ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن.بۇ بولسا تىمامنىڭ داۋامى
دۆلىتىمىزدە «ئەركىن مۇھەببەتلىشىش پىلانى »مۇددەتتىن بۇرۇن،نۇرمىدىن ئاشۇرۇپ ئۇرۇندالغان رايونلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى چۈشەنگىڭىز بارمۇ ؟ئەمىسە نەزىرىڭىز تۈۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.
ئەسكەرتىش:مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللاشتا تەپەككۈرىڭىزنى ئېچىشتىن باشقا باشقا مەقسىتىم يوق، ئەگەر ئىدىيىڭىز بۇ مەزمۇنلارنى قۇبۇل قىلالمىسا نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلسىڭىز بۇلىدۇ.يەنە بىر گەپ ئەخلاقىمىزغا زىت نەرسىلەرنى يوللاپتۇ دەپ مىنى تىللاپ ئاۋارە بولماڭ. بىر مەسلىنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلىش بۇ مەسلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دەلىل بۇلالمايدۇ. ئەگەردە بۇ مەسلىلەرنى ئىنكار قىلىپ ،بۇ مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلارنىمۇ ئىنكار قىلسىڭىز،جەمىيتىمىز بۇزۇلۇپ نۆۋەت سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەندە «مەن نىم بولدۇم» دىگەن ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان كىشى دەل ئۈزىڭىز بوپ قالىسىز.
خەنزۇچە بىلىدىغانلار ئۈزەڭلار كۈرۈپ چۈشىنىۋېلىڭلار،خەنزۇچە بىلمەيدىغانلار تۈۋەندىكى مەزمۇنغا قاراڭ
http://v.ku6.com/show/h99ByutKxbcHE3ujsDI0wQ...html
ئاساسى مەزمۇنى:دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغىچىللىرىنىڭ جىنىس قا بولغان كۆزقارىشى بارغانسىرى ئېچىۋىتىلىشكە قاراپ تەرەققى قىلماقتا.(رىياسەتچى بۇمۇ بىر يامان ئىش ئەمەس دەيدۇ تېخى)ئېچىۋىتىلىپ قايسى دەرجىگە يەتكەندۇ؟خەلىق تورى(人民网)مۇنداق دەيدۇ:«قىز ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى ھامىلە چۈشۈرۈشنىڭ زەربىدار قۇشۇنىغا ئايلاندى» (ئۇلار ئەسلىدە دۆلىتىمىزنى روناق تاپقۇزۇشتىكى زەربىدار ئەتىرەت بولسا توغرا بۇلا؟ سىزنىڭچە چۇ؟)ھەر يىلى سەككىزىنچى ئاي «ھامىلە چۈشۈرۈش ئېيى»دەپ ئاتالماقتا.(نىمىشقا باشقا ئايلار ئاتالماي سەككىزىنچى ئاي بۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ؟ ئوبدان ئويلۇنۇڭ) جۇڭگودا ھەر يىلى ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى ئون ئۈچ مىليۇنغا يىتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە 25 ياشتىن تۈۋەنلەر يېرىمىدىن كۆپنى ئىگلىگەن.بۇنىڭغا تۆھپىسى ئەڭ كۆپ بولغىنى دەل ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغىچىللىرى(قېنى ھىساپلاپ باقايلى ئون ئۈچ مىلىيوننىڭ يېرىمىدىن كۈپرەگىنى يەتتە مىلىيون دەپ ئالساق،بۇ يەتتە مىلىيۇننىڭ تۆھپىكارلىرى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغىچىللىرى بولغاندىكىن ،ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغىچىللىرى يىلىغا چۈشۈرگەن ھامىلە بەش مىلىيون چىقامۇ؟)
قالغان مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىشتىن خىجىل بولدۇم ،قىزىقساڭلار ئۈزەڭلار ئادەم تېپىپ تەرجىمە قىلغۇزۇپ كۈرۈڭلار
بۇ خەۋەرنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ
http://www.boosj.com/931566.html
ئاساسلىق مەزمۇنى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ سىتاتسىكا قىلىشىچە دۆلىتىمىزدە 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىچىدە سەككىز پىرسەنت قىزلار باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 21 پىرسەنت قىزلار ھامىدار بۇلۇشنى باشتىن كەچۈرگەن.
(كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۈستىدە تەپەككۈر قىلىڭ)
ئەمدى نەزىرىڭىز ھەممە دىگۈدەك تەلمۈرىۋاتقان ئالىي مەكتەپتە بولسۇن.
(بۇ رەسىملەر توردىن بىۋاستە كىسىپ ئېلىندى، ps قىلىنغان دەپ ئويلىسىڭىزمۇ مەيلى،ئەمما مىنىڭ ps قىلىش ئىقتىدارىممۇ يوق ،ھەم ۋاقتىممۇ يوق)
(شاڭخەيدە 13 ئالىي مەكتەپ ئاپتۇماتىك ھالدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش خالتىسى سېتىش ماشىنىسىنىڭ مەكتەپكە ئۇرۇنلاشتۇرىلىشىنى ماقۇللىدى.2008-يىلى 8-ئاي شاڭخەي ياشلار گىزىتى)
(ئۇقۇغۇچىلار بۇنىڭغا ناھايىتى قۇلايلىقكەن دەپ باھا بەردى.قاراپ بېقىڭ قېنى سىز نامىنى بىلىدىغان ئالىي مەكتەپتىن نەچچىسى باكەن)
(بۇ ماشىنا مەكتەپلەرنىڭ ياتاق بىناسى،ئوبىرنى،مەكتەپ دوختۇرخانىسى ئىشىك ئالدى قاتارلىق يۇشۇرۇن جايلارغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى ياخشى بولدى)
(يېڭى يىلدىن بۇرۇن بۇنداق ماشىنىلارنىڭ شاڭخەيدىكى 61 ئالىي مەكتەپتە ئورنىتىلدىغانلىقى پىلانلاندى.بۇ بۇندىن بەش يىل بۇرۇنقى خەۋەر ،ئويلاپ بېقىڭ بۇ ئەھۋال تەرەققى قىپ ھازىر قايسى دەرجىگە يەتكەندۇ؟)
(بۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندىڭىزمۇ ؟ بۇ بولسا «دۇنيا ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش كۈنى »مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات پالىيتى.بۇنىڭغا جەمى 8000 ئۇقۇغۇچى قاتناشقان)
(ئۇلارنىڭ تاقىۋالغان لىنتىللىرى تۇنۇش كۈرنىۋاتامدۇ؟)
(ئۇلار قۇلىدا كۈتىرۋالغان تەشۋىق كارتىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟ مۇھەببىتىڭىز بىلەن بارسىڭىز ھەر بىرىڭلارغا ئىككى تال تەشۋىق كارتىسى بىرىدۇ،يالغۇز بارسىڭىز پەقەت بىرنىلا)
(بۇ تەشۋىق كارتىسىنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى دىيىشتىن ئۇيالدىم،قاراپ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟ (بۇنداق نەرسىلەر ئالىي مەكتەپ ئىچىدىكى تاللا بازىرىدا ئۇچۇق ئاشكارە سېتىلىدۇ) بىلگەن بولسىڭىز يەنە تەپەككۇر قىلىڭ)
ئەمدى ئەركىن مۇھەببەتلىشىش ئەمەلگە ئېشىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا نەزەر سېلىڭ
(چىڭ سۇلالىسى ئاخىرقى دەۋرىدىكى شاڭخەيدىكى پاھىشلار،ئۇلارنىڭ كىيگەن كىيىمىگە قاراڭ،ئاندىن ئۈزىڭىزنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمگە قاراڭ،نىمىنى بايقىدىڭىز؟)
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى دەۋىردىكى خېلى نامى بار پاھىشىلەر،بۇلارنى كۈرۈپ بوپ كاللىڭىزغا نىمە خىياللار كىلىۋاتىدۇ؟ مەن بۇ رايونلارنىڭ «ئەركىن مۇھەببەتلىشىش »ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇشنى مۇشنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەكچى،سىزنىڭچە قانداق؟
خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۈگۈنىپ باققانلار بىلىدۇ ،بۇلار قەدىمقى زامانلاردا مۇھەببەتلەشسە قىز راۋاقنىڭ ئۈستىدە تۇرسا يىگىت پەستە تۇرۇپ نەزمە تۇقۇيدۇ،قىز ھويلىدا تۇرسا يىگىت سىرتتا تۇرۇپ شىئىر تۇقۇپ ئۇقۇيدۇ،ياكى بولمىسا بىر بىرىگە قۇشاق ئېتىشىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىللاردا داستان بۇلىۋاتقان مۇھەببەت ھىكايىللىرىگە ئوخشاپ قالامدىكەن؟ (ئىپادىلەش ئىقتىدارىم ياخشى بولمىغاچقا بۇلارنىڭ قەدىمقى مۇھەببەت شەكلىنى توغرا گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلىيەلمىدىم،كەچۈرسىلەر)
خەنزۇلاردا يەنە مۇنداق بىر ھىكايىمۇ بار ،خاتالاشمىسام تاڭ سۇلالىسىدىن كىيىنكى دەۋىرغۇ دەيمەن.مەشھۇر بىر ئەدىپنىڭ ئاكىسىنىڭ ئايالى سۇغا چۈپكەتسە ،ئۇنى قۇتۇلدۇرسام ئەخلاققا توغرا كەممەيدۇ دەپ ئاكىسىنىڭ ئايالىنى قۇتۇلدۇرمىغان.(بۇ ۋەقەنىڭ توغرىسىنى بىلىدىغانلار يوللاپ قۇيۇڭلار،مەنمۇ ئەينى ھىكايىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىمەن،ھەم تۇلۇقلاپ يوللاپ قۇيۇشقا تىرىشىمەن)
تەپەككۈرىڭىزنى توختىتىپ قويماڭ.سىزنىڭچە مۇھەببەتلىشىش كىرەكمۇ-يوق؟
كىلەر قېتىمدا ئاللاھ خالىسا ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدىغىنى غەرىپ ئەللىرىنىڭ «ئاياللارنى ئازاد قىلىشتىن» ، «ئەركىن مۇھەببەتلىشىش پىلانى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئەھۋاللىرى تۇنۇشتۇرلىدۇ
كۈرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭلار
بايا ئالدىراشچىلىقتا بۇ بىر رەسىمنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن بۇنى قۇشۇپ قۇياي
بىر فىلىممۇ قاپتۇ ئۇنىمۇ يوللاپ قۇياي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توغراقى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-17 04:02 PM