مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mykariz

كارىز بويىدىكى تاكىراڭلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇللۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن تاكىراڭدىن 8 ئى  .
نىمانچە تەپسىلىي ، نىمانچە تۇللۇق مەلۇماتلار بۇ ؟ خېلى كۈچەپسىز . سىزگە تاكىراڭشۇناسلىقتا ئۇنۋان بەرسە بولغىدەك .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7026
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10551 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىدىكى سان - سىفىر، ئۇچۇرلارنى تېپىشقا چوقۇم ئاز بولمىغان ۋاقتىڭىز كەتتى دەپ ئويلايمەن.
مەنمۇ تېمىلىرىڭىزنى قويماي، تەپسىلىي ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن، ماقالىڭىزنى ئوقۇش جەريانىدا، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە خىيالىمدىن ھەرگىز كەتمىدى، ئۇ ۋەقەدە، تاتار ئۆلىماغۇ دەيمەن، بىرەيلەن قەشقەرگە كىلىدۇ، قەشقەرنىڭ يۇرىت چوڭلىرى ئۇنى ھەر كۈنى ناھايىتى دەبدەبىلىك كۈتىدۇ، ھەم سىرىتلارنى كۆپ ئايلاندۇرىدۇ، لىكىن بەزى كوچىلارنى ئۆلىمانىڭ ‹ئايلىنىپ چىقىش › تەلىپىنى رەت قىلىدۇ، ھەمدە ‹سىلىنى مۇنداق مەينەت جايلارغا ئېلىپ كىرەلمەيمىز› دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئاخىرىدا ئۆلىما قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، ئەشۇ يەرلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چىقىدۇ، شۇ كوچىدىكى پاھىشىخانىلاردا ئىشلەۋاتقان قىز - چوكانلار بىلەن پاراڭلىشىدۇ (ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىپ كېتىشىمۇ خۇددى سىزنىڭ مۇشۇ ماقالىڭىزگە ئوخشاش)، ھەم ئۇلاردىن ‹سىلەر تېنىڭلارنى سېتىپ بولغاندىن كىيىن، بويۇڭلارنى سۇغا سالامسىلەر؟› دەپ سورايدۇ، پاھىشىلەر ‹بەزىدە سالىمىز، بەزىدە سالالمايمىز› دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئۆلىما ئۇلارغا ‹بۇندىن كىيىن ھەر قېتىملىق ئىشتىن كىيىن بويۇڭلارنى سۇغا سېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭلار . . .›  دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ، ھەم قەشقەرنىڭ يۇرىت چوڭلىرىدىن، بۇ قىز - چوكانلارنىڭ ھالىغا يەتمىگەنلىكىدىن بەكلا خاپا بولىدۇ...(ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇنچىلىك)

مەن دىمەكچى، دىيارىمىزدا (مەيلى قەشقەر ياكى تۇرپان ۋەياكى باشقا يۇرىتلار بولسۇن) مۇشۇنداق تاكىراڭخانىلارنىڭ يوقالماقتا يوق مۇشۇنچىۋالا تەرەققىي قىلىپ كېتىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، بۇ تاكىراڭخانىلار، كۈنىگە تۈمەنلەپ، نەچچە تۈمەنلەپ . . . پۇل تېپىۋاتقان ئۇيغۇر بايلىرىدىن نىمىلەرنىدۇر تەلەپ قىلماقتا، بىز گە ئوخشاش زىيالىلاردىن يەنە نىمىلەرنىدۇر تەلەپ قىلماقتا...

تاكىراڭخانىلارغا نىسپەتەن، قۇلاقنى يوپۇرىۋىلىپ يۈرىيدىغان ۋاقىتلار ئۆتتى، تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىز ‹ئاساسىي ئەھۋال› نى بىزگە يورتۇپ بېرىپتۇ، ئەمدىكى گەپ ‹قانداق قىلىش كىرەك؟ › دىگەندە قالدى...

(تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار، ئاساسەن تېما ئىگىسىنى ئەيىپلەش مەزمۇنىدا بوپتۇ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئوخشىمىغان پىكىرلەردە چىرايلىق، ئىلمىي ئورتاقلاشقان بولساق. رەھمەت!!!)

ئارتۇق گەپنى قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1284
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11560
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 1269 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 02:52:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىڭ ئاكا ، يېزىۋېرىڭ ! مانا مەن قوللايمەن ھەم ئىزچىل ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇۋاتىمەن .

  ئازراق سۆزلەپ قوياي : بۇ تېما توغرىسىدا بەزى تورداشلار بىرقانچە ئىنكاس يېزىپتۇ .  مەسىلەن :  مىسرانىمنى مۇشۇ مەزمۇندىكى تېمىغا توشقۇزىۋەتتى .... دىگەندەك . مېنىڭچە بۇ توشقۇزىۋېتىش ئەمەس بەلكى كاللاڭلاردىكى ئىزچىل ھەل بولمايۋاتقان ھەم ھەل قىلىشقا قۇربىڭلار يەتمەيۋاتقان ئىشلارنى ئوچۇق ئاشكارا يېزىپتۇ . بۇنى كۆرۈپ بەزىلىرىڭلار بىزنىڭ قۇربىمىز يەتمەمدا تېخى ؟ دەپ ئاچچىقلىنىشىڭلار مۇمكىن . ھى ھى ھى ... توغرا ! قۇربىڭلار يەتمەيدۇ . يەتكەن بولسا 2007 - يىلدىكى ئاشۇ بىر مەزگىللىك پاھىشىلەر توغرىسىدىكى بەس - مۇنازىرىلىلەر قىلىنغان چاغدىلا بۇ مەسىلىلەرمۇ ھەل بولۇپ كەتكەن بولاتتى . مەن شۇنى ئويلاپ قالدىم . گەپ قىل دىسە شۇنداق ئورۇنلۇق ، ۋىجدانلىق ، ئالتە ئات سۆرىيەلمىگۈدەك قىلىپ سۆزلىيەلەيمىزيۇ ؟! ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق ھەرىكەت قىلالمايمىز . بىرلا ئېغىز گەپ مۇنبەردىكى بولۇنغان بۇنداق دەبدەبىلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىر قۇرۇق پاراڭ ، كىتاب سۆزىكەن خالاس . پېشانەڭلەرگە تۈرتۈپ تۇرۇپ ، ھەممىنى ئېچىپ تۇرۇپ ، يۈزۈڭلەرگە سەپ تۇرۇپ ، ئېنىق ئىسپات - سانلار بىلەن تەپسىلىي دەپ بەرمىسە بولمىغۇدەك . بولۇپمۇ مۇشۇ مىسرانىمغا .          يەنە بىر گەپ ، ئاڭلىسام ‹ ئانا تىل مەكتىپى ئېچىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى ... قاتارلىق بىرنەچچەيلەننى ساقچىلار تۇتۇپتۇ › دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن ۋە كۆرىۋاتىمەن . قېنى ! قېنى ئاشۇ ئەينى چاغدا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىزيەي ، ياردەم قىلىمىزيەي دەپ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىگە ئاڭلانغۇدەك قىلىپ جار سالغان ئاتالمىش ‹ غورورلۇق › ، ‹ ۋىجدانلىق › ، ‹ مىللەت سۆيەر › تورداشلىرىمىز ؟ قېنى ؟ قېنى شۇلار ؟
  كەچۈرۈڭلار ! ئارتۇق سەل چېچىلىپ قالدىم .  ئېغىزدا سۆزلىگەننى ئەمەلىيەتتە ئازراق بولسىمۇ قىلىپ قويايلى جېنىم قېرىنداشلىرىم ! ئۆتۈنۈپ قالاي !

    ئاخىرىدا مۇشۇ تېمىدا ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ‹ ئادىل غاپپار كارىزى › ئاكامغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ھەم قوللايمەن ! داۋاملىق يېزىڭ ئاكا !

  باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ : مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ئەزىز باشقۇرغۇچىلار ! سىزلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم سىزلەر تېما تەستىقلىغاندا ئۆچۈرۈش توغرا كېلىپ قالسا خاپا بولماي تېما ئىگىسىگە ئازراق بولسىمۇ سەۋەبىنى دەپ قويىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ئون بارمىقىڭىزلار ئون ئالتۇن ئوخشايدۇ سىزلەرنىڭ . خاپا بولمىغايسىزلەر !
قارىسام قايسى كۈنى مۇشۇ ‹ ئادىل غاپپار كارىزى › ئاكىمىز يوللىغان تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ بىر دەمدىن كېيىن ئاچسام يوق  ، ئىزدىسەم ئەخلەتخانىدىكەن . ھى ھى ھى ... باشقۇرغۇچىلارغا كۈلگۈم كەلدى . بەك بىچارىكەنسىلەر باشقۇرغۇچىلار . ئۆزۈڭلاردىن ئۆزۈڭلار قورقۇپ ، ئۈركۈپ .
مەنمۇ بىر بېكەت باشلىقى بولۇش سالاھىتىم بىلەن ئېيتايكى ، مۇنبەر دىگەندە ھەرقانداق تېما بولىدۇ . ئەمدى مۇشۇنداق تېمىلارنىمۇ ئۆچۈرگىلى تۇرساڭلار ......
مۇشۇنداق قىلساق مىسرانىم ئىزچىل تاقالماي ئېچىلىدۇ دىمەكچىما ؟ ھى ھى ھى ... توغرا ! مۇشۇنداق قىلساڭلار ئۇلۇغ پارتىيىمىزنىڭ داغدام يولىدا ئىزچىل قەدەم ئالالايسىلەر . ئەمما شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى ئۆزەڭلارنىڭ ۋىجدانىڭلارغا يۈز كىلەلىسەڭلەر بولىدۇ . بۇلا ئەمەس ، نۇرغۇن تورداشلار مۇشۇ توغرىسىدا  قاخشىغىنىنى كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم . ئۇنداق قىلماڭلار ! ئەمەتنىڭ دوپپىسىنى ئېلىۋېتىڭلار دىسە باشىنى ئېلىۋېتىدىغان بىزدىكى بۇ ‹ نومۇسسىز ، ھايۋان › كەبى قىلىقنى بىز قاچان تۈگىتىمىز ؟؟؟ ...............


قۇم چېچەكلىگەندە بەلكىم سەندە  بىرلىك  بولۇپ  قېلىشى  مۇمكىن !!!
shahzada1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:12:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
shahzada1 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:12:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BAHADIRHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-9-2 01:26 PM
سىز ساقچىمۇ، ياكى مەخسۇس تاكىراڭ تەتقىقاتچىسىمۇ، ھەير ...

ئاۋۇ كەلپىنلىك مومايلار دەپ تىلغا ئېلىپسىز ، بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى ؟

قېرىندىشىم:www.baghrax.com سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69563
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قېرىنداشلار، ئەپۇ قىلىڭلا ، نىمە بۇ تاكىراڭ ، تاكىراچ دىگەن....................

قېرىندىشىم:www.baghrax.com سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا مۇھتاج!

impiria سالونى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6585
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12387
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 03:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تاكىراڭ تىمىلارنىڭ بىرسىدە كەلپىندە ئىچىلغان تاكىراڭخانىنى قانداق بىسىقتۇرۇش توغرىسىدا ھىچكىم ئامال قىلالماي ئاخىرى مومايلار تاكىراڭخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ( سەل نىرىدا ) گازىر چىقىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ، ئىككى تەرەپتە چوڭلار قارىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن باشقىلارمۇ كىرىشكە پىتىنالماپتۇ، شۇنداق قىلىپ ھىلىقى تاكىراڭخانا تاقىلىپتۇ. دەپ بىر ئىنكاس كۆرگەنىدىم. ئاشۇ ئىشنى تىلغا ئالغانىدىم. ئەگەر ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى ئاماللار بولسا بىزمۇ تېپىپ ئومومى خەلق ھەركەتكە كىلىپ ئاشۇ تاكىراڭخانىلارنى قانداق يوقىتىشقا تۇتۇش قىلساق بولاتتى دەيمەن. ھۆكۈمەتكە تايىنىپ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولمىغۇدەك، زوراۋانلىققا تايىنىپمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. يۇمشاق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا ئويلىنىش قىلمىساق بولمايدىغان يىرىگە كەلدى.

impiria سالونىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئەمەلىي بىلىملەر ئىمپېرىيە سالونىدا

ئۆلۈشكە ئەرزىگۈ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9760
يازما سانى: 1726
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33511
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 3450 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 05:06:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yukirdiki  bir  naqqa  munbardax  bak  kizip  kattiglamu . tima  igisi  nimla  kilmisun  heli  ajir  kiliptu  . kollimisaglamu  sohuk  su  sapmisagla  kandak  bula .

ئۆز ئاغزىغا ئىگە بۇلۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنۋېلىشقا تىگشىلىك ئەڭ گۈزەل ئەخلاقى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19849
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7282
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3857 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-2 05:24:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  گەپ  بۇ   تاكراڭ  دىگەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش