mator يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 02:13 PM
ئەمىسە قايسى ئۇيغۇر ئايال زاتى تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىن ...
سۇتۇق بۇغراخان - تۇنجى ئىمان ئېيتقان ئۇيغۇر خاقان(910-يىلى،ئىسلام دىنىنى قاراخانىيلار سۇلالىسى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن.)
ئەمما،بۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن مۇسۇلمان بولغانلار (ئەر ياكى ئايال) يوق دېيىشكە بولمايدۇ.
چۈنكى:7-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا،ئەرەب ئىمپىرىيىسى پارىسلارنى(ئېران) ڧەتىھ قىلغاندىن كېيىن،ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا بىر يۈرۈش ڧەتىھ ئېلىپ بارغان.
مۇشۇ دەۋىردە ،بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىمان ئېيتقان.مەن بىر مىسال كەلتۈرەي:
«ئىككىنچى ئۇستاز»دەپ تەرىپلىنىدىغان-ئەبۇ ناسىر ڧارابى.
بۇ زات 870-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،ئاتا- ئانىسى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلاردۇر.
سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن،ئۆزى ۋە ئوغلى موسا ،2ئەۋلات خاقاننىڭ بىر يۈرۈش جەڭلىرى بىلەن،ئىسلام دىنى پۈتۈن خانلىققا تارالغان. (تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىدىكى ئۇيغۇرلار،ئۆز ۋاقتىدا ئىدىقۇت خانلىقىغا تەۋە بولۇپ،بۇ رايۇن بۇددا دىنىدا تۇرغان،1393-يىلى خىزىر خان (تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى)تەرىپىدىن ئىىسلامغا قايتقان)
قاراخانىيلار سۇلالىسى،كىيىنچە شەرقى ۋە غەربىي دەپ 2گە بۆلۈنۈپ كەتكەن.شەرقى قاراخانىيلار قەشقەرنى مەركەز،غەربىي قاراخانىيلار سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان.
شەرىقى خانلىق 1211-يىلى غەربىي قىتان سۇلالىسى تەرىپىدىن،غەربىي خانلىق 1212-يىلى خارەزىم شاھ تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
يۇقارقى 2 سۇلالە بولسا: چىڭگىزخان تەرىپىدىن يوقىتىلغان.ھەمدە ئۇ زېمىىنلار 2-چى ئوغلى چاغاتايغا بېرىلگەن.شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا چاغاتاي خانلىقى ھاكىمىيەت سۈرگەن.
چاغاتاينىڭ ئەۋلادى تۇغلۇق تۆمۇرخان دەۋرىگە كەلگەندە: تۇغلۇق تۆمۇرخان ئىمان ئېيتتقان ھەمدە خانلىق تەۋەلىگىدىكى پۈتكۈل مۇڭغۇللارنى ئىسلامغا كىرگىزگەن.شۇڭا مۇسۇلمان تارىخچىلار بۇ خانلىقنى «مۇغۇلىستان» دەپمۇ ئاتايدۇ.
تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن،خانلىق 2گە پارچىلانغان.(يەنى شەرىقى چاغاتاي خانلىقى ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقىغا )
شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرى سەئىدىيە خانلىقىغا تۇتىشىدۇ.غەربىي چاغاتاي خانلىقى- ئەمىر تۆمۈر (ئاقساق تۆمۈر) تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مەشھۇر «تۆمۈرىيلەر خانلىقى» ئىگەنلىگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا godfather تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-30 12:23 AM