.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2013-10-10 07:06 PM
ئانا دەپ داستان يازغۇچە ، ئانا دەپ ئالدىغا داسقان سالغ ...
ئەپەندىم،سىز دېگەن شۇ ئىشلارنى تېما يازغان ئادەم ھەم ئويلىيالىشى مۇمكىن ئىدى،ئەمما مۇنبەر
ناماز ئوقۇيدىغان يەر ئەمەس بەلكى مۇشۇنداق ئاتا-ئانىنى كۈيلەيدىغان ئەدەپ -ئەخلاقنى مەدھىلەيدىغان
ئىلمى مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇنغۇ ئۆزى..؟
باشقىلار ئانىسىغا ناماز ئوقۇمدۇ -ئوقۇمامدۇ ئۇنى مۇنبەردە ئاشكارلاپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ؟
ناماز ئوقۇش مۇسۇلمانغا پەرز ئىش ،مۇنبەرگە بىر ياخشى تېما يازسا ئوقۇپ بولۇپلا ئاناڭغا ناماز
ئوقۇساڭ بولمامدۇ دەپ قوپال تېگىش ياخشى ئىشما؟ يا ئۆزىڭىزچە ھەيۋەت تەنبىھ بەرگەن يەرلىرىڭىزمۇ
بۇ؟ بولسا ئەدەپ بىلەن چىرايلىقراق پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ ،بۇ ھەممىمىزگە پايدىلىق
گېپىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئۆزرە...