مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: .patrol.

سۈرىيىگە نىمىشقا سۈكۈت قىلىندى.   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9969
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكىنىڭ ئىككى يىلدىن بىرى سۈرىيەگە قول سالالماي كىلىشىدە ھەقىقەتەن روسىيىنىڭ كۆرۈنمەس قولى بار . نۆۋەتتە سەئۇدىي ئەرەبىستان ، قاتار قاتارلىق ئەرەپ دۆلەتلىرى ، تۈركىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ياردەم بەرمەكتە ، لىكىن ئۇلارنىڭ مەخسەت مۇدالىرى ھەر خىل .
    ئەرەپ باھارىدىن كىيىن ، سەئۇدىي ئەرەبىستان ، قاتار ، بەھرەيىن قاتارلىق نېفىت كىرىمىگە تايىنىپ قاتتىق بىيىپ كەتكەن ، لىكىن بايلىق پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرگە مەركەزلىشىپ ، خەلقنىڭ غەزىپى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان دۆلەتلەر  بارلىق ئاماللار بىلەن ئۆزلىرىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كىلىۋاتقان ئىران ، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاكىيمەتلىرىنى گۇمران قىلىشقا ئۇرۇنماقتا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ تىمىڭىز ھەقىقىتەن ئادەمنى ئۈزىگە تارتىدۇ دەلىللىرىڭىز ئاەدمنى شۇنداق قايىل قىلدۇ بىلسىڭز  سىزدىن سۇراپ باقسام ھەمىمىز بىلىپ قالساق سۈرىيەنىڭ ھەربىي كۇچى قانچىلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەربىي دائىرىلەر سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشنىڭ خىيم – خەتەرلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى
ئېلىزابېت بۇميۇللېر، 2012- يىلى 11- مارت



ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ياردەم قىلىشى ھەققىدىكى چاقىرىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا قارىماي، بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەربىي ئارىلىشىشنىڭ قىيىن ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان، كەم دېگەندىمۇ ئامېرىكىنىڭ نەچچە ھەپتىلىك مەخسۇس ھاۋا ھۇجۇمىنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇرۇش ئوپىراتسىيىسى بولىدىغانلىقى، نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئىبارەت يوشۇرۇن خەتەرلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە كۈچەپ ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە ئۇرۇشى ئالدىنقى يىلى ناتونىڭ نەچچە يۈز ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، 7700 دانە بومبا ۋە سىنارەدلەرنى قويۇپ بېرىپ قىلغان يەتتە ئايلىق ھاۋا ھۇجۇمىدىنمۇ كۆپ مۇرەككەپ بولىدىكەن.
گەرچە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە سىجىل ھاۋا ھۇجۇمى قىلغۇدەك ھەربىي ئىقتىدارى بولسىمۇ – بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى، گېنېرال مارتىن دېمپسېي ئالدىنقى ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا سۆز قىلغاندا بىز ھەر قانداق ھۇجۇمنى قىلالايمىز دېگەن – بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئارمىيىنىڭ تۆت ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى: 1. سۈرىيەنىڭ ئاساسلىق نوپۇس مەركەزلىرىگە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يېتەرلىك كۆلەمدىكى رۇسىيەدە ياسالغان مۇرەككەپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ خەتىرى؛ 2. چوڭقۇر ئىختىلاپقا پاتقان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوراللاندۈرۈشنىڭ خەتىرى؛ 3. سۈرىيەنىڭ ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى – ئىران ۋە رۇسىيە بىلەن ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشىغا پېتىپ قېلىشنىڭ خەتىرى؛ 4. باشار ئاساد ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشنى خالايدىغان خەلقئارالىق ئىتتىپاقنىڭ (ھېچبولمىغاندا بۈگۈنگە قەدەر) كەمچىل بولۇش خەتىرى.
بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىشىچە، سۈرىيەدە ھەتتا پۇقرالار ئۈچۈن بېخەتەر رايون ياكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇشمۇ ئامېرىكا يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ بەرپا قىلىشى ۋە ساقلاپ تۇرۇشىغا مۇھتاج بولىدىغان مۇرەككەپ ۋەزىپە بولىدىكەن. ئامېرىكا مۇشۇنداق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەۋەككۇل قىلىشى كېرەكمۇ؟
گەرچە ھۆكۈمەتتىكىلەر يەنىلا دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنىڭ ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ زورلۇق بىلەن باستۇرۇشىنى توختىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىمۇ، ئەمما پرېزىدىنت ئوبامانىڭ بەش بۈرجەكلىك بىناغا چۈشۈرگەن دەسلەپكى ھەربىي تەدبىرلەر ھەققىدىكى تەلىپىگە جاۋابەن پىلانلار تۈزۈلۈۋاتىدۇ. مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلەر ھاۋادىن ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش، سۈرىيەنى دېڭىزدىن كۈزىتىپ تۇرۇش، ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە گېنىرال دېمپسېي ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا ھەربىي تەرەپنىڭ بۇ مۇمكىنچىلىكلەرنى ئويلىشىشىنىڭ پەقەت دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھازىر قوماندانلار چەتئەللەردە كرىزىس يۈز بەرگەندە قوللىنىلىدىغان ھەربىي جەھەتتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانلىرىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئارىزونا شتاتىلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككەين ۋە ئۇنىڭ بەزى جۇمھۇرىيەتچى سەپداشلىرى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى. ماككەين ئەپەندى ئالدىنقى ھەپتىدىكى كېڭەش پالاتا يىغىلىشىدا ب د ت نىڭ سۈرىيەدە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 7500 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى مۆلچەرىنى نەقىل قىلىپ، "يەنە قانچىلىك ئادەم ئۆلسە بولىدۇ؟" دەپ سوئال قويدى.
جەنۇبىي كارولىنا شتاتىلىق جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخام ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە لىۋىيەدىكىدىنمۇ چوڭراق ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىنىڭ بارلىقىنى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تەۋەككۈل قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. "بىرمۇ ئايرۇپىلان چىقىم قىلماي تۇرۇپ، ھېچقانداق ئۇرۇشنى قىلالمايمىز" دېدى ئۇ.
ماككەين ئەپەندى – ۋېيتنام ئۇرۇشىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئەسىرگە ئېلىنغان سابىق دېڭىز ئارمىيە ئۇچقۇچىسى. 2008- يىلى ئوباما بىلەن پرېزىدىنتلىق رىقابىتىگە قاتناشقان – ھەربىي پىلانچىلارنىڭ ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش قوزغاش ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ھىسسىياتقا بېرىلگەنلىك ۋە تەكەببۇرلۇق دەپ قارىغانلىقىغا ئالاھىدە ئاچچىقلاندى. بۇ پىلانچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارمۇ ۋاشىنگتوندىكى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى ۋە سۈرىيەدىكى ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈمىدىنى بېكىتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ يوليورۇقىغا ئىنتىزار ئىكەن.
"بىز ئىلگىرى ئاشۇنداق قۇيرۇقى ئۈزۈلمەس ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتنىشىپ باققان، ئەمدى ئۇنداق خىشقا قايتا دەسسىمەيمىز" دېدى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار لىۋىيە ئۇرۇشىنى تىلغا ئېلىپ. بۇ ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھاۋا كۈچلىرى ياردەمگە چاقىرىلغان بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن چارلىغۇچى سىنارەدلەر ئامېرىكا پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى كېمىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، لىۋىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى بىتچىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ياۋروپانىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەركىن مەشغۇلات قىلالىغانىدى. ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئامېرىكا تەرەپ يەنىلا داۋاملىق ئوق – دورا ۋە ماي قاچىلاش ئايروپىلانلىرىنى تەمىنلىگەن ھەمدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىپ بەرگەنىدى.
دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيەنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى – يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان مىڭلىغان سىنارەدلەر، رادارلار ۋە ئايروپىلانغا قارشى زەمبىرەكلەرنىڭ بىرىكمىسى – لىۋىيەنىڭكىدىن كۆپ ئىلغار بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ غەربىي چىگرىسىدىكى نوپۇسى زىچ رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن، كۆڭۈل قويۇپ بومباردىمان قىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئەتراپتىكى پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. "بۇ رايونلاردا يەنە بەزى ئېغىر قوشۇمچە ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن" دېدى پانېتتا ئەپەندى ئالدىنقى ھەپتە.
ئامېرىكىنىڭ قورال – ياراغ ئامبىرى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن لىۋىيەدىكىگە ئوخشاش، سۈرىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىمۇ ئىشلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئامېرىكا ئارمىيىسىگە زىممىسىگە چۈشىدىكەن. "بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىشىمىز مۇمكىن" دەيدۇ گېنېرال دېمپسېي.
ئامېرىكا ھاۋادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن چاغدىلا ئاندىن بىخەتەر رايون ياكى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى – پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن تۈركىيەگە ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر بىخەتەر يول - بەرپا قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. بىراق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق كارىدور ياكى رايونلار 330000 كىشىلىك كۈچلۈك سۈرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان ئاجىز بەلۋاغ بولۇپ قالىدىكەن.
تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ سابىق ئەسكىرى، روۋد ئارىلىدىن كەلگەن دېموكراتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەك رىيد ئالدىنقى ھەپتىدىكى كېڭەش پالاتا يىغىلىشىدا مۇنداق دېدى: "مەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ بىخەتەر رايونلارغا قانچىلىك ۋاقىت سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما بىخەتەر رايونلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بىرەيلەن بېرىپ، قوشۇندىن بىرنى تەشكىللەپ، مەشقلەندۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭغا نەچچە يىل كەتمىگەندىمۇ، نەچچە ئاي كېتىدۇ."
"ئۆكتىچىلەر سۈرىيەدىكى بىرەر رايوننى كونترول قىلىۋالالمىدى. لىۋىيەدە شەرق ۋە غەرب تەرەپتىن مەركەزگە تېگىش قىلىۋاتقان قەبىلە كۈچلىرى بار ئىدى. سۈرىيەنىڭ ھېچقانداق يېرىدە كونترول قىلىنغان زىچ نوپۇسلۇق بىر رايون يوق. ئۇلار بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن" دېدى گېنېرال دېمپسېي.
ھەربىي ۋە ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى چاك – چېكىدىن بۆلۈنۈپ كەتكەن بىرەر يۈز گۇرۇپپىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھازىرغىچە ئېنىق بىرەر رەھبەرگە ئىگە بولمىغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۆكتىچىلەرنى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېخنىكىلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە بۇ چېچىلىپ يۈرگەن گۇرۇپپىلارنى بىر ئۇيۇشقان گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشقا ئامال قىلالمايۋاتىدۇ.
بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ ئاساسلىق كۆز تىكىۋاتقىنى سۈرىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىراندۇر. ھەربىي ۋە ئاخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران يېقىندا راكىتاسىمان گرانات قاتارلىق كىچىك تىپتىكى قوراللارنى سۈرىيەگە توشۇغان بولۇپ، يەنە ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىنتېرنىتنى ئۈزۈۋىتىشىگە ياردەم بېرىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسىسلەرنىمۇ ئەۋەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە سۈرىيەنىڭ بىرىنچى قورال تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى پورت شەھىرى تارتۇستا سۆۋىت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسى سىرتىدىكى بىردىنبىر ھەربىي پونكىتى بولغان بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. موسكۋا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاساد ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە كۈچىمەكتە. ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاسادنىڭ تەختتىن چۈشۈشى مۇراجىئەت قىلىنغان قارار لايىھەسىگە قارىتا، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىدۇر.
"ئەگەر بىزدە كەڭرى ئىستراتېگىيە بولماي تۇرۇپ، نوقۇل ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەنلا سەكرەپ چۈشسەك، ناھايىتى تېزلا ئىران، رۇسىيە ۋە باشقىلارنىڭ قارشى ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رىجىمنى كۈچەيتىدىغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى قارشىلىشىش يولىغا كىرىپ قالىمىز" دەيدۇ بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ سابىق ئالىي ئەمەلدارى مايكول فلورنىي.
ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار يەنىلا سۈرىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئامبارلىرىغا يوشۇرۇلغان دەپ قارىلىدىغان خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك قوراللىرىغا دىققەت قىلىۋىتىپتۇ ھەمدە بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۇلارنى بۇ خەتەردىن قانداق قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرىشىۋىتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلىدىغان بارلىق ھەربىي تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ. "بۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ؟" دەيدۇ ھاۋا ئارمىيەنىڭ ئالدىنقى يىلى پىنسىيەگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى گېنېرال دېپتيۇلا: "بۇنىڭ جاۋابى – شۇنداق، ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما بۇ ئۇنداق كۆڭۈللۈك ئىش بولمايدۇ."







ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
riallik + 10 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91347
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمالار ئۇرۇشىۋاتتىدۇ، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى داۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.  پىتنىلەر ئاۋۇپ، قىرغىنچىلىق كۆپ بولۇپ كىتىدۇ. يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، ۋاقىت قىسقىراپ، بەركىتى قالمايدۇ. دەججالنىڭ ھايات بار ئىكەنلىكى، سولاپ قويۇلغان بولۇپ، كېيىن مەشرىق تەرەپتىن چىقىدىغانلىقى بىر ھەدىستە بايان قىلىنغان.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16157
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 3925 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقلاش مۇمكىن بولمايدىغان قىرغىنچىلىقنىڭ ئارقىسىدا پەسكەش رەزىل مەنپەئەت بار، ھافىزۇل ئاساددىن قالغان دۇنيا باشار ئاساددىنمۇ قالىدۇ ،سىتالىندىن قالغان دۇنيا ۋىلادىمىر پۇتىندىنمۇ قالىدۇ،

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10901
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: شام ئەھلى( سۈرىيە )بۇزۇلسا، سىلەرگە ياخشىلىق يوق، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر تائىپە، بىر بۆلەك كىشىلەر دائىم ياردەمگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ، تا قىيامەت قايىم بولغۇچە ئۇلارنى خارلىماقچى بولغانلار،ئاسىيلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: سىلەرگە شام ئىشغال قىلىنىپ، زىمننى تاللاشقا ئىختىيارلىق بېرىلسە دەمەشىق دىيىلىدىغان شەھەرنى تاللاڭلار، «ھازىرقى سۈرىيە پايتەختى»، ئۇ جاي مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ جەڭدىن پاناھلىنىدىغان، ئىلتىجا قىلىدىغان جايىدۇر، ئۇنىڭ چوڭ چىدىرى يەنى قورغانى غوتەت  دىيىلىدىغان جايدۇر دېدى.
ئابداللار يەنى ئەۋلىيالار شامدا بولىدۇ، ئۇلار 40 ئەر بولۇپ، بىرسى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىرنى ئالماشتۇرىدۇ، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئابدال دىيىلىدۇ، ئۇلار سەۋەبىدىن يامغۇر يىغىپ سۇغۇرۇلىدۇ، دۈشمەنلەرگە قارشى ياردەمگە ئېرىشىدۇ، شام ئەھلىدىن، ئازاب، بالا چۆرۈلىپ كىتىدۇ، ئەھمەد خاتىرلىگەن. ئەلبانى زەئىپ دىگەن. ئىبنى كەسىيردىمۇ زەئىپ دىيىلگەن، مۇختەسەر ئىبنى كەسىيرنىڭ ئۈچىنچى دەپتىرىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەدىس سۆزلىنىدۇ، زەئىپ دىيىلىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. لېكىن، ئابدال، سالىھ كىشىلەر، ئەۋلىيالار، مەشھۇر ساھابىلەر.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 20 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
riallik + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان ئەللىرىگە قۇشۇن كىرگۈزۈشتە چاۋشيەن ۋىتناملارغا ھۇجۇم قلغاندەك كىرىپلا قىرىپ تۈگۈتتۈپ غەلبە قىلغاندەك يۈرەك چوڭايغان بىلەن  ئافغانىستان ئىراقلارغا قۇشۇن كىرگۈزۈشتە تۇمشۇقىغا خىلى قاتتىق يېدى   قېسقىسى سودىدىن زىيان تارتتى   بوشجان بىريىلغا قالماي ئەيۋەشكە كەلتۈرمەن دىگەن سادامجان ئۇنى سەككىز يىل ھاردۇرۇپ جىننى قويمىدى ئۇرۇش چىقىمى زوردەرجىدە ئېشىپ كەتتى  بوشجانمۇ بالدۇ ئېتىپ قويغان مۇشىتقا خىلى پەشۋا يېدى   ئوبامەكمۇ ئەلۋەتتە ئەندىشە قىلدۇ   ناۋادە سۈرىيە ھۇجۇم قىلىپلا قويسا ئىران تۈركىيەدىن تارتىپ ئىسرالىيغچە ئۇرۇش ئوتىغا غەرىق بولىدۇ   ئوتتۇراشەرىقتە ئۇرش پارتىلايدۇ ...

ئىمان ھەم غورۇر بىرسى بىرسىدىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 935
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6234
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇستەبىت مۇستەبىتنىڭ قاياشى روس چوشىقىلىرى سۈرىيەنىڭ پودىقىنى كۆتەمىسە ئۆزىگە نۆۋەت كىپ قىلىشىنى ھىس قىلىپ تۇرالمايۋاتىدۇ ..

ئۇيغۇرۇم ئۆزىنى تونىغاندا ئۆملەشكەندە ھەرقانداق رەقىبىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇسى !!!ئەمدى چۆچىمىسەڭ ھىچنىمەڭنى قوغدىيالماس بوپ قالىسەن ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36203
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1124 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ قورال ياراقنى سىناق قىلىش بازىسى ۋە ئەمەلى ئۇرۇش قىلىش مەيدانى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھلىكىسى قانچىلىك ئۈنۈم يارىتىشقا سەۋەپ بولار ئىكىن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش