بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 04:59 PM
تەڭسىز شەرتنامە تۈزۈشمەڭ.
بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 04:59 PM
تەڭسىز شەرتنامە تۈزۈشمەڭ.
ئالمىسىمۇ مانچە پۇل بىرەيما دىمىسە بىكارچىدىن باشقا نەرسە ئەمەس
مەن تىجارەت قىلىدىغان ۋاختىمدا تولا ئۇچرايتى. ئۆزەمگە 90 يۈەنگە توختايدىغان ئۈنئالغۇنى قانچە پۇل دەپ سورايتى. 120 سوم دىسەم بەزىسى ئاستا كىتىۋالاتتى. بەزىسى گەپكە سالىمەن دەپ 50-60 سوم باھا قويۇپ باقاتتى. پۇلى يوقلىقىنى بىر قاراپلام بىلەتتىم. ماقا بىرەي دىسەم
بىردەم ئويلىنىپ بىقىپ ۋە ياكى ئۇنىڭ بۇنىڭ باھاسىنى سوراپ گەپنى باشقا ياققا بۇرىماقچى بولاتتى.ئاكا ئالاملا ئالماملا دىسەم ئۇ يانچۇقىنى بۇ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ بىقىپ پۇل سالماي كەپتىكەنمەن دەپ كىتىپ قالاتتى ئوسال بولۇپ.شۇنىڭ بىلەن بىكارلىق كۆرىدىغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ قوياتتىم.
كۆرسە پۇل ئالمايمىز. پۇلى يوق نىمىسىگە تولا ئادەمنىڭ ۋاختىنى ئىسراپ قىلىپ باھاسىنى سوراۋەرمەي
كىيىم-كىچەكنىڭمۇ باھاسىنى سورىغان،يىمەك-ئىچمەكنىڭمۇ باھاسىنى سورىغان،ئىلىكتىر بويىمىنىڭمۇ باھاسىنى سورىغان،تىخى قاشتىشى-زىننەت بۇيىمىنىڭمۇ باھاسىنى سورىغان،گىرىم بۇيىمىنىڭمۇ باھاسىنى سورىغان
ئالىدىغان ئادەم بىرلام تۈردىكى نەرسىنىڭ باھاسىنى سورايدۇ.
بىر سودا-سارايغا كىرسە ھەممە دۇكاندىكى ھەممە تۈردىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى سوراپ باققان، خۇددى ھەممە تۈردىكى نەرسىلەرنى ئالىدىغاندەك،ئاشۇنداق ئادەمدىن 10 نەچچىسى بىر سودا-سارايغا كىرسىلام ھەممە تىجارەتچى ئالدى-كەينى 1 سائەتتەك چارچايدىغان گەپ ھىچنىمە ساتماي
بىرلام تۈردىكى نەرسىلەرنى بىرنەچچە دۇكاندىن سوراپ باقسا ئۇ باشقا گەپ،
قايسى كۈنى بىر ئاخسۇلۇق تونۇشۇم زەگەر بازىرىنى كۆرسەت ئالتۇن ئالىتىم دەپ تۇرىۋالدى.تازا نامازشام ۋاختى بولۇپ تولىسى تاقاپ بولغانتى. بىرنەچچە زەگەرخانىغا ئاپاردىم، ساتارمەن چامادانغا قاچىلاپ بولغان زىبۇ-زىننەتلىرىنى قايتىدىن تىزىپ باھاسىنى دەپ بەردى. قىممىتىنىمۇ تۇتىدۇ ئەرزىنىنىمۇ تۇتىدۇ،بىردەم تەييارسىنى ئالىدىغاننىڭ بىردەم ياسىتىدىغاننىڭ، بىردەم كىلەر ھەپتە ئالىدىغاننىڭ بىردەم ئەتە ئالىدىغاننىڭ گىپىنى قىلىدۇ
ساتارمەننىڭ :
--قانچە پۇل ئەتراپىدا بولسا بولىتى؟ئالىدىغان چاغدا كەلسىلە دىگەنلىرى قۇلاققا كىرىپمۇ قويمايدۇ.
ساتارمەننىڭ ھەرخىل تەنە گەپلىرىمۇ كار قىلمايدىكەن، مەن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم زادى،ئاخىرى بىر نەچچە دۇكاننى كۆرسىتىپ قويۇپ تىشىدا ساقلاپ تۇردۇم
كىيىن سۈرۈشتۈرسەم ئالمايدىكەن ئەسلى ،قىز دوستىنىڭ ھالقىسىنى ساتماقچى ئىكەنتۇق. بەك ئاچچىغىم كەلدى زادى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زاغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-20 05:24 PM