يۇلداش يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 02:35 PM
قەشقەرلىكلەر مۇشۇنداق سۇزلەمدۇ، قەشقەرنىڭ ھاۋاسىمۇ ...
... قەشقەرلىكنىڭ گېپىنى سېسىق گەپ دىمەيمىز! قەشقەرلىكلەر ياپتا گەپ قىلىدۇ، كۈلۈپ تۇرۇپ، جاندىن ئۆكىدەك سۆزلەيدۇ! سىلەرنىڭ يۇرتتا، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا، سەت گەپ بىلەن، ئاچاڭنى، ئاناڭنى.. دىگەندەك ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ كېتىدىكەن! بۇنداق ئادەم تىللىغاندىن كۆرە، گەپ سۆزگە ئىشتان- چاپان كەيدۈرۈپ سىپتا قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ سىلى«يولداش»لار بولغاندىكىن گەپنى چۈشەنمىگەن ئوخشايلا، ھىچقىسى يوق، ھەر ھالدا ئۇيغۇرچىغا ئۇستىكەنلا، خەتنىمۇ يامان ئەمەس، يازىدىكەنلا.......! مەنغۇ قەشقەرلىك ئەمەس، لېكىن قەشقەر خەلقىغە ئالاھىدە ھۆرمۈتۈم بار! قەشقەردىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ سەركىسى چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟ تارىختىكى نۇرغۇن ئالىملار، مەدىنىيەت بۆشىگە بولغان ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان! دۇنيا خەلقى، قشقەرنى، قەشقەردىن چىققان ئالىملارنى ئېتىراپ قىلىدۇ! يەتتە سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا، قەشقەرغە ساياھەتكە بارغان ئىدۇق، ئالىم، مەھمۇت كاشىغەرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەك قىلىۋاتقىنىمىزد، يېنىمدىكى بىر ياپۇنىيەلىك ساياھەتچىنىڭ مەھمۇت كاشىغەرىنىڭ مەقبەرىسىگە باش ئۇرۇۋاتقىنىنى كۆرگۈنىدە شۇنداق تەسىرلەنگەن ئىدىم! ئۇيغۇرۇمنى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟! سىلى «سېسىق گەپ قىلىدۇ» دەپ ياراتماي«ئىچ ئاغرىتقان» قەشقەرلىككە باشقىلار چوڭ بىلىپ باش ئۇرىدىكەن!
سىلىمۇ بىزچە يېزىقنى بىلگەندىكىن ،قەشقەر ۋە قەشقەر خەلقى توغرۇلۇق ئىزدىنىپ باقسىلا، قەشقەرنىڭ ھاۋاسى بۇلغانغان ئەمەس، شۇ بەزى سىلىگە ئوخشاشلار بېرىپ سېلىپ قەشقەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى بۇلغاپ قويۇپتۇ، بىر تال سېسىق چىۋىن، بىر داش قازان پاكىز ئاشنى بۇلغىۋېتەشكە تامامەن يېتىدۇ ئەمەسمۇ....