مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: خەنجىرى

بەختسىز قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 09:16:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(داۋامى)
ئىككىنچىباب
قىز بىلەن كۈرۈشتۈم
ئەمدى ماقۇللۇق بىلدۈرگەنكەن ئىكەنمەن، قىز بىلەن كۈرۈشمىسەم بولمايتتى. مانا ئەمدى بولسا مەن ئۆمرۈمدە يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئەمما چىرايىنى بىر قېتىممۇ كۈرۈپ باقمىغان قىز بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈن – كىلەر يەكشەنبە تىز سۈرئەتتە يىتىپ كەلمەكتە ئىدى. مىنىڭ شۇ چاغدا ئىدارىدا قىلىدىغان ئىشلىرىم جىددى بۇلۇپ، بىر كۈنلۈك رۇخسەت بىرىلىشىمۇ تەس ئىدى. ئەمما مىنىڭ مەقسىتىم بولسا بىرەر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ، قىز بىلەن كۈرۈشۈش باھانىسىدا كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش ئىدى. باشلىقىمنىڭ ئالدىغا ئازراق سوۋغا-سالام بىلەن بارايمۇ ياكى مىجەزىم يوق، دەپ كىسەللىك ئىسپاتى ئەكىلىپ بىرىشىم كىرەكمۇ؟ ئالدىمىزدا تەكشۈرۈش بار دەپ جىددى تەييارلىق قىلىۋاتساق، باشلىق رۇخسەتنى....
كىلەر يەكشەنبىگە ئاز قالغان، ئەمما كىلىدىغان تەكشۈرۈشتىن ھېچ خەۋەر يوق ئىدى. ‹‹قېنى ئاۋال تەييارلىقنى قىلاي›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە تەكشۈرۈشنىڭ بىزنىڭ ئىدارىگە كەلمەي باشقا يېزا-بازارغا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر كەلدى. مەن شۇ زامات ئالىي دەرىجىلىك ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ بېرىپ باشلىقتىن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سورىدىم. باشتا بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلىغان باشلىق سەل قاپاقلىرىنى تۈردىيۇ، لىكىن ياندا تۇرغان ئىككى بوتۇلكا ئالىي ھاراققا قاراپ قۇيۇپ رۇخسەت بەردى. مەن ئالدىراشلا ئۆيگە بېرىپ، ئايالىمغا ئەتە ئەتتىگەندە باشقا بىر ناھىيىگە خىزمەت ئىشى بىلەن بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئىشلارنى بىر قۇر تاپىلاپ قۇيۇپ يېتىپ قالدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئايالىم بىلەن بالىلىرىمغا ئازراق خەج-خىراجەت قالدۇرۇپ قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن ئايالىم بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە چىقتىم. ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇچۇر يېزىشقان چاغلارنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇ قىز توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم. قىز قانداقراق قىزدۇ، نەچچە ياشلاردا باردۇ، چىرايى قانداقتۇ؟! مەن ئەنە شۇنداق ھىس-تۇيغۇ ئىچىدە داۋاملىق ئويلانماقتا ئىدىم. راست گەپنى قىلسام، تىلىفۇندا ئۇچۇر يېزىشىپ ھەم پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى سورىماي، ئۆزۈمنىڭ ھال-ئەھۋالىدىنلا مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار قىلغان ئىدىم. مەن ئۇ تۇرۇشلۇق ناھىيىگە بېرىپ بىردەم ئىككىلىنىپ قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم. ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن كەچتە بۈگۈن كىلىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىۋەتكەن بولغاچقا، بۈگۈن كىلىشىمدىن خەۋىرى بار ئىدى.
تىلىفۇن ئۇلاندى:
-دۈت....دۈت....
بىردەمدىن كىيىن تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ئۆزۈمنى قىسقىغىنا تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ئېيىتتىم. مەن ئۇنىڭغا بىر قارا تاشلىق خاتىرىنى بەلگە سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم. پەرىزىمچە ئارىدىن يىگىرمە مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەندە يىگىرمە ئىككى ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق ھەم نازۇك بىر قىز مىنى شەرەتلەپ كىتاپخانا سىرتىغا چىقىشىمنى ئېيىتتى. سىرىتقا چىقىپ قىز بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئۇ مىنىڭ چىرايىمغا قاراپ مىنىڭ يىراق يەردىن كەلگىنىمنى پەرەز قىلدى بولغاي، سۇيۇق-سەلەڭ تاماق بۇيرۇتتى. بىرەر تالدىن سوغوق ئىچىملىك بۇيرۇتۇشنى ھەم ئۇنتۇپ قالمىدى. بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇشىمىزغا تاماقمۇ كەلدى. مەن تاماق يەۋاتقاچ قىزغا قايتىدىن سەپسېلىشقا باشلىدىم. قىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق چىرايلىق، چاچلىرىنى ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس قۇيىۋالغان، نازۇك ھەم يۇمران ئۇماق ئىدى. بىرەر سائەت تاماق يىيىش بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتتى. چۈشتىن كىيىن بىللە بازار ئايلاندۇق. مەن تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم: بۇ قىز نىمىدىگەن چىرايلىق! ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە؟! پەقەت بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاخشام بولسىمۇ بىرگە....
بىز شۇ تەرىقىدە ئۈچ- تۆت سائەت بازار ئايلىنىشىمىزغا كەچ بولدى. ئۇ مىنى بىرەر سائەتتىن كىيىن ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاكسى توسۇپ كىتىپ قالدى. مەن دەرھال ياتاق ئېلىۋىتىپ تاماق يىيىشكە ئاشخانىغا ماڭدىم. تاماق يەپ بۇلۇپ ساپ ھاۋادا بىردەم نەپەسلەنگەندىن كىيىن قىزغا تىلىفۇن قىلدىم. بۇ ۋاقىت 12-ئايلارنىڭ باشلىرى بولۇپ چۇشتىن كىيىن ئالتىلەر بىلەنلا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولاتتى. مەن قىزغا ھەمرا بولغاچ كەچلىك بازارنى ئايلاندىم. رەڭگارەڭ چىراقلار يېنىپ كوچىلارنى يورۇق ھەم رومانتىك قىلىۋەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ كىتىۋاتقاندا يولدا ئانچە كۆپ ئادەم قالمىغان بولۇپ، باشقىلار بىزگە دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيتتى. بىز گوياكى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇققا ئوخشاپ قالغانىدۇق. مەن قىزغا قايتىدىن قارىدىم، قىز بايىقىدىنمۇ بەكرەك گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ كىتىۋاتقاندا قىز تۇيۇقسىز يۇمران قوللىرى بىلەن قولۇمنى كاپپىدە تۇتتى-دە، ماڭا قاراپ بىرنى كۈلۈپ قويدى. شۇ زامات ۋۇجۇدۇم بىر ئىللىق سىزىم بىلەن تولۇپ، ئۇنىڭ ئاشۇ نازۇك ھەم يۇمران قوللىرىنى بىلىندۈرمەي ئاستا سىلاشقا باشلىدىم. ئاھ... مەن ئۇنىڭ بىلەن....! ئۇنىڭ ئايالىمنىڭ ئۈستىگە ئالايمۇ ياكى ئايالىمنى قويىۋىتىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلايمۇ؟! مۇشۇنداق بىر گۈزەل قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرسام ئۆلسەممۇ ئۇدۇنياغا ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم! دەپ خىيال قىلدىم ئىچىمدە. تۇيۇقسىز توك سوقىۋەتكەندەك بۇلۇپ، خىيالىمدىن قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا دىدىم:
-سىڭلىم، بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى. ئۆيىڭىزگە قايتىپ كىتىڭ، بولمىسا ئاتا-ئانىڭىز ئەنسىرەيدۇ.
-مىنىڭ ئاتا-ئانام يوق.
-ئۇنداقتا كىم بار؟
-بىر ئىنىم بار.
-ئۇنداق بولسا ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، قىز بالا دىگەن سىرىتتا بىر ئەر كىشى بىلەن بىللە يۈرسە ئەپلەشمەيدۇ. ئىنىڭىز ئەنسىرەپ كەتمىسۇن!
ئۇ قىز گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىر ھازاغىچە ئويغا چۈشكەندىن كىيىن:-ئەمىسە مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ، دىدى كۈزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ. مەن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. قىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ھازىر كەلگەن تاكسىدا قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋىدىم، قىز  قونۇپ   قېلىشىمنى ئېيىتتى. مەن قىزغا دىدىم:
-سىڭلىم، مەن بۇ يەرگە كىلىپلا ياتاق ئېلىپ قويغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بىر يات ئەر كىشى بىلەن بىر ئۆيدە ياتسىڭىز باشقىلار نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟
ئۇ ماڭا قىيمىغان ھالدا ئۇزۇتۇپ قويدى. ئەتىسى تىلىفۇننى ئىتىپ قويۇپ چۈشكىچە ئۇخلىدىم. ئاندىن ئۈزۈم يالغۇز بازار  ئايلانغاچ ئۆيدىكىلەرگە لايىقىدا سوۋغات ئېلىپ ياتاققا قايىتتىم. تىلىفۇننى ئېچىۋىدىم قىسقا ئۇچۇر كىلىشكە باشلىدى. قارىسام ئۇ قىز يىگىرمە نەچچە قېتىم تىلىفۇن قىپتۇ. قىز بىلەن كۈرۈشۈپ تاماق يەپ بازار ئايلاندىم. كەچ سائەت توققۇز بولغاندا ئۇنىڭغا قايتىپ كىتىشىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ كۆزلىرىنى سىرلىق تىكىپ مۇنداق دىدى:
-بۈگۈن كىچە ياتاقتا ياكى ئۆيدە سىزنى قايتا مىھمان قىلاي. بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى. كىچىدە يەنە تاماق يەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىم بۈگۈن كەچرەك كىلىدۇ ياكى كەلمەيدۇ. ئىككىمىز ئايرىم ئۆيدە ياتىمىز، ئىنىمنىڭ ياتىقى بىلەن مىنىڭ ياتىقىمنىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراق، گەپ قىلساقمۇ ئاڭلانمايدۇ، بىزگە ھېچكىم دەخلى قىلمايدۇ، مەن بەدىنىڭىزنى ئۇۋىلاپ قۇيىمەن.
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن: مەن سىزگە بۇ كىچە ھەمرا بولاي، مەن بۇ كىچە سىزگە تەۋە. پۇل ئالمايمەن، خالىغىنىڭىزچە ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ دىگەن مەنا چىقىپلا تۇراتتى. مەن ئويلىنىپ قالدىم. بۇ قىزغۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق! بىراق ئۇ...
ئادەتتە ھېچقانداق بىر پاك قىز پەقەت ئامال بولمىغاندىلا ئاندىن ئىپپىتىنى بۇلغايدۇ، بولمىسا ئەرگە تەككۈچە ئامانەت ساقلاقلىق تۇرىۋىرىدۇ، پەقەت بىر قىسىم كۆڭۈل كەينىگە كىرىپ كەتكەن قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ‹‹ئامانەت›› يوق ھىساپتىكى نەرسىلا خالاس. ئەمما بۇ قىزنىڭ تەققى-تۇرقى، چىرايىدىن قارىغاندا ئۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغۇچىلىكى يوققۇ؟! بۇ قىز شۇنچە گۈزەل ئىكەن، ھەر قانچە بولسىمۇ....
مەن تۇغۇلۇپ تا مۇشۇ كەمگىچە ئايالىمدىن باشقا ئايال زاتىغا يېقىن كىلىپ باقمىغان، نەچچە قېتىم ئەل-ئاغىنىلىرىممۇ زورلىغان چاغدا ئۇنىمىغان ئىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىنى رەت قىلىپ ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە بالدۇرلا تۇرۇپ ناشتا قىلغاندىن كىيىن چۈشتىن كىيىن ماڭىدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ بىلىتىنى ئېلىپ قويۇپ، قىز بىلەن خوشلىشىش نىيىتىدە ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم. قىز بىلەن ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا كۈرۈشتۈم.بىراق ئۇنىڭ بۈگۈن كىتىدىغانلىقىمنى ئۇقماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. تاماق يىيىلىپ بولاي دىگەندە ئۇ ماڭا تۈنۈگۈنكى تەلەپنى قويدى. مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە چىدا پ بولالماي، ئۆزۈمنى بېسىۋالالماستىن ۋارقىرىدىم:
-ۋۇ بۇزۇق پاسكىنا! سەنمۇ ئادەممۇ؟!  مىنى خىيالىڭدا نىمە كۈرۈپ قالدىڭ؟! چىرايىڭدىن قارىغاندا ئادەم كۆرۈنىدىكەنسەن، بىراق قىلىقىڭدىن ھايۋان ياخشىراقكەن. ئەسلىدە سەنمۇ پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەنسەن،ۋۇ بۇزۇق! پاسكىنا! جالاپ!...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز ئىزا تارتقىنىدىن مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ دىدى:
-ئاكا، سىزمۇ ئادەم، مەنمۇ ئادەم! توغرا، نەزىرىڭىزدە مەن بىر بۇزۇق، پاسكىنا، جالاپ. بىراق مەن نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن، بۇنى بىلەمسىز؟
ئۇنىڭ قالغان گەپلىرىنى ئاڭلىماي شاققىدە ئايرىمخانىدىن چىقتىمدە، تاماق پۇلىنى تۆلىۋىتىپ، ئۇدۇل ياتاققا ماڭدىم. نەرسە-كىرەكلىرىمنى تىز سۈرئەتتە يىغشتۇرۇپ ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كەلدىم. قارىسام ماشىنا تېخى توشمىغانىدى. ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن كىيىن ئۇھ دەپ بېشىمنى قويدۇم. قىزنىڭ قانچىلىك ئىزا تارتقانلىقى ھەم يەنە نىمىلەرنى دەپ قالغانلىقى ئەمدى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. دىمەك، ئاشۇنداق پاك، گۈزەل، ئەخلاقلىق دەپ ئويلىغان قىز نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا يەنە ئارتۇقچە گەپ قىلىش مەن ئۈچۈن بىھاجەت ئىدى.
(داۋامى بار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95528
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 02:40:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بۇلۇپ ئۇقىغان ئوخشايمەن، لىكىن يەنە تۈگىدى...........

bagzada098 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 04:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 05:07:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتاپ چىققان پەيشەنبە كۇنى يازا .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93039
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 09:54:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېرى بار ئادەمنى ئازدۇرىدىغان قانداق بىشەم قىز بالا بۇ  ھازىر غۇ بۇنداق ئىشلارغۇ جىقلاپ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85762
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 11:12:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 11:39:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئىجتىمائى رايۇن دىگەن قانداق يەر ؟ مۇشۇنداق ھەرىپى بىلەن تاۋۇشىدىن باشقىسى ئۇيغۇرچە بولمىغان گەپلەر ئۇيغۇر تىلىدا لوق گۆشتىكى بەزگە ئوخشاش مىنى بىزار قىلىدۇ . 社区نى بىزنىڭ بۇ يەردە مەھەللە دەپ ئادەتلەندۇق .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئاللاھ خالىسا كۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24077
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7480
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 04:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار ئەسەرلەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپ ئاخىرى چىققۇچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تۇردۇممەن.لېكىن ياخشى چىقىپتۇ ئەمەلىيەتچىل ئەسەركەن

بۇ شۇنداق ئاتالمىغان ئوقىدىن ،چىچالمىغان پوقىدىن كۆرۈپ ياشايدىغان زامانكەن

ئاللاھ خالىسا كۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24077
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7480
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 04:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ئايالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملىق ئالاقىلاشقىنى نېمىسى ئەمدى؟تۇرمۇشىمىزدىمۇ جىققۇ بۇنداق ئىشلار

بۇ شۇنداق ئاتالمىغان ئوقىدىن ،چىچالمىغان پوقىدىن كۆرۈپ ياشايدىغان زامانكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94786
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 06:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى قاچان چىقا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش