مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bagzada098

سىرلىق سەپەر (2-بۆلۈم)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 781
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىچنى قىسىم

  مۇرات ئۆز كۆزلىرىگە ئشەنمىدى،چۇنكى مەدىنەنىڭ شۇ ئىشتىن كىيىن غايىپ بولغىنىغا نەچچە ئاي بولغان تۇرسا ئەمدىلىكتە قانداقسىگە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ؟ مۇرات مەدىنەگە قايتا نەزەر تاشلىدى،يەنەشۇ كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۇردىغان چىراي ،ئۇنىڭ قورسىقى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىرئاز يوغىناپ قالغان بۇلۇپ باشقا چوڭ ئۆزگىرىش يوق ئىدى.مۇرات ئۇزىنىڭ چۇشى ياكى ئۇڭى ئىكەنلىكىنى پەقەت ھىس قىلالمىدى.
-مۇرات سىزگە نىمە بولدى؟ئەجىبا مىنى تۇنىمىدىڭىزمۇ؟-مەدىنە شۇنداق دەپ مۇراتقا سىرلىق نەزەر تاشلىدى.
-ياق ئۇنداق ئەمەس ،سىز  سىز قانداقسىگە..............
شۇ چاغدا مۇراتنىڭ ئۇستىنكى قەۋەتتە ئولتۇردىغان خوشنىسى چىقىپ كەلدى .بۇ كىشى دائىم ھاراق ئىچكەچكە مۇراتنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تازا خۇشى يوق ئىدى ،ھېلىقى كىشى مۇراتقا بىر خىل غەيرى تۇستە قارىۋەتكەندىن كىيىن قۇلىدىكى ھاراق پوتولكىسىنى پۇللاڭلىتىپ چىقىپ كەتتى .
شۇندىلا مۇرات نەزىرىنى يەنە مەدىنەگە قاراتتى
-سىز قانداقسىگە ھايات قالدىڭىز؟
-بۇنى سۆزلەپ كەلسەم گەپ بەك جىق ،ئاۋال ئۆيگە كىرەيلى ئاندىن قالغان گەپنى ئالدىرماي سىزگە ئېيتىپ بىرىمەن .
شۇندىلا مۇرات ئۇزىنىڭ تېخىغچە سىرىتتا ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئالدى.مۇرات مەدىنەنى كۇرۇپ شۇنچىلىك خوشال بولدى ،ئۇ ئېتىلىپ كىلىپ مەدىنەنى قۇچاقلىدى،دەل مۇشۇ چاغدا مۇراتنىڭ ئۇدۇل خوشنىسى چىقىپ كەلدى ،شۇندىلا مۇرات مەدىنەنى قۇيۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتقىنىچە ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى ،مۇراتنىڭ ئۇدۇل خوشنىسى بولسا مۇراتنىڭ كەيندىن بىرھازا قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن ئېغىر بىرنى ئۇھ تارتىپ چۇشۇپ كەتتى .
مۇرات ۋە مەدىنە ئۆيگە كىرىپ كەلدى
-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟-دىدى مۇرات مەدىنەگە
-ھەئە بىرئاز ئاچتى –دىدى مەدىنە
-نىمىگە كۆڭلىڭىز تارتىۋاتىدۇ؟مەن سىزگە ئەكىلىپ بىرەي –دىدى مۇرات
-بولدى ئاۋارە بولماڭ ،ئۆيدە بار نەرسىلەرنى يەيلى-مەدىنە شۇنداق دىگىنىچە مۇراتقا كۇلۇپ قويدى .مۇراتمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ،ھازىر مۇرات شۇنچىلىك خوشال ئىدى ،چۇنكى ئۇنىڭ ھاياتى بولغان مەدىنە ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان ئوماق پەرزەنتى مۇراتنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.
مۇرات بىردەمدىلا چاي تەييارلىدى
-مەدىنە چاي ئىچىڭ-مۇرات شۇنداق دىگەچ ياتاق ئۆيدىكى مەدىنەنى چاقىردى .مەدىنە تاماق ئۇستىلىگە كىلىپ ئولتۇردى ئەمما ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگۇرۇپ بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .
-سىزگە نىمە بولدى مەدىنە –مۇرات شۇنداق دەپ داستىخان ئۇستىدىكى نانغا تىكىلىپ قالغان مەدىنەدىن سورىدى.
-ھىچ ئىش ،تۇيۇقسىز ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ قالدى ،مۇرات ئارام ئالايلىچۇ؟
-سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ،بولىدۇ ،يۇرۇڭ-مۇرات شۇنداق دىگىنىچە مەدىنەنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
كېچە شۇنچىلىك جىمجىت ،ئاسماندىكى يۇلتۇزلار شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى ،مۇراتنىڭ قەلبى بولسا شۇنچىلىك خوشال ئىدى ،ئۇ يېرىم كېچىگىچە يېنىدا يىنىڭ تىنىپ ياتقان مەدىنەگە قاراپ ئولتۇردى  شۇنداق قىلىپ قاچاندىدۇر ئۇزىنىڭ ئۇيقىغا كەتكىنىنى بىلمەيتى .
مۇرات چۇشىدىن چۇچۇپ ئويغاندى ،ئۇنىڭ پۇتۇن بەدىنى قارا تەرگە چۇمۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ تۇنۇگۈن كېچە ناھايتىمۇ قورقۇنۇشلۇق چۇش كۆرگەن بۇلۇپ چۇشىدە بىرتوپ جەسەتلەر ئۇنى قوغلاپ كەتتى،مۇرات جان جەھلى بىلەن قاچتى ئەممائۇنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز يۇزلىرى قىپقىزىل قانغا بويالغان ،كۆزلىرى شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق ،چاچلىرى چۇۋۇلغان ،قۇلىدا قىپقىزىل قانغا بويالغان پىچاق تۇتقان ھالەتتە بىر قاراشتىن مەدىنەگە شۇنچىلىك ئوخشايدىغان بىر روھ پەيدا بولدىدە مۇراتقا ئېتىلدى ،دەل شۇچاغدا مۇرات چۇشىدىن ئويغىنىپ كەتتى ،مەدىنە بولسا تېخىغىچە ئۇخلاۋاتقان ئىدى ،مۇرات ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ئىشقا مېڭىشقا تەييارلىق قىلدى،بۇ چاغدا مەدىنەمۇ ئورنىدىن تۇردى.
-ئومىقىم مەن ئىشقا بېرىپ كىلەي ،سىز ياخشى ئارام ئېلىڭ ،ھېلى مەن قايتىپ كەلگەندە بىز بىللە چوڭ ئۆيگە بېرىپ كىلەيلى –دىدى مۇرات مەدىنەگە .
مەدىنە مۇراتقا ھىچبىر جاۋاپ بەرمەستىن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
مۇرات ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ئىچىدىكى ياتاق ئۆيدىن مەدىنەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مۇرات
مۇرات كەينىگە بۇرۇلدى ،مەدىنە مۇراتنڭ يېنىغا كەلدى
-مىنىڭ بىر مەزگىل باشقىلارغا كۇرۇنگۇم يوق،ئۇلار مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرسە جىددىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن –دىدى مەدىنە .
مۇرات ئارتۇق گەپ قىلمىدى،ھەمدە بېشىنى يىنىك لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۇردى،ھەمدە مەدىنەنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۇيۇپ قويدى ئەمما مەدىنەنىڭ يۇزى شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى.
-مەدىنە مۇزلاپ كىتىپسىز ،ياخشى ئارام ئېلىڭ –مۇرات شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى .
بىركۇنلۇك خىزمەتلەر ئاياقلىشىپ مۇرات قايتىپ كەلدى ،ئەمما ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى ،چۇنكى پۇتۇن ئۆيدىكى ئەينەكلەر چۇل چۇل بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ دېرىزىنىڭ ئەينىكىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ساق ئەينەك قالمىغان ئىدى.
-مەدىنە  ، مەدىنە –مۇرات مەدىنەدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەۋاتاتتى ،ئەمما ئۇ ھەرقانچە چاقىرسىمۇ مەدىنەدىن ھىچبىر جاۋاپ كەلمەيتى .مۇرات يۇگۇرەپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەلدى مەدىنە بولسا بىر بۇلۇڭدا تىزىنى قۇچاقلىغىنىچە بىر نوقتىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى.
مۇرات مەدىنەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنى باغرىغا باستى
-بۇ زادى نىمە بولغىنى ؟كىم مۇشۇنداق قىلدى ،سىزگە بىرنەرسە بولمىغاندۇ؟
مۇراتنىڭ بۇ سۆزلىرى جاۋاپسىز قالدى،شۇندىمۇ ئۇ مەدىنەنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ياتقۇزۇپ قويدى.مۇرات مەدىنەنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىۋاتاتتى ،ئەمما مۇراتقا بۇ ئىشلار تولىمۇ غەلىتە بىلىندى.بۇرۇن شۇنچىلىك شوخ گەپ قىلىپ ھارمايدىغان مەدىنە نىمە ئۇچۈن تۇيۇقسىز بۇنداق جىمغۇرلىشىپ كەتكەندۇ؟بەلكەم بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان بۇلىشى مۇمكىن مۇرات شۇنداق دەپ ئويلىدى.
يەنە بىر كېچە ئۇتۇپ كەتتى ،مۇرات بۇگۇنمۇ يەنىلا ئوخشاش چۇش كۆردى .ئەرزان ئاۋازى بىلەن تەڭ مۇراتمۇ چۇشىدىن ئويغاندى ،مانا ئىشقا بارىدىغان ۋاقىت يەنە تۇشۇپ قالدى،ئەمما مەدىنە تېخىغىچە ئۇخلاۋاتاتتى ،مۇرات ئۇنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۇچۇن ئاستا چىقىپ كەتتى ،چىقىپ كىتىش ئالدىدا مەدىنەنىڭ پېشانىسىگە بىرنى سۇيۇپ قويدى.قىززىق ئىش مەدىنەنڭ پۇتۇن بەدىنى شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى.مۇرات مەدىنەگە يوتقاننى يېپىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ،ئەمما ئۇ ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقىشىغا بىرسىنىڭ قاتتىق نالە قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ ئۇستىنكى قەۋەتتىكى خوشنىسىنىڭ ئۇيىدىن چىقىۋاتاتتى ،مۇرات ئاستا قەدەملەر بىلەن خوشنىسىنىڭ ئۇيىگە چىقىپ كەلدى،ئۆي ئىچى ساقچىلار ۋە ئاق كىيىملىكلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى،مۇرات ساقچىلار ئارىسىدىن بۇرۇن بىرگە ئۇقۇغان ساۋاقدىشى مۇختارنى ئۇچۇرتۇپ قالدى ،ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن نىمە ئىش بولغانلىقى سورىدى
-ھەي نىمە ئىش بولاتتى ئاداش ،تۇنۇگۇن كەچ بۇ ئويدە قاتىللىق دىلوسى يۇز بىرىپتۇ ،بۇ ئۆيدىكى ئەركىشى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۇرلۇپتۇ .ئۇ ئەرنىڭ پۇتۇن ئەزالىرى ئۆي ئىچىنى بىر ئاپتۇ ،ئەمما بىز ئۆي ئىچىدىن ھىچقانداق ئىز بايقىيالمىدۇق ،يەنە كىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىزمۇ يوق ئىكەن.
مۇرات دوستىنىڭ بۇ سۇزىدىن سەل تەمتىرەپ غەلىتىلىك ھىس قىلىشقا باشلىدى
-ھەراس ئاداش سىنىڭ ئۇيۇڭ ئاستىنقى قەۋەتتە ئىكەن ،تۇنۇگۇن كەچ سەن ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلىمىدىڭمۇ؟-مۇختارنىڭ بۇ سۇئالى مۇراتنى بىرئاز جىددىلەشتۇرۇپ قويدى
-يا  ياق  مەن ھىچنىمىنى ئاڭلىماپتىمەن
-ھە مۇنداق دە ،سەن ھازىر كىم بىلەن تۇرۋاتىسەن ؟ئاڭلىسام مەدىنە غايىپ بۇپتۇ مەن تولىمۇ قايغۇئۇردۇم ئاداش-مۇرات مۇختارنىڭ بۇ سۇئالىغا نىمەدەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمىدى.
-رەخمەت ئاداش ،مەن ئۆيدە يالغۇز-مۇرات شۇنداق دىدى ،چۇنكى ئۇ مەدىنەنىڭ ھىچكىم بىلەن كۇرۇشكۇم يوق دىگەن سۇزىنى ئىسىگە ئالغان ئىدى،مۇرات يەنى شۇنداق سۇئاللارنىڭ سورىلىشىدىن ئۇزىنى قاچۇرۇپ دوستى بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى .مۇرات يولدا كىتىۋېتىپ ھەر خىل خىياللارنىڭ قىلدى ،ئۇ شۇنچىلىك ئويلاندىمۇ بۇ ئىشلارغا ھىچبىر جاۋاپ تاپالمىدى.
كۇنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى،ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ قورودا نۇرغۇن قاتىللىق دىلوسى يۇز بەردى ،ھەممىسى دىگۇدەك شۇنچىلىك سىرلىق ھەم شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق ئىدى،مۇرات مەدىنەدىن كۇندىن كۇنگە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى،ئۇ مەدىنەگە بىرەر خەۋەپ يىتىپ قېلىشىدىن تولىمۇ قورقاتتى ،ئەمما مەدىنە بولسا كۇندىن كۇنگە جىمغۇر بۇلۇپ كەتتى ،مۇرات ئويلا ئويلا ئاخىرى ئۇيىگە سىنغا ئېلىش ئاپىراتى ئورنىتىپ قويماقچى بولدى ،شۇنداق قىلىپ ئۇ يېقىن ئەتىراپتىكى بىر ئۇرۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيىگە ئىككى دانە سىن ئالغۇچ ئورناتتى .
ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتكەندە مۇرات ئۇدۇل خوشنىسى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى
-ھە مۇراتجان تىنىچلىقمۇ سىز ؟
-ياخشى ياسىن ئاكا ،سىلىچۇ ،سالامەتلىكلىرى ياخشىدۇ.
-ياخشى ئۇكام .،مەدىنەنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى قىلىپ بولدىڭىزمۇ؟-ياسىن ئاكىنىڭ بۇ گىپىدىن مۇرات گاڭگىراپلا قالدى،
-بىلىمەن ئۇكام ،بۇ سزگە ئېغىر كىلىدۇ ،شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ ،نەچچە ئاي بۇرۇن يېرىم كېچىدە سىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئۆز ئۇزىڭىزگە گەپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۇرۇپ سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم ،ئۇيىڭىزگە نەچچە كىرمەكچىمۇ بولدۇم ،ئەمما سىز نى ئۇزۇن بولدى كۆرمىدىم شۇڭا يوقلاپمۇ بولالمىدىم،بولىدۇ ئۇكام ئەمىسە ئۇزىڭىزنى ئاسىراڭ-ياسىن ئاكا شۇنداق دەپ كىتىپ قالدى،مۇرات بولسا بىر جايىدا قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى.
-بۇ زادى نىمە ئىش ،بۇ كىشى مىنى قەستەن ئوينىتىۋاتامدۇ قانداق ،مەدىنەنىڭ مىنى نەچچە قېتىم ئىشقا ئۇزۇتۇپ قويغانلقنى كۇرۇپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ ئاخىرەتلك ئىشلىرىنى سورايدىغۇ؟-مۇرات ئۆز ئۇزىگە شۇنداق دەپ پىچىرلىدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنى قانداقتۇر بىر گۇمان ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان ئىدى.بۇ ئىشنى چۇقۇم ئېنىقلاش كېرەك.مۇرات شۇنداق دەپ تىز تىز قەدەم بىلەن ئۇيىگە قاراپ يول ئالدى .مۇرات ئۆيگە كەلگەندە مەدىنە ئۆيدە يوق ئىدى ،مۇرات بەلكىم سىرىتقا ھاۋا يىگىلى چىقىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىدى.شۇندىلا مۇراتنىڭ ئىسىگە سىنغا ئېلىش ئاپىراتى كەلدى ،ئۇ ئاپىراتنى قوزغىتىپ نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى كۇرۇنۇشلەرنى كۇرۇشكە باشلىدى،ئەمما ئۇ كۆرگەن سىرى پۇتۇن بەدىنى بوشىشىپ پۇت قوللىرى تىتىرەپ ،پۇتۇن بەدىنىدىن تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى،سىن كۇرۇنىشىدە پەقەر مۇراتلا بۇلۇپ يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەگىشىپ يۇرگەن بىر پارچە ئاپپاق تۇمانلا بار ئىدى ،ئەمما مەدىنەنىڭ سىماسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى،مۇردتنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ يۇرىكى شۇنچىلىك ئەنسىز سۇقۇشقا باشلىدى ،تۇيۇقسىز ئاشخانا ئۆيدىن ئاڭلانغان ئەينەكنىڭ قاتتىق سۇنغان ئاۋزى مۇراتنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالدى ،دىمىسىمۇ مۇرات باياتىن بۇيان خۇددى ئۇ كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرغاندە ناھايتى قورقۇنۇشلۇق بىر قولنىڭ ئۇنىڭ كەينىدى كىلىپ مۇرىسىنى تۇتىدىغاندەك ،يېنىدا قىپقىزىل كۆزلەر پەيدا بولىدىغاندەك ھىسىياتتا ئىدى.مۇرات قانداق قىلىشنى پەقەت بىلەلمىدى،شۇندىمۇ ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئاۋاز چىققان ئۆيگە قاراپ ماڭدى،ئۇ چىراقنى ياندۇردى ئەمما شۇ ھامان ئۇزىنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىراپ تاشلىدى.
-يااااااااااااااااااق ،سۇبىھى ...............  جېنىم سىڭلىم –مۇراتنىڭ بۇ ئاۋازى پۇتۇن قورونى ساراسىمىگە چۇشۇرۋەتتى ،مۇراتنىڭ خوشنىللىرى يۇگىرەپ مۇراتنىڭ ئۇيىگە كىرىپ كەلدى،شۇندىلا تۇرۇسقا گېلىدىن ئارغامچىغا ئېسىلغان ،كۆزلىرى ئۇيۇۋېلىنغان ،پۇت قونلىرىدىن قان سىرغىۋاتقان مۇراتنىڭ سىڭلىسى سۇبىھىنى كۆردى.

كىيىنكى قىسىمى ناھايتى تىزلا سىلەر بىلەن يۇز كۇرۇشىدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagzada098 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-3 11:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز   ئادەمنى راساقىزىقتۇرۇپ قۇيۇپ..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yfkopjfn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-3 04:29 AM  


ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3483
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى راساقىزىقتۇرۇپ قۇيۇپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8505
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 817 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا ئوقۇۋاتسام چىراق بىر ئۆچمەسما تاس قالدىم ۋاقىرۋەتكىلى.

يالغۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97260
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 781
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
781847813 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 12:46 AM
تازا ئوقۇۋاتسام چىراق بىر ئۆچمەسما تاس قالدىم ۋاقىرۋە ...


ما ئىشنى كۇرۇڭ ئەمدى    ،ئەستا ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagzada098 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-4 12:59 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96352
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ئەپسانىدىن يەنە بىرسى بارلىققا كەپتۇ -دە.ۋەقەلىك تەرەققىياتى ھەقىقەتەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پىرسۇناژ لار خاراكتىرى رۇشەن يورۇتۇپ بىرىلگەن.ۋەقەلىكنىڭ باش-ئاخىرىمۇ شۇنداق ماسلاشقان لېكىنزە داۋامى قاچانمۇ چىقار ھەيييييييييييييي.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97469
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-9-1
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqan  giqa saklamiz  amdi  bunig ahirini

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95978
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر. پەقەت ئەسھابى يەمىن بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ راستلا ئادەمنى سەل جىددىيلەشتۇرۈپ قۇيىدىكەن.

ئۈمىد جاسارەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86221
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 435
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-10-18
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن ، بۇنىمۇ ئەڭ ئاۋات تېمىغا ئايلاندۇرمەن دەپ شۇنداق قىلۋاتامسىز يا ؟ چاق چاق جۇمۇ ئەسەر يېزىشقۇ ئاسان ئەمەس ، شۇندىمۇ تىزراق بولاسىز  ، كۆزۈم تىشىلەي دىدى مۇنبەردىكى ئەسەرلەرنىڭ داۋامىنى تېپىپ بولالماي …

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش