مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mykariz

كارىز بويىدىكى تاكىراڭلارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

impiria سالونى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6585
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12387
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 3803 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 03:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلىق تەشۋىق قىلىنىشى، داۋرىڭى بولۇشى، ھەممىگە بىلدۈرۈلۈشى، شۇ ئارقىلىق ياخشىلىقنى كىڭەيتىش يولى ئىچىلىشى كىرەك.
يامانلىقلار بولسا ئىمكانقەدەر يىپىلىشى، يۇشۇرۇلۇشى، داۋراڭ سىلىنماسلىقى، شۇ ئارقىلىق بىلمىگەنلەرنىڭ، كۆزى ئىچىلمىغانلارنىڭ، بىلمەسلىكتىن قىزىقمىغۇچىلارنىڭ قىزىقىپ قىلىشىنىڭ ئالدى ئىلىنىشى كىرەك.
بۇ خىلدىكى تىمىلار دەل ئاشۇ يامانلىقنى داۋراڭ قىلىش جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىلمەيدىغان، شۇ سەۋەپلىك قىزىقمايدىغانلاردىمۇ ئىختىيارسىز قىزىقىش پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر بۇ تىما باشقىچە بىر ئۇسۇلدا، يەنى پاھىشىۋازلىق، مەينەتلىك كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن چارە ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنەيلى دىگەن مەزمۇندا بولسا ئىدى. مىڭلارچە مەرتە ئاۋاز قوشار ئىدىم.
ھۆكۈمەت نىمە ئۈچۈن جەمىيەتتە يۈز بەرگەن يامان ئىشلار توغرىسىدىكى خەۋەرنى قامال قىلىدۇ. بۇمۇ ئاشۇ يامان خەۋەرلەرنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى، يامان تەسىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ!
ئەجىبا بۇ پاھىشىخانىلارنىڭ كۆپىيىشى، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى، سان - سىفىرلىرى داۋراڭ قىلىپ يۈرگۈدەك ياخشى ئىشما؟
ئىسىڭىزدە بولسۇن قىرىندىشىم: ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلىدۇ. بۇ ياخشى ئىشقا ھەممىنى دالالەت قىلىش ئۈچۈن. بىراق نىكاھلىق ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارمۇ يۇشۇرۇلىدۇ.
نىكاھلىق ئەر - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى يۇشۇرۇلۇۋاتقان يەردە ئەجىبا ئاشۇنداق نۇمۇسسىزلىقلار، پەسكەشلىكلەر داۋراڭ قىلىنىشى كىرەكمۇ؟
مەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىنى دىگۈدەك ئايلاندىم. ئون يىللاردىن بىرى ئايلىنىۋاتىمەن. ئىلگىرى ھەقىقەتەن نەگىلا بارسا شۇنداق مەينەت جايلار كۆزىمزگە چىلىقىپ قالاتتى. قەدەمدە بىر پۇتىمىزغا پۇتلىشىپلا يۈرەتتى. بىراق يىقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى مەن ئۇنداق ئەھۋاللارنى يولۇقتۇرمۇدۇم. مىنىڭچە نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە ئەخلاق ساپاسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ مەينەتلەر ئۆزىنى ياقىغا ئىلىشقا مەجبۇر بولۇشتى. پەقەت ئۇ مەينەتخانىلارنىڭ دائىملىق خىرىدارلىرى ۋە مەخسۇس ئىزدەپ بارىدىغانلارلا ئۇ يەرلەرنىڭ قەيەردىلىكىنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىشىدۇ. لىكىن زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر بولسا بۇلارنىڭ يوقالغىنىدىن خۇشال بولۇپ يۈرۈشىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى، قانچە ئۇيغۇر، قانچە خەنزۇ، قانچە داشۆسىڭ، قانچە ساۋاتسىز، قانچە ساغلام، قانچە كىسەلنىڭ بارلىقىنى ھەممىگە ئىلان قىلىپ يۈرۈش مىنىڭچە مۇشۇنداق جايلارمۇ بار. تەمىنى تىتىپ باقمامسىز! دىگەن ئىلاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر دىگەنلىرىم يالغان بولسا ئومومىيۈزلۈك جەمىيەت تەكشۈرۈپ باقسۇنلار، شۇ ۋاقىتتىلا ئاندىن ھەقىقەت ئايان بولىدۇ.
ئىسىڭلاردا بولسۇن : ھەسەل ھەرىسى گۈلگە قونىدۇ. چىۋىن پوققا، كىم نىمىنىڭ خۇشتارى بولسا كۆزىگە شۇ بەكرەك چىلىقىدۇ. خۇداغا مىڭ شۈكرى خەلقىمىزنىڭ گۈل نىمە تىكەن نىمە ئايرىۋالغۇدەك ساپاسى بار.

impiria سالونىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئەمەلىي بىلىملەر ئىمپېرىيە سالونىدا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95484
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2013-5-29
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 03:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
shahzada1 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-2 03:12 PM
مەن مىسرانىمدا ماۋۇنىڭدەك تاكىراڭ ئاپتورنىڭ تاكىراڭ ب ...

ج خ ئورونلىرى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا سانلىق مەلۇماتى بار ،ئازراق تىرىشسىلا  بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرگىلى بۇلىدۇ . جەمىيەتتىكى بىر ئېغىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويدى ،دىمەك تېمىنى كۆرىۋاتقان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسدە قانداق ھەل قىلىش كېرەك دىگەن بىر سۇئال پەيدا بۇلىشى كېرەك شۇنداقمۇ .تېما ئىگىسى شۇنچە يول مېڭىپ ج خ ئورونلىرى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرۈپ بىزگە بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بەرسە ،تېما ئىگسىنى تىللىماي ،قانداق قىلىش توغرىسدا ئازراق ئويلىشىپ باقساق ياخشى بۇلىدۇ ،شۇنداقمۇ .

ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى سىزنى قارشى ئالىدۇ ،ئىزدەش نۇمۇرى     iktisad

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-4 04:03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nuri24 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 03:16 PM
ج خ ئورونلىرى ۋە يۇقۇملۇق كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پ ...

ئۇلار بۇلارنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ تۈزىمەيدۇ دەيلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-8 01:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىل غاپپار يېتىلىۋاتقان ياش ، ئىستىداتلىق تەتقىتاتچىمىزدۇر ... سۆيۈندۈم بۇ ئەسەردىن . قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش