مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: خەنجىرى

بەختسىز قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 09:50:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ھازىر جىددىي يېزىلىش ۋە ئۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ. چوقۇم پات ئارىدا يوللايمەن

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-1 10:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹مەن ››ئايالىدىن يوشۇرۇن ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى،ئۇ قىزنىڭ بولمىغۇر تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ قىزنى ‹‹بۇزۇق››‹‹جالاپ››قا سېلىپ بولىشىغا تىللىدى،نېمە دېگەن ئەخلاقلىق كىشى بۇ ‹‹مەن››دېگەن ،بەك تەسىرلىنىپ كېتىۋاتىمەن....

‹‹بەز يېمەيدىغان مۈشۈك يوق››دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلىپ تاشلاپسىز ‹‹مەن ››ئوبرازى ئارقىلىق،‹‹بەز يېمەيدىغان مۈشۈك››لەرمۇ بار ئىكەن ‹‹مەن››گە ئوخشاش....

كۆزۈم ئەسەرنىڭ داۋامىدا... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-1 10:03 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91871
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2013-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان كۆرۈشىمىز ئەسەرنىڭ داۋامى بىلەن ، كۈندە مارايمەن ،قاچان چىقار داۋامى دەپ . چاققانراق بولارسىز ھە خەنجىرى .بەك قىزىقىپ قالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90158
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 04:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالغاچ تۇراي...

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 06:05:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان كۆرۈشىمىز ئەسەرنىڭ داۋامى بىلەن ، كۈندە مارايمەن ،قاچان چىقار داۋامى دەپ . چاققانراق بولارسىز ھە خەنجىرى .بەك قىزىقىپ قالدىم

بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96466
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 08:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ھى
مەن بولغان بولسام       جۇگۈ جۇگۈ دىگۈزىۋىتتتىمدە لىكىن. پۇشايمان قىلدۇرۋىتەتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 540 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 07:11:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق چىرايلىق، چاچلىرىنى ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس قۇيىۋالغان، نازۇك ھەم يۇمران ئۇماق ئىدى. بىرەر سائەت تاماق يىيىش بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتتى. چۈشتىن كىيىن بىللە بازار ئايلاندۇق. مەن تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم: بۇ قىز نىمىدىگەن چىرايلىق! ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە؟! پەقەت بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاخشام بولسىمۇ بىرگە....
ئەسەرنىڭ بۇ يىرى بىلەن كەينىدىكى تىللىغان يەرلىرى زىددىيەت بولۇپ قاپتۇ ،كۆرۈپلا توي قىلغۇسى كىلىپ كەتتى پەقەت بولمىسا بىر ئاخشام ئەمدى ككڭلىدىكىدەك ئىش بولاۋاتسا قىزنى تىللاپ چىقىپ كەتكىنى ئالامەت ۋىجدانلىق ئىسىل يىگىتكىنا بۇ...................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇ يەردە بىر نۇقتىىغا دىققەت قىلىشقا بولىدۇ،ئەسەردىكى ئەركىنجان ئەزەلدىن قالايمىقان ئىشلارغا  يېقىن كەلمەيدىغان ھەم ئۆچ كۆرىدىغان ئادەم. لىكىن ئۇمۇ بىر ئىنسان.چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە ھەر قانداق ئادەمنىڭ شۇنداق خىيالغا كىلىشى تەبىئىي ئىش.ئەلۋەتتە ئەركىنجانمۇ  شۇنىڭ ئىچىدە..تەبىئىتى گەرچە ئەركىنجانمۇ شۇنداق ئويلىسىمۇ، ئەمما ئەركىنجاننى ئاشۇ قىز بىلەن شۇنداق ئىش قىلىدۇ،دەپ كىسىپلا ئېيتىشقا بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 11:51:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ داۋامى ئەتە يۈز كۆرۈشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 12:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(داۋامى)
                                     ئۈچىنچى باب
                        قىزدىن خەت كەلدى
مەن ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ ياقامنى چىشلەپ ھەيران بولدۇم.شۇئىشلار كاللامغا كىرىۋېلىپ يۇرتۇمغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەي قالدىم.ماشىنا تۇيۇقسىز سىگىنال بىرىپ مىنى خىيال دېڭىزدىن تارتىپ چىقتى.تاكسى بىلەن ئۆيگە بېرىپ ئايالىم ھەم بالىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن سوۋاغا- سالاملارنى بىرىپ ئۇلارنى خۇش قىلدىم. ئايالىم دىدى:
-نىمە دەپ تېلىفۇننى ئىتىۋالدىڭىز؟ شۇنچە تېلىفۇن قىلغان بولساممۇ تېلىفۇنىڭىز ئىتىك.نىمە ئىش بولدى، دەپ سورىدىم ئايالىمىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ.ئايالىم - تەكشۈرۈش كىلىدۇ، دەپ ئىدارىدىن نەچچە قېتىم ئادەم كەلگەنلىكىنى،تېلىفۇنۇمنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكىنى دىدى. بۇ گەپ بىلەن تەڭ تېلىفۇنۇمنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكى ئىسىمگە كەلدى. مەن قىز تۇرۇشلۇق ناھىيىدىن ماشىنىغا چىقىپ ماڭغاندا تېلىفۇنۇمنى ئىتىۋەتكەن ئىدىم.ئايالىمنىڭ بايىقى گېپىنى ئاڭلاپ چاقماق سوقۇۋەتكەندەك بولۇپ چۆچۈپ كەتتىم-دە، تېلىفۇننى قوزغاتتىم.باشلىقىم بىلەن خىزمەتداشلىرىم  ئون نەچچە قېتىم، ھېلىقى قىز يىگىرمە نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلغان ئىدى. مەن ھېچقانداق ئىشنى ئويلاشمايلا تامىقىمنى يەپ بالدۇرلا يېتىپ قالدىم.ئەتىسى ئەتتىگەندە باشلىقىم ۋە خىزمەتداشلىرىم بىلەن كۆرۈشىۋىدىم، باشلىقىم قاينىغان قازاندەك قايناپلا كەتتى:
-ئەركىنجان شۇنداقمۇ يوقاپ كىتەمسىز؟ تېلىفۇنىڭىزنى ئىتىۋاپسىز. بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئىشنى قىلماڭ! بۈگۈن تەكشۈرۈش كىلىدىكەن، تېلىفۇن قىلغان قىلغان بولساقمۇ تېلىفۇنىڭىز ئىتىك بولغاچقا،ئامالسىز  سىز بىلەن كۆرۈشەلمەي ئۆيىڭىزگە ئادەم ئەۋەتكەن بولساقمۇ سىز يەنىلا يوق.بولدى قالغان گەپلەرنى كىيىن دىيىشەيلى.سىز ھازىرلا كادىرلارنى تەشكىللەپ تولۇقلاشقا تىگىشلىك ماتىرىياللارنى تولۇقلاڭ. گېپىڭىزنى ئاڭلىمىغان كادىرلارنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن!
بىز تەكشۈرۈشنى بۇ قېتىم غەلبىلىك ئۇزاتتۇق.بۈگۈن ئىشقا چىققاندىن كىيىن ھېلىقى قىزنىڭ تېلىفۇن قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،نومۇرۇمنى ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ يېڭى نومۇر بىجىرىپ ئىشلىتىشكە باشلىدىم.كۈنلىرىم شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بىر خىل خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.شۇنداقتىمۇ قىزنى پات-پات ئەسلەپ تۇردۇم.تېلىفۇن قىلىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق ئۇنىڭ قايسى كۈنىدىكى قىلغان گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلانغاندەك بولۇپ، مىنى ھازىرمۇ ئۆزىدىن سەسكەندۈرگەندەك، يىرگەندۈرگەندەك قىلاتتى. راست گەپنى قىلسام كۈنلىرىم خىزمەت ۋە ئائىلىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتكەچكە ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتمەي، ئانچە-مۇنچە ئەسلەپ تۇرۇش بىلەن بولدى قىلدىم.خىزمەتتىن بىكار بولغاندا كىتاب كۆرەتتىم،ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىناتتىم. كۈنى خىزمەت ئىشى بىلەن ئىككى كۈنلۈك تۆۋەنگە چۈشۈپ كىتىپ بىر پارچە ماتىرىيال لازىم بوپقالغاچقا، ئىشخانىغا كەلدىم.كۆزۈم تۇيۇقسىز ئۈستلىم ئۈستىدە تۇرغان بىر پارچە لىپاپقا چۈشۈپ قالدى.دوستلىرىمدىن كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ لىپاپنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپلا قالدىم(چۈنكى بەزى دوستلىرىم بىلەن ئون يىلغا يېقىن يۈز كۆرۈشمىگەن ئىدىم). چۈنكى بۇ خەت ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست بۇرادەرلىرىمدىنمۇ  ئەمەس، بەلكى ھېلىقى قىزدىن كەلگەن ئىدى.ھىلىمۇ ياخشى بۇ خەت ئائىلە ئادرىسىمغا ئەمەس، بەلكى ئىدارىغا كەلگەن ئىدى. ئائىلە ئادرىسىمغا كەلگەن بولسا نىمە كۈننى كۆرەرمەنكىنتاڭ. ئەمما خەتنى ئوقۇشنى ئانچە خالاپ كەتمىدىم. بىراق قانداقلا بولمىسۇن بىر ئوقۇپ باقاي، دەپ ئويلاپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
-        قەدىرلىك ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشمۇ سىز؟ تېنىڭىز ساق- سالامەتمۇ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارامدۇ؟ كۈنلىرىڭىز خۇشال ئۆتۈۋاتامدۇ؟
-        ئاكا، مەن گپنى ئۇزارتماي قىسقىسىنىلا ئېيتاي.قالغان گەپلەرنى خەتتىن كۆرۈپ ئاندىن بىر نىمە دەرسىز!
مەن سىز بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا  ئۇچۇر ۋە تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇردۇم. ھالبۇكى سىزنىڭ ئايالىڭىز بارلىقىنى بىلدىم.بىزنىڭ ئۇچۇر ، تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشىشىمىز جەريانىدا ياش پەرقىمىز ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىپ ياش جەھەتتە سىز مەندىن چوڭ بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ‹‹ ئاكا››،مەن كىچىك بولغىنىم ئۈچۈن‹‹سىڭىل›› بولغان ئىدىم.كىيىنچە يەنە تېلىفۇندا سىز بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا سىزگە بو.لغان مۇھەببىتىم ئاشتى(ئەمما مەن سىزنى ئايالىڭىزنى قويىۋىتىپ مىنى ئېلىڭ، دىمەكچى ئەمەس).شۇندىن كىيىن سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشتۈم. بۇنداق قىلىشىم ھەرگىزمۇ مىنىڭ سىزدەك ئايالى بار ئادەمنى ئازدۇرۇش، شۇنداقلا مىنىڭ شاللاق، ئەخلاقسىز ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيتتى. مەن سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن ھېلىقى تەلەپنى قويدۇم. بىراق مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمدا بەلگىلىك سەۋەبمۇ بار ئىدى. شۇ چاغدا سىز مىنى جالاپ، چىرايىدىن ھەم تىنىدىن پۇل تاپىدىغان پاسكىنا، دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۆيىڭىزگە قايتقاندىن كىيىن ،  مىنىڭ سىزگە بئىشنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلغانلىقىم غۇۋا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. بىراق تېلىفۇنىڭىز ئىتىك بولغاچقا ئامالسىز بۇ خەتنى يازدىم.شۇڭا مۇمكىن بولسا سىز مەن بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشكەن بولسىڭىز.شۇ چاغدىلا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارە بولغۇسىدۇر! مانا شۇ چاغدىلا مىنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى، زادى قانداق قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىمنى بىلىسىز. ئۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن مىنى نىمەدەپ تىللىسىز شۇنداقلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىڭىزمۇ مەيلى!!!
خەير-خوش ئامان بولۇڭ! نەزىرىڭىزدىكى‹‹ بۇزۇق، پاسكىنا، جالاپ›› سىڭىلىڭىز خانقىزدىن
يىل- ئاي- كۈنى
... ناھىيە...
مەن بۇ خەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ بىر پەس دىلغۇللۇقتا تۇرۇپ قالدىم. بىر تۇرۇپ قىزغا ئىچىم ئاغرىسا، يەنە بىر تۇرۇپ قىزغا ئاچچىقىم كىلەتتى. بىراق خەتنىڭ مەزمۇنى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. قانداقلا بولمىسۇن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئويلاپ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدىم.ئەمما ھازىر بېرىش ماڭا نىسبەتەن تەس ئىدى.ئىدارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت رۇخسەت سوراشقا .ئەمدى مۇمكىن  بولمايتتى.مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ ئايالىم گۇمانلىنىپ قېلىشى، ھەتتا شۇ سەۋەبلىك ئۆيۈم بۇزۇلۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭغا ھازىرچە بارالمايدىغانلىقىمنى، كىيىنچە پۇرسەت بولسا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خەت سالدىم. ئەمما تېلىفۇن نومۇرۇمنى دەپ بەرمىدىم.خەتنى سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئەتراپىمغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ‹‹ئۇھ›› تارتتىم.خەتنىڭ مەزمۇنى مىنى يەنە قايتىدىن خىيال دېڭىزىغا غەرق قىلدى. توۋا ، ئاشۇنداق چىرايلىق بىر گۈزەل قىزنىڭ بېشىغا نىمە كۈن كەلگەن بولغىيتتىى؟شۇنداق بىر تەلەپنى قويۇپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى يەنە ئاقلاۋاتىدىغۇ؟ بۇ جاھاندا زادى قانداق ئىشلار بوپ كىتىپ بارىدىغاندۇ؟ ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى ھىكايە ۋە رومانلاردىن ئوقۇغان ئىدىم.ئۇنداق كىتابلاردا:‹‹بىردەم قولىنى سىلاپتۇ، بىردەم يوتىسىنى سىلاپ سۆيۈشۈپتۇ،كىيىن يەنە بىر نىمە قىپتۇ››، دىگەندەك تېتىقسىز، چاكىنا گەپلەر ئۇچراپ تۇراتتى.بۇنداق ئىشلار كىتابتا بار، دەپ ئويلاپ ئىلگىرى ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىدىم.ئەمدى بولسا تاس قالغان ئىدىم مەنمۇ شۇنداق ئىشقا يولۇققىلى. پاك، گۈزە ل ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى، جۈملىدىن باشقا مىللەت ئاياللىرىنىڭمۇ زىنادىن ئىبارەت بۇ يولغا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلدىن كىرىپ قېلىۋاتقىنىغا ئىچىم قاتتىق ئېچىشقان، سىرىلگەن ئىدى.
(داۋامى بار)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش