quxanmas يوللىغان ۋاقتى 2013-11-7 12:29 PM
ئۇ پۇلنىڭ ئىسمى بار ئۆي ئولتۇراق فوندى دەپ،شۇ پۇلغىلا ...
كېسەل بولۇپ قالسىڭىزمۇ ئالغىلى بولىدۇ دەپسىز. لىكىن مەن يۈرەك ئوپىراتىيىسى قىلغۇزىدىغان بولۇپ قېلىپ ، ئاشۇ پۇلنى ئېلىپ داۋالىنىش ئۈچۈن، ئۆزەم تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ئىسپاتى ۋە دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوز قەغىزىنى ئېلىپ، ناھىيىلىك جامائەت تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسغا بارسام، ناھىيىلىك جامائەت تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى خادىم ماڭا ئوبلاستلىق جامائەت تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى ئىمزا قويۇپ بەرسىلا، ئالغىلى بولىدۇ دىگەن. ئوبلاست دەرىجىلىك ئۇ ئىدارىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك(خەنزۇ) رەھبەرنىڭ يېنىغا كىرسەم: كېسەل بولساڭ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇننى ئىزدە، بۇ كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۇل ئەمەس، دەپ، دەلىل-ئىسپات تولۇق تۇرسىمۇ، قىلچە كارى بولماي، ئۇنىمىغان. ئامال يوق باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ داۋالانغان.