muyas يوللىغان ۋاقتى 2013-9-23 11:08 PM
سىز تىخى توي قىلمىغان قىزنى ئۆيىڭىزگە چاقىرغانما...بى ...
ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ ،
ئېيىق بولسىمۇ خوتۇنۇڭ ياخشى
قىز بالىنىڭ تۇللىقىدىن ئەر كىشىىڭ تۇللىقى يامانكەن .
بەزىدە تۇنۇشلار چاخچاققا يۈلەپ ، ئادوشششش ، ئەجەب ئولتۇرۇپ كەتتىڭلار ،
ئەرلىك ئىقتىدارىڭلار چاتاقمۇ ؟ يا بىر دوختۇرغا كۆرسىتىپ باقايلىمۇ دەپمۇ
قويىدۇ .
مىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ، چۈشىنىدىغان بىرىنى كۈتۈپ يۈرسەم ، چاچ
ـ ساقالغا ئاق كىرىپ كەتكۈدەك ، ھىلىمۇ ساۋاقداش ـ دوسىتلىرىمنىڭ ، تەڭ
دىمەتلىكلىرىمنىڭ بىر ـ ئىككىدىن بالىسى بولدى . بىزنىڭ قەشقەردە بالدۇرلا
توي قىلىدۇ .
بەك تاللاپ ، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ يۈرىۋەرمەي ، ئانچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ
نىكاھتىن كىيىن ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ، كۆيۈنۈپ ، سادىق ـ ۋاپادار بولسام
مۇھەببەت چۇڭقۇرلىشىدۇ دەپ ئويلاپ شۇ ...
توي قىلمىغان قىزنى ئۆيىگە چاقىرسا نېمە بولىدۇ ؟ بىر ئىشنىڭ يامان تەرىپىنىلا
ئويلىمايلى ! دىنىمزدىمۇ توي قىلماقچى بولغان قىز ـ يىگىت تۇغقانلىرىنىڭ
ھەمراھلىقىدا كۆرۈشسە بولىدۇ دىيىلگەن .
ئاچىسى بىلەن كەلگەن . چوڭ ئۆيدە مەن يالغۇز تۇرىدىغان
بولغاچقا ئائىلە شارائىتىم ، ئۆي ۋە تۇتقان ئۆيۈمنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان
بولسا كېرەك . ئۆزۈم بىر قوللۇق داستىخان سېلىپ ئوخشىتىپ تاماق
قورۇما تەييارلاپ كۈتۈۋالدىم .