپ چىققان،پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ك ف ر دىگن خەت بار› سۈپەتلەر بىلەن بىر ئادەم ئۇتتۇرىغا چىقسا،بۇ سۈپەتلەرنى پەيغەمبىرىمىز 1400يىل بۇرۇن بىزگە خەبەر قىلىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ دىمەك سۈپەتلىرى شۇنداق ئوچۇق تۇرسىمۇ بىر مىليارددىن ئارتۇق مۇسۇلمان قانداقسىگە ئۇنىڭ پىتنىسىگە ئۇچرايمىز؟مەن يەنە مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلدىم،پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ فىتنىسىگە ئۇچراش ئۈچۈن بەزى شەرتلەرنى ھازىلىشى مۇمكىن.مەسىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئارىلىشىپ كىتىشىمىز مۇمكىن،ئۇنىڭدىن خەۋپسىرەش ئۇخلاپ چۈشۈمىزگە كىرمەسلىكى مۇمكىن،ھەتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ كىتىشىمىز مۇمكىن.بەلكى ئۇ بىزگە ئوخشاش بىئولوگىيىلىك مەخلۇق بولىشى مۇمكىن،ۋە ياكى جانسىز ئۆزگىچە بولغان بىر مەخلۇق بولىشى مۇمكىن.بەلكى ئۇ ئللىقاچان ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغاندۇر. بەلكى ئۇ مىدىيە ئاممىۋى ئۇچۇر، كۆپ ئىقتىدارلىق ئاخبارات ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىلىرى بولۇپ قالسىچۇ؟شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ‹تاق كۆزلۈك› ئىكرانغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئۇنىڭ پىشانىسىنىڭ ئوتتۇرىدا‹SAMSUNG ›دىگەن خەت تۇرۇپتۇ.........
بىلگۈچى يىگانە ئاللاھتۇر.رەببىم ساڭا سىغىنىپ دەججالنىڭ فىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن.