مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kaxkarogle

ھېيىت داستىخىنىمىزدىن يۇقال ھاراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11305
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 795 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 05:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەنۇپتىكى باشلىقى كادىرلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەشتە ھاراق ئەساسەن قۇيىلىدۇ جۇما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1350 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 05:37:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىقلارنىڭ ئۆيلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ بۇ قىلمىش.  


رەئىس، نازىر، ۋالى، ھاكىم، جۇجاڭ، مۇدىر دادىسى ياكى ئىرى بارلار كۆپرەك بىلەمىكىن.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2907
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2570 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 05:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقكەش

قاراخان

مەي شاراپسىز ئېيتـقىنا يۈرەلمەمسەن ھاراقكەش ،
ئىچمەستىن ساق يۈرگەننى كۆرەلمەمسەن ھاراقكەش .
بوتكىلاردىن مېھىرىڭنى ئۈزەلمەمسەن ھاراقكەش ،
دۇت-كەيىپسىز ئۆمۈر پەيزىن سۈرەلمەمسەن ھاراقكەش ،
قاپىقىڭنى<< جىن -شەيتان>>غا تۈرەلمەمسەن ھاراقكەش .

زەھەر -زەققۇم دەستىدىن تىك، تۇرالمايسەن مەيداندا ،
ئاچ-توق ،نېسى ئىچىپ يۈردۈڭ پۇل بولمىسا ھەمياندا .
كىملىكىڭنى چىتقا يايدىڭ جېدەل تېرىپ ھەرياندا ،
ئاغزىڭ توۋا قىلدى ئەپسۇس ،<<پەششاپ >>تۇرماس پەيماندا ،
تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى بىر، تۇتالمامسەن ھاراقكەش.

ھاراق بىلەن دوستلاشنىڭ بەس!ئەقىل بىلەن جوشلاشتىڭ ،
ھاراق ئچمەي يۈرگەن چېغىڭ قىزىل گۈلگە ئوخشاشتىڭ ،
بالىلارغا ئجىل، سىرداش ،ئۆزيارىڭغا مۇڭداشتىڭ ،
ئۇرۇق-تۇققان قېرىنداشىقا تاغدەك يۆلەك قولداشتىڭ ،
ساڭا تىلەي ساغلام تەن -روھ، تۈزۈلمەمسەن ھاراقكەش .

زېكىر قىلىپ تەڭرىنى ئىبلىسىقا رام ئەل بولدۇڭ ،
دوست-دۈشمەننىىڭ ئايىقىدا ئاققان ئەگىز سەل بولدۇڭ ،
ئۇدۇل كەلگەن يەرگە سىيىپ رەسۋا بولدۇڭ چەل بولدۇڭ ،
كۆڭۈلنىڭ دان ،چېچەكىنى تەتۈر قاققان يەل بولدۇڭ ،
تەقدىرىڭگە زەررىچە يول، ئاچالمامسەن ھاراقكەش .

كۆز ياش ئىچتىڭ ،قان ئىچتىڭ مەي ئىچمىدىڭ ئىچەرمەن ،
كوچا- كويدا خولىگەرسەن، ئۆيدە دەرتمەن ،ئۆلەرمەن ،
ئائىلەڭ جۇت ،خار، تىلەمچى قەرزىڭ تېخى بىر تۈمەن ،
ئوغلۇڭ بەڭگە خۇمار بوپتۇ ،قىزىڭ رەڭگە ھېسرمەن ،
ئاھانەتنىڭ ئىشىكىنى ياپالمامسەن ھاراقكەش .

ئاتا بولماق ،ئەر بولماق ،تۈل -يېتىمغا يار بولماق ،
بىلسەڭ بۇرچ مەرت ئوغۇلغا نومۇس يولسىز خار بولماق ،
نامەرتلىكقۇ ھالال جۈپنى خورلاپ، ئۈچ تالاق قىلماق ،
ئەقەللىسى قۇچقاچچىلىك چاڭگاڭ يوق يا ئولتۇراق ؟
ئەزىز ،خار كىم ؟پەقەت پەرق ئېتەلمەمسەن ھاراقكەش .

مەيگە مەپتۇم كۆڭۈل چۈشەر ،چىگىش ،چۈشەك تۇزاققا ،
تۇترۇق بۇلۇپ كۆيگۈڭ يوقتۇر تېگى يوچۇن دوزاختا ،
ئەزىز ئاناڭ تۇغقانمىدى سېنى قاۋاق ،قاماققا ؟
دەردىڭ سېنىڭ زادى قانداق ياقامدۇ ھەر قۇلاققا ،
غەم-قايغۇڭدىن ئىچمەي نېرى، كېتەلمەمسەن ھاراقكەش.

ياراڭغا تۇز سەپكۈم بارمۇ؟يازغانلىرىم بىر ئەينەك،
بۈگۈنىڭگە ئارزۇ -ئىستەك، كەلگۈسىڭگە ئىز -دېرەك .
ئۆكۈنمىگىن يوقاتقانغا ،ئازغۇن بولماي ،بول زېرەك،
زېمىن كۈلگەن <<پالۋان >>ئاتاپ ،ئاناڭ سالغانغۇ شۈمەك ،
<<پالۋان >>تۇرۇپ <<شۈمەك>>كە يۈز كىلەلمەمسەن ھاراقكەش ؟!

2009يىلى ،تومۇز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:04:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېيىت داستىخنىدا ھاراق بارلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىدىم ، ئەمما كوچىلاردا يۈرگەنلەرنى كۆپ كۆردۈم
توۋا ، ئىچىڭ دىسە شۇنداقمۇ ئىچىڭ بارمۇ ؟ پىيادىلەر يولىدا دومىلاپ ياتقان ، كوچىلارغا كىچىك تەرەت قىلىۋاتقان ، كىشىلەر بىلەن ئورۇنسىز جىدەل قىلىۋاتقان ... ئىچمىسىغۇ ياخشى بولاتتى ، پەقەت بولالمىسا ئۆز ئۆيىدە رەسۋالاشسىمۇ بولاتتىغۇ ؟! ...
ئۆزىگە نۇمۇس بىلىنمىگەن بىلەن چەتئەللىكلەر ياكى باشقا قوشنا مىللەتلەر شۇنداق ناچار ھاراقكەشلەرنى كۆرسە نىمە دەپ قالىكىن دەيمەن . پايدىلىق بولسىكەن كاشكى ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-25 06:06 PM  


مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      ھايۋاننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىل يىراق،
     ئادەمنىڭ ھايۋان بولمىقى بىر شىشە ھاراق.
    بۇ قانۇنىيەتنى ئادەم تۈگۈل ھايۋانمۇ بىلەر،
   ھاراق ئىچىشنى توختاتمىساق ھالىمىز چاتاق.
  





قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32243
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3400 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:15:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھايۋاننىڭ ئادەم بولمىقى مىڭ يىل يىراق،
     ئادەمنىڭ ھايۋان بولمىقى بىر شىشە ھاراق.
    بۇ قانۇنىيەتنى ئادەم تۈگۈل ھايۋانمۇ بىلەر،
   ھاراق ئىچىشنى توختاتمىساق ھالىمىز چاتاق.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:23:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-10-25 05:27 PM
جەنۇپتىكى باشلىقى كادىرلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەشتە ھاراق  ...


ھىچ مەن قەشقەردە ھىيىتلىق داستىخاندا ھاراق قويۇلغاننى كۆرۈپمۇ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-25 06:23 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11305
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 795 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-10-25 06:23 PM
ھىچ مەن قەشقەردە ھىيىتلىق داستىخاندا ھاراق قويۇلغانن ...


سىز قەەشقەر شەھەر ئىچىدىن ئوخشايسىز  ، بۇ يەردە(پەيزىۋات ) يېزا بازارنىڭ رەھبىريى كادىرلىرىنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ ئۆيىگە ھېيت پەتىسىگە كىرسىڭىز ،داستىخانغا تىزىپ قويمىغان بىلەن ئاچىقىپ قۇيىدۇ ، ئاياللارغا ئەمەس  جۇمۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11305
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 795 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داستىخاندا ھاراق تىزىپ قويمايدۇ ،بۇ ئەلۋەتتە راست ، ئەمما داستىخاندا ئولتۇرغان (ئەرلەر)گە ھاراق قۇيىدۇ ، ئامما مەنمۇ داستىخانغا ھاراقنى ھېيتلىق  يىمەكلىك سۈپىتىدە تىزغاننى كۆرمىدۈم ،بەلكىم  ئاپتور مەن دەۋاتقاننى دېگەن بولىشى  مۇمكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 06:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-10-25 06:26 PM
سىز قەەشقەر شەھەر ئىچىدىن ئوخشايسىز  ، بۇ يەردە(پەيزى ...

ھە مۇنداق دەڭ،شۇ ناھىيەلەرنىڭ ئىچىدە پەيزىۋات،يەكەن ،پوسكام،مەكىت،مارالبىشى،يوپۇرغا قاتارلىق جايلارنىڭ خانىم-قىزلىرى كەيفاڭ يۈرۈيدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش