ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىلەر بۇ بولسا تىمامنىڭ داۋامى ،ئالدىنقى قېتىم ۋەدە قىلغىنىمدەك بۇ قېتىم غەرىپ ئەللىرىنىڭ "ئاياللارنى ئازاد قىلىش"،"ئەركىن مۇھەببەتلىشىش"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئاۋالقى ۋە كىيىنكى ئەھۋالى تۇنۇشتۇرلىدۇ
ئەسكەرتىش:مىنىڭ بۇ تىمىنى يوللاشتا تەپەككۈرىڭىزنى ئېچىشتىن باشقا باشقا مەقسىتىم يوق، ئەگەر ئىدىيىڭىز بۇ مەزمۇنلارنى قۇبۇل قىلالمىسا نەزىرىڭىزدىن ساقىت قىلسىڭىز بۇلىدۇ.يەنە بىر گەپ ئەخلاقىمىزغا زىت نەرسىلەرنى يوللاپتۇ دەپ مىنى تىللاپ ئاۋارە بولماڭ. بىر مەسلىنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلىش بۇ مەسلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دەلىل بۇلالمايدۇ. ئەگەردە بۇ مەسلىلەرنى ئىنكار قىلىپ ،بۇ مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلارنىمۇ ئىنكار قىلسىڭىز،جەمىيتىمىز بۇزۇلۇپ نۆۋەت سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلگەندە «مەن نىم بولدۇم» دىگەن ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان كىشى دەل ئۈزىڭىز بوپ قالىسىز.
ئاۋۋال غەرىپ ئەللىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىردىكى ئەھۋاللىرىنى ئازپاز چۈشۈنۈپ بېقىڭ
(بۇ قىز قۇلىدا چۆگۈن كۈتىرۋاسا تۈمەن دەرياسى بۇيدىكى ئانارگۈل ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ يەنە ، بۇ بولسا 1900-يىلى بوسىنىيەدە تارتىلغان رەسىم )
(بۇنى تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدىكى تىپىك مۇسلىمە قىز ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ ،بۇ بولسا 1890-1900يىللار ئەتراپىدا ئىرلاندىيەدە تارتىلغان ئىرلاندىيەلىك بىر قىزنىڭ رەسىمى)
(بۇنى سىيىت باي پۇلى بار چاغدا چەتئەللىكتەك ياسىنىپ چۈشىۋاغان رەسىمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ ، بۇ دەل 1900-يىللىرى ئەتراپىدا ۋىنگىرىيەدە تارتىلغان سۈرەت )
(بۇنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرە مىللەتكە ئوخشۇتۇپ قالماڭ، بۇمۇ ئەينى دەۋىردە ۋىنگىرىيەدە تارتىلغان رەسىم)
(بۇ بولسا شوتلاندىيەنىڭ مەلىكىسى Mary نىڭ 1900-يىللىرى ئەتراپىدا چۈشكەن رەسىمى )
(ماۋۇ كۈرىۋاتقىنىڭىز بىزنىڭ دىياردىكى ئىشچان ئانىلار بولماستىن بەلكى ئەنگلىيەدىكى ئەينى دەۋىردە ياشىغان ئىشچان ئانىلار )
(ما رەسىمدىكى ئاياللار كۈزىڭىزگە خېلى ئىللىق كۈرنىۋاتامدۇ؟ بۇلار بولسا ئەينى زاماندىكى گىرمان ئاياللىرى)
(ماۋۇ رەسىم بىزدىن بىر ئەۋلاد چوڭلانىڭ توي خېتى ئالغاندا چۈشكەن سۈرىتىدەك قىلامدۇ؟)
(ماۋۇ قەشقەردىكى داڭلىق سودىگەرنىڭ قىزلىرىدەك قىلامدۇ نىمە ؟ ياق بۇلار بولسا ئەينى دەۋىردىكى ئەجنەبىلەرنىڭ قىزلىرى)
(ۋاي ما سەرپىش تۇماقچۇ ئەمدى؟)
(ماۋۇ شا بۇرۇت گىنىرال قارىغاندا خېلى بەخىتلىك ئوخشايدۇ)
(ما چوكاننىڭ ئىرانلىقتەك رومالدىن چېچىنىڭ ئالدىنى چىقىرىۋاغىنىنى قارىمامدىغان)
(ما ئادەم جەڭدە يارلىنىپ پىنسىيەگە چىققاندەك قىلىدۇ)
(ما ئىگىزپەس "ئاشىق-مەشۇق"لانىڭ چىرايلىق تۇرۇپ كەتكىنىگە قاراڭ)
بۇ رەسىملەرنى كۈرۈپ بوپ غەرىپ ئەللىرىنىڭ بۇندىن بىر ئەسىر ئالدىدىكى ئەھۋالىنى ئازراق تەسەۋۋۇر قىلالىىڭىزمۇ؟ئۇلارنىڭ زىمىنلىرى ھازىرقىدەك بارلىق ئەيىش-ئىشرەتنىڭ ئۇۋىسى ئەمەس ئىدى.ئۇلارنىڭمۇ تەبئىلىكىنى ساقلىغان ، ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالمىغان تۇرمۇشى بولغان .ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تۇرمۇش شەكلى ئاخىر بېرىپ "ئەركىنلىك"نىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن بۇرۇن ئۇلار دەل بىز ھازىر قەشقەر خۇتەندە ئەرلەر ئىشلەپ پۇل تاپسا ئاياللار ئۆيدە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاچ باللىرىنى تەربىيلىگەنگە ئوخشاش ،ھەر جىنىس ئۆز خۇسۇسىيتىنى ساقلىغان ئاساستا تۇرمۇش كەچۈرگەن.بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ جەڭگە قاتنىششى ھەم جەڭدە ۋاپات بۇلىشى سەۋەپلىك نۇرغۇن ئاياللار ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن ئەرلەرگە ئوخشاش سىرتتا ئەرلەردەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار بۇ جەرياندا جەمىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرى بىلەن ئۇچراشقان. بۇ جەرياندا بارا-بارا ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى مۇستەقىللىقنى شەكىللەندۈرگەن.(ئىرى ۋە ئاتىسىدىن ئايرىم بولغان) بۇ دەل "ئاياللارنى ئازاد قىلىش" ھەركىتىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىكى چوڭ بىر سەۋەپ. ئەمىسە ئويلاپ بېقىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى "ئاياللارنى ئازاد قىلىش"ھەركىتىگە نىمە سەۋەپ بولاۋاتقاندۇ؟باشقا جايلاردىكى ئاياللارنىڭ "ئازادلىق"قا چىقىپ ئەرلەردەك تۇرمۇشنىڭ ئىغىر قىسمەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگىسى بار ئوخشىمامدۇ؟ئاندىن يۈرەك پارى بولغان بالىسىنى تىلۋىزور ۋە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قۇياپ ،جەمىيەتتە داشقال بۇلاپ يىتىشىپ چىقىشىغا قاراپ "ھۇزۇر"ئالغىسى كىلەمدىغاندۇ؟
يادىڭلاردا بولسۇنكى ئۈچ قىتئەگە پۇت سوزغان، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۇرگەن رىم ئىمپىريىسىنىڭ خېرىتىدىن ئۈچۈرلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىشلارنىڭ بىرسى دەل رىم خەلقى ئۈزىنىڭ پەرزەنتلىرىنى باشقىلارنىڭ تەربىيلىشىگە تاشلاپ بەرگەنلىكىدە .
غەرىپ ئەللىرى بىز ئىنتىلىۋاتقان "ئەركىن مۇھەببەتلىشىش"نى 1950-يىللىرىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان،ئەمدى "ئەركىن مۇھەببەتلەشسە"قانداق بۇلىدىغىنىنى ئەمەلى ئىسپاتلار بىلەن كۈرۈپ بېقىڭ
(ئىنگىلىسچە بىلىدىغانلار ئۈزەڭلار چۈشىنىۋېلىڭلار ،بىلمەيدىغانلار تۈۋەندىكى ئاساسى مەزمۇنىغا قاراڭ.چوڭ قىلىپ يېزىلغىنى بولسا "ئەركىن مۇھەببەتنىڭ چوڭ بەدىلى")
(ئىنگىلىسچە بىلسىڭىز مەن قىزىل سىزىقتا بەلگە قىپ قويغان يەرلەرگە ئوبدان قاراڭ.بىرىنچى ئابزاستىكى قىزىل سىزىق سىزىلغان جۈملىنىڭ مەنىسى بولسا :"1950-يىللىرىدىن بۇرۇن جىنسىيەتكە دائىر نەرسىلەرنى دىيىش قەتئى ھالدا ئىجتىمائى ئەخلاققا خىلىپ دەپ قارىلاتتى.ھەتتا سىزنىڭ ماقالىڭىزدە bottom (ئاستى تەرەپ،ساغرا دىگەن مەنىدە)،menstruation(ھەيىز دىگەن مەنىدە)دىگەن سۆزلەر بوپ قالسا سىزنىڭ ماقالىڭىز گىزىت يورناللادا تارقىتىلمايدۇ.ئىكىنچى ئابزاستىكى جۈملىنىڭ مەنىسى:"مەن ئاتا ئانامنىڭ مىنىڭ ئالدىمدا سۆيۈشۈش تۈگۈل قۇچاقلاشقىنىنىمۇ كۈرۈپ باقمىغان." بۇ جۈملىلەرنى مەن ئويدۇرۇپ چىقىۋالغىنىم يوق بۇ بولسا ئەنگىلىيەلىك بىر ئايالنىڭ توردا ئىلان قىلغان ماقالىسى. بۇنىڭدىن سىز نىمىنى بايقىدىڭىز، بۇنى غەرىپ ئەللىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ . ئىدىيىڭىز قۇبۇل قىلالامدىكەن؟)
ئەمدى ئامرىكا ئالىملىرى سىتاتسىكىلىغان بىر سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى
ئىنگىلىسچە بىلىدىغانلار ئۈزۈڭلار چۈشىنىۋېلىڭلار . تىمىسىنىڭ مەنىسى:جىنسى يولى بىلەن يۇقىدىغان كىسەللىكلەر:ئەركىن مۇھەببەتنىڭ مىۋىسى
2011-يىلى "ئامرىكا ئاياللىرىغا كۈڭۈل بۈلۈش"(CWA)تەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا ھازىر 49 خىل جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان كىسەل بايقالغان.
100يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ،1918-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا جىنسى كىسەللەر(STDs) بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 16 ھەسسە ئاشقان .(ئويلاپ بېقىڭ 100يىل مابەينىدە مىدىتسىنا ئىلمى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى ،نىمە ئۈچۈن بۇ خىل كىسەللەر بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئازلىماقتا يوق 16 ھەسسە كۈپەيدى؟)
2008-يىلى CDC تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيىشچە ھەر يىلى 19 مىلىيون ( 19000000) جىنسى كىسەللەر بىلەن يۇقۇملانغان بىمار كۈپەيمەكتە،
بۇلارنىڭ كۈپىنچىسى 15ياشتىن 24ياشقىچە بولغان ياشلار.
CDC نىڭ سىتاتسىكىلشچە ھازىر ئامرىكىدا 65 مىليون (65000000) ساقايماس جىنسى كىسەل بىمارى بار
بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوبدان تەھلىل قىلىڭ . تەپەككۇر قىلىڭ!
مەن غەرىپ ئەللىرىنىڭ "ئەركىن مۇھەببەتلىشىش"تىن كىيىنكى ئەھۋالى ئۈستىدە جىق توختالغۇم يوق ،بۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئىككى ماتىريال كۇپايە دەپ قارايمەن،چۈنكى بۇ توغرىسىدا سىزمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىسىز، ئۇلارنى چۈشەنمەي دىسىڭىزمۇ ئامال يوق ، كۈچلۈك بولغان ئاخپارات ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئۇنىمىغىنىڭىزغا ئۇنىماي بىلدۈرۋىتىدۇ
(بۇنىڭدا ئوبامانىڭ ھەمجىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن)
تۈۋەندىكىسى بولسا ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن جەننەت ۋە دوزاخ دىگەن ئىتوت ، ئەگەر بۇ ئىتوتنى چۈشەنمىسىڭىز بۇ ماقالىنىمۇ چۈشەنمەپسىز
كىلەر قېتىمدا يەنە يېڭى مەزمۇن يوللىنىدۇ ،كۈرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭلار