xajarim يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 01:42 PM
ۋاھ سىز ئاشپەزلىك قىلامسىز؟؟ تازىمۇ بىر بەخىتنى ق ...
تەسەللىي بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . ھەرگىز كۆڭلۈمنى يېرىم قىلمايمەن ...
ئانام دائىم : ‹‹ ھۆنەرسىز ئەردىن مىكىيان توخۇ ياخشى ، مىكىيان توخۇ
كۈندە بىرەر تۇخۇم تۇغۇپ بولمىسمۇ باشقىلارغا نەپ يەتكۈزىدۇ . ئەمما بىكار
تەلەپ ، ھۆنەر ـ كەسىپسىز ئەر ئائىلىگە ، جاھانغا ئاپەت ، يۈك بولۇپ
ياشايدۇ
ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدىڭ بىرەر كەسىپ ئۆگەن ›› دەپ ئاكامنىڭ ئاشخانسىغا
شارگىرتلىققا تۇتۇپ بەرگەن .
مەن بىرەر مەمۇرىي ئۇرۇندا مۇقىم خىزمەت قىلىشقىمۇ ياكى بىرەر كارخانىدا
مۇقىم مائاشلىق خىزمەتچى بولۇشقىمۇ قىزىقمىدىم .
ئەلۋەتتە بىر ئىرادىلىك ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن تامامەن بۇلارنى قوغلاشسام
بولاتتى .
ئەمما ، مىنىڭ نەزىرىمدە مەيلى قانداقلا بولمىسۇن باشقىلارغا ياللىنىپ
ئىشلەپ ، باشقىلارنىڭ باشقۇرىشى ۋە قولىغا قاراپ تاپقان 100 كويدىن
ئۆزۈم مۇستەققىل ئىش قىلىپ تاپقان 1 كوي ئەلا ئىدى .
شۇنداق ئىددىينىڭ نەزىرىدە گاھ يىقىلىپ ، گاھ قوپۇپ ‹‹ جەمىيئەت مەكتىپى ››
نىڭ دىپلومىنىمۇ ئېلىپ قالاي دىدىم .
گەرچە كامالەتكە يەتكەن ئۇستا ئاشپەز بولمىساممۇ ،ئاز ـ تۇلا قۇلۇمدىن كىلىدۇ .
ۋە بۇ كەسىپنى چۈشىنىمەن . بازار ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا قارىغاندا
بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بارغانسېرى ھۇرۇنلىشىپ ئۆيىدە تاماق ئەتمەسلىكىگە قارىغاندا
بۇ كەسىپنىڭ بازىرى ئۆلمەيدۇ . تىجارەت ئىلمىگە ئاساسلانغاندىمۇ ئېغىزغا
كىرگەن ھەر قانداق نەرسە : نەچچە سائەتتىن كىيىن كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ
چىقىپ كېتىدۇ . ئىستىمال ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇرىدۇ .
ئاللاھ خالىسا بىرەر يېڭىلىق يارىتىپ زەنجىرسىمان تاماقخانا ئېچىش پىلانىم
بار . ئۆزۈمگە ئىشىنىپ تېرىشسام بۇ خىياللىرىم يېقىن كەلگۈسىدە رۇياپقا
چىققۇسى... ۋاقتىم چىقسىلا مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتىمەن . تېخى نېمە دەپ
ئىسىم قۇيۇشنىمۇ ئويلاپ قويدۇم . بۇ ھەقتە باشقا تىجارەتچىلەر قوللانمىغان
ئىستىمال مۇلازىمىتى دېگەنلەرگىمۇ كۆڭلۈمدە سان بار .
ئەمدى كۆپرەك زىھنىمنى ئاقماس ، ساختا مۇھەببەتكە ئەمەس ، نىشانىم
غايەمنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتىپ تېرىشىمەن .
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-24 02:47 PM