hurmet يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 06:39 PM
ئىنكاسلارنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ چىقتىم.مەن خىلى بولدى ئ ...
ئاڭلىسام دەججال پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغاندا يەنى كىشىلەر ئۇنى تىلغا ئالمايدىغان ۋاقىتتا ، ئالىملارمۇ ئۇ توغۇرلۇق ھېچقانداق ئىزدەنمەيدىغان ۋاقىتتا ئاندىن مەيدانغا چىقىدىكەن . پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەۋەر بېرىلىشىدە دەججال چىققان كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك تۆتىنچى كۈنى بىزنىڭ مۇشۇ بىر كۈنىمىزدەك ئۆتىدىكەن . ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەگىشىپ كېتىشى ئۇنىڭ كارامىتىڭ يامانلىقىدا ئىكەن . ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ھەتتا شەيتان لەنىتىمۇ ئۇنىڭ شاگىرتىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن . چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بىر قانچە خىسلەتلەرنى بەرگەنىكەن . مەسىلەن:ئاسمان زىمىننى كونتىرول قىلىش ، بىر قولىدا جەننەتنى بىر قولىدا دوۋزاخنى كۆتۈرۈپ چىقىش دىگەندەك . بۇلتۇر تېخى 2012-يىلى قىيامەت بولۇپ ئۈچ كۈن قۇياش چىقمايدىكەن دەپ تالاڭ - بۇلاڭ بىر نەرسە ئېلىۋاتقىنىنى كۆرگەنسىز بەلىكم . كىچىككىنە بىر ئىشقا شۇنچە ئادەم ئىشىنىپ كەتكەن يەردە ، راسلا شۇنداق ئاسمان - زىمىننى كونتىرول قىلالايدىغان بىرسى چىقىپ مەن پەيغەمبەر (ھەتتا كېيىنچە خۇدالىق دەۋاسىمۇ قىلىدىكەن) دىسە ر1 يېرىم مىليارد مۇسۇلماندىن قانچىسى ئەگىشىپ كېتىدۇ بىر نىمە دىمەك تەس . ئۇ ۋاقىتتا ھەق يولدا تۇرۇش خۇددى قولىدا چوغنى تۇتقاندەكلا تەسلىشىپ كېتىدىكەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىمانىدا زىيادە قىلسۇن.