yantak0996 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-3 10:51 AM
سىزنىڭ تىمىڭىز ھەقىقىتەن ئادەمنى ئۈزىگە تارتىدۇ دەلىل ...
سۈرىيە ھەربىي كۈچلىرى مۇنتىزىم قىسىم، زاپاس قىسىم، بىرەسمىي قىسىم ۋە ھاۋا مۇداپىئە قىسمىدىن تەركىپ تاپقان. ئەنگلىيە خەلىقئارا ئىستىراتىگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ 2011-يىلىدىكى دوكلاتىدا سۈرىيىنىڭ مۇنتىزىم ئەسكىرى 300مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئىلان قىلىنغان.
قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى بۇلۇپ 220مىڭ ئەسكەر،8دانە بىرونىۋىك دىۋىزىيىسى، 3انە ماشىنلاشقان دىۋىزىيە،4 پىيادە ئەسكەرلەر بىرىگادىسى،2 تانكىغا قارشى بىرىگادا، 2توپچىلار بىرىگادىسى 4مىڭغا يېقىن ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى،3000دىن كۆپرەك پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ماشىنىسى، 4800دانە ھەرخىل زەمبىرەك. (قۇرال-جابدۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى روسىيە ياسىغان قۇراللار).
قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا سۈرىيە ھاۋا ئارمىيىسى نىسپەتەن ئاجىز. جەڭ ئايرۇپىلانلىرى ئاساسلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 2-3ئەۋلاد سوقۇش ئايرۇپىلانلىرىدىن تەركىپ تاپقان. سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كىيىن سۈرىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىلغار كۈرەشچى ئايرۇپىلان مەنبەسىدىن ئايرىلىپلا قالماي، سەپلەنگەن ئايرۇپىلانلارنى رىمونت قىلىش ، ئاسراش قاتارلىق كىرەكلىك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالمىغاچقا جەڭ ئايرۇپىلانلىرىنىڭ سۈپىتى ئىزچىل ناچارلاپ كىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئەسكەر سانى بىلەن ساپاسى خېلى يۇقىرى.
دىڭىز ئارمىيىسى...خەت يېزىپ ئاۋارە بولغانغا چۈشلۈق دەسمىيسى يوق.
ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرى ئاساسەن ئېتىلىش مۇساپىسى 5كىلومىتىردىن 50كىلومىتىرغىچە بولغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەتلەر. ئەمما قۇرال-ياراغ چەكلىمىسى ۋە ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى قۇراللارنى يىڭىلاش، ئاسراش ئىشلىرى كونىراپ قېلىۋەرگەن. ئەمما، بۇلتۇر 6ئايدا سۈرىيە تۈركىيىنىڭ جەڭ ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.