.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2013-10-11 11:01 AM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
ئەپەندىم ! تېما ئىگىسى ، رەسۇلۇ ...
رەسۇلۇ ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم زاتىمىزنىڭ ھەدىسىنى شىپى كەلتۈرۈشۈم رەسۇلۇ ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ‹مەندىن بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلا،مەندىن بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزگەنلەرنىڭ يۈزىنى ئاللاھ كۈلدۈرسۇن›دىگەن خەيرىيىتى سەۋەپلىك ۋە بارلىق ناچارلىقلارنىڭ شىپاسى ئىمان دىگەن ئەقىدەم سەۋەپلىك بولدى.
دۇرۇس ، مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ھەم سىزدىن بۇ جەھەتتە ئۆگىنىمەن،لىكىن ‹تەبىئىي پېنى يوق مىللەتنى بىر تەپسە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ ، ئىجتىمائي پېنى يوق مۇللەتنى تەپمىسىمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ›دىگەن گەپ بار . ئەدەبىياتنىڭ دەۋىتى بىلەن قەلىپلەرگە تەسىر كۆرسەتكەننىڭ يامىنى يوق!مەن مۇسۇلمان(ئىنشائاللاھ)دىنىمنى سۆيىمەن لىكىن بىز ھەم خەلق ئۈچۈن ئاز تولا خىزمەت قىلىشىمىز كىرەك بۇ تېمىنىڭمۇ مەقسىتى شۇ ئىدى . بۇنى نامازغا ئاپىرىپ چېتىش.......سىزگە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇشۇ رۇبائىيسىنى جاۋاپ ئورنىدا قالدۇراي:
قونمىسا شاخىڭدا بۇلبۇل سەۋرى قامەت مەنىسىز،
كۈلمىسە يېنىڭدا جانان بەختۇ-ئامەت مەنىسىز.
زېھنى كارىڭنى سەن ئەل بەختىگە بەخش ئەتمىسەڭ،
ئۆز غېمىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىستىقامەت مەنىسز