sikiltar يوللىغان ۋاقتى 2013-11-18 12:12 PM
بۇرۇنلا يېزىپ بوپتىكەنسىزدە ھە بۇمۇ ياخشى بوپتۇ . ئان ...
قەسىدە
ئىچىمىزدە رەسۇلۇللا داۋامەت،
سەھەرلەردە قىلار قۇرئان تىلاۋەت.
ھەق راست دەيمىز سۆزلىرىنى تەستىقلاپ ،
تاپقاچقا بىز ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت،
مۇشرىكلاردەك غەپلەت ئىچىدە ياتمايدۇ،
كېچىلەردە قىلىپ تائەت ئىبادەت!
-سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى
مۇھەممەتكە مۇھەببەت!
قاراخان
مىللىتىم ياق ئۈممىتىم دەپ تۇغۇلغان،
بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى دەپ تونۇلغان.
ئۈستى،بېشى ، قارنى ئۆتمەي توق-تولۇق،
يىتىملىكتىن بەرگەن تالاي ئىمتىھان.
ئىسلام ئۈچۈن جاننى قىلىپ تەسەددۇق،
نەپسى ئۈچۈن روھنى پايخان قىلمىغان.
يولى پۇرار رەيھان ،چوغلۇق،گۈلسۇرۇغ،
قولى دوستلۇق ئۈچۈن دوستقا سوزۇلغان.
قىلغان جاھىل،مۇناپىقنى تۇتۇرۇق،
جىھاد قىلىپ بولغان داھى قوماندان.
تىلى چەندان،دىلى ئاپتاپتەك يورۇق،
ئاڭا قايىل مۇشرىك، ئاسى، مۇسۇلمان.
نەگە بارسا نېسىپ بولغان شان ئۇتۇق،
ئاتالغان ھەم جەڭدە باتۇر قەھىرمان.
يەتتە ئىقلىم ئارا سۆزلەپ قۇت نۇتۇق،
غورىدىن ھەم ھالۋا كۈتكەن سەۋرىچان.
قوغلاشمىغان ئەمەل-مەنسەپ شاھ ھوقۇق،
مەنزىللىرى جەننەت تامان خىيابان.
پۇتلىرىدا ئاددى كەشە ،چەم - چورۇق،
مىراج تۈنى ئۇلپەتلەشكەن ئول رەھمان.
يىتىملارنى چىقارسۇن دەپ ئىچ پۇشۇق،
تۆگە بولغان چۆك دىگەندە ھەرقاچان.
ئۈچ يۈز ئاتمىش بۇتقا قىلدى جەڭ ئوچۇق،
دىننى پۈتۈن قىلىپ كەتتى بىئارمان.
تەبلىغ قىلدى قالدۇرماستىن بىر يوچۇق،
بىزگە مىراس بولدى قۇرئان نۇر نىشان.
ئاڭا تىلەي سالام،رەھمەت، ئۇلۇغلۇق،
ھىممىتىدىن نۇسرەت تاپسۇن يەر جاھان.
ئۇنىڭدىكى ئېسىل خىسلەت خاس خۇلۇق،
قوزغار دىلدا چىن مۇھەببەت مىڭ داستان!
يەرۇ -ئاسمان مۇھەممەتسىز چۆل-قۇرۇق،
ئۇنىڭ بىلەن بوستان بولغان باياۋان.
ئىككى ئالەم ئۈچۈن بەرگەن يوليورۇق،
مۇسۇلمانغا يارلىق ،بۇيرۇق بەس پەرمان!
2013-يىلى 18-ئاپېرىل
‹‹سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان›› نىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى مۇنۇ شېئىر قەسىدىنىڭ ئىچىدىمۇ بار دەپ بىلىڭ سېكىلتار!