|
ئالدى بىلەن خوتەن دىيارىدىكى قېرىنداشلىرىنى كۆڭلى تارتىپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ساياھەتكە كەلگەن قېرىندىشىمىزنىڭ قەدەملىرىگە مەرھابا!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ w M2 W- P7 i- B, K# aخوتەننى كۆرۈشنى نىيەت قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدىمىگىمۇ مەرھابا!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 ~* l3 k9 ?: x- T& R ^
مۈمكىن بولسا خوتەننى مىللى مەدىنىيەت، مىللى ئۆرپ-ئادىتى، ئەسلى قىياپىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماستىن بۇرۇن كۆرۈۋالغايسىزلەر. كىم بىلىدۇ يەنە قانچە يىلدىن كېيىن تاڭسىڭنىڭ قەدەمگاھى بولۇپ باشقىچە تەزكىرىلەرنى ئاڭلايمىزمۇ تېخى ( ھېلىمۇ شۇنداق رىۋايەتلەر بار).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 Q% e1 M, d/ N5 @: h* l
يۇقۇردىكى غار بولسا قاراقاش ناھىيىسى بىلەن خوتەن ناھىيىسىنىڭ چېگرىسىغا يەنى قاراقاش ناھىيىسى سايباغ يېزىسى باغدات كەنتىسىنىڭ شەرقىگە، خوتەن ناھىيىسى لايقا يېزىسى سەھۋالىم كەنتىسىنىڭ جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكى كوھمارىم تېغىنىڭ غەربى يامزىلىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيىسىگە تەۋە، غارنىڭ تۆۋىنىدىكى دەريادا قاراقاش دەرياسىنىڭ ئېلىش بېشى يەنى دەريا سۈيىنى نەچچە ئۆستەڭگە بۆلىدىغان ئېچىق بار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& ^! G5 v; g% sكوھمارىم دىگەن سۆز فارىس تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، كوھ- تاغ، مار- يىلان ، يىلانلىق تاغ دىگەن مەنىسى بار. بۇ غار يىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ ھەقتە كۆپ خىل رىۋايەتلەر بار. بۇ ھەقتە يۇقۇردا مەلۇمات بېرىلدى. ھەتتا قاراقاش دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئاز كۆپ بولۇشى غارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى دەريانىڭ تاغقا تۇتاشقان يېرىدىكى خىسلەتلىك يىلان بىلەن مۇناسىۋېتى بار دەپ ، يىلان ئۈچۈن نەزىر قىلىش كېرەك دىگەندەك گەپلەرمۇ بار ئىدى ( نەئۇزىبىللاھ، بۇ ئوچۇق شېرىكلىك) . ئىسلام قوشۇنلىرى ئۇدۇن پادىشاھى چوقتۇرۇش نوقتۇرۇشلار بىلەن جەڭ قىلغاندا بەلكىم بۇ غاردا پاناھلانغان بولۇشى مۈمكىن، ئەمما يىلانغا ئايلىنىپ چىقىپ كەتكەن دىگەن گەپنىڭ ئاساسى يوق، بەكلا غايىۋى، ئىسلامدا ئەقىلدىن تاشقىرى بولغان، بەك غايىۋى، فانتازىيەلىك ۋەقەلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ، پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن مۆجىزىدىن باشقا . بۇ شىئەلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئوخشايدۇ، دىيارىمىزغا شىئەلەرنىڭ قاراشلىرى، تەسەۋۋۇپ قاراشلىرى ئوبدانلا سىڭىشىپ كەتكەن. غاردىكى كۆيۈك ئىزلىرى غاردا ئولتۇرغانلار قالىغان ئوتنىڭ تۈتۈنىدىن بولغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 H% _* P( {; O# O {غار بۇرۇن ئوچۇق ئىدى، ھازىر شەخسلەرگە ھۆددىگە بېرىلىپ، پۇل ئالىدىغان بولۇشتى. غار ئالدى، غار ئىچى بىرىنچى ، ئىككىنچى قەۋەتتە بىرقانچە تەييارتاپ تىلەمچىلەر تەقۋادار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تەسۋى سىرىپ، ئايەت ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ پۇل ئۈندۈرىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( C' D* B( K! D' h1 d2 y4 Y
غارنىڭ يۇقۇرى تەرىپىدە بىر مازار، مازار يرنىدا بىر مەسجىت بار، بۇ مازارنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلۇغلاپ تاۋاپ قىلىشىدۇ. مەسجىت ۋە مەسجىت يېنىدىكى يۇمۇلاق گۈمبەزدە ئىبادەت قىلىدىغان، ئېتىكاپتا ئولتۇرىدىغانلار بار، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ئادەم ئاز، ئىگىز، ھاۋالىق يەردە تىنچ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زىھنى بىلەن قىلغان ئىبادەت، دۇئالار تېز مەقبۇل بولارمىش، نۇرغۇن تەركىدۇنيا، سوفى، دەرۋىش، شەيخلەر شۇنداق خىلۋەت جايلاردا ئىبادەت قىلىپ ئەۋلىيا بولغانمىش، شۇڭا ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر شۇ يەردە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل. مەن قارىسام گۈمبەزنىڭ ئارقا تەرىپىدە شۇنداق جىق قان ئىزى تۇرىدۇ، سۈرۈشتۈرسەم قان ئۈچۈن بۇغۇزلانغان ماللارنىڭ قېنىمىش. ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئاتاپ، مازارغا ئاتاپ ، قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ ئەدىتى ئۈچۈن قان قىلىش شېرىكلىككە باشلايدۇ، ئىسلامدا خاتا ئىشلار. گۆش يىيىش ئۈچۈن بۇغۇزلىغان بولسا ئۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: @( V, r' s+ r* k
قاراقاش ۋە خوتەندىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىدە يەنە باشقا سەۋەپلەرمۇ بار. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ |$ B9 T1 e2 ?. p" C
بۇ تاغ قاراقاش دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا، ھاۋاسى ساپ، مەيىن شاماللىق، سالقىن، تاغدىن غەرپكە، شىمالغا قارىسا تۇتاش كەتكەن كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، تۆۋەندە دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، يىراقتا قاراقۇرۇم تاغلىرى كۆرىنىدۇ، كىشىگە ھوزۇر بېرىدۇ. بولۇپمۇ خوتەندەك كېلىماتى ناچار، قۇم- بۇران كۆپ، تاغ دەريالىرى ئاز جاي ئۈچۈنمۇ بىر ئارام ئېلىش نۇقتىسى ھىساپلىنىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ [, U6 V$ P$ X
يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەرنىڭ سۈيى سۈزۈك، يازدا سۇغا چۈمۈلۈشكە ماس ئۆستەڭلەر كۆپ شۇڭا يازلىرى ئۆستەڭ ئىىچى ۋە ئۆستەڭ بويلىرىدا كۆپلىگەن كالتە ئىشتان كىيىۋالغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىش مۈمكىن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ~! N7 E& ~9 O: o, I' _& f
كوھمارىم تېغى ئېتىكىدىكى سەھۋالىم كەنتىدە ھەر پەيشەنبە خېلى چوڭ بازار بولىدۇ، خوتەننىڭ ئاساسلىق چېلىش پائالىيىتىمۇ مۇشۇ يەردە بولىدۇ. يەنە سايباغ يېزىسىدىكى قاشتاش كېنى بۇ يەرگە يېقىن بولغاچقا قاشتاش سودىسىنۇ مۇشۇ ئەتراپلاردا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% t* K6 C8 a: c, H* c5 Oقىسقىسى ، بۇ يەر جاي جايلاردىن تاۋاپ، ئىستىقامەت قىلىش، دۇئا قىلىش، ساياھەت قىلىش، ھاۋا يىيىش، پاكىزە سۇ ئېلىش، سۇغا چۆمۈمۈش، بازار ئويناش، چېلىش مۇسابىقىسى كۆرۈش ، قاشتاش سودىسى قىلىدىغان بايلار قاتارلىقلار بىلەن جانلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& \ G! s9 r3 d; ]3 o/ w: I8 U7 g( q' c! sدوستلارنىڭ پۇرسىتى يەتسە بىر كۆرۈپ قويۇشىنى قارشى ئالىمىز. ئانچە يىراقمۇ ئەمەس، شەھەردىن 20-30 كلومېتىر ئەتراپىدا. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: m2 r2 z; q! x) ~4 p
ئۇنىڭ 50 كىلومېتىر يۇقۇرىسىدا داڭلىق ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرى بار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ s& M( i4 b; f% I4 N6 m! S
|
|