* * *
تارىخ كۆز ئالدىمدا قايتىلاندى، مېنىڭ ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە قۇدرىتىم راستىنلا يەتمەيدىكەن ، مەن ھەرگىز قۇتقۇزغۇچى ئەمەسكەنمەن. مەن ئويلىغان خام خىياللارغا تەقدىر ھەرگىزمۇ بوي سۇنماس ئىكەن،. مەن ئىشەندىمكى غەيرەت بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئاقىۋېتىمۇ تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشاتتى. بۇنى ئويلىغاندا ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان قەلبىمدىكى مۇھەببەت نوتىسىغا ئۈشۈك تەگكەندەك يۈرىگىم مۇزلاپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالغانىدىم،
بىز شېرىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۇنىڭ ئاچىسى شاھبانوغا ئېلىپ كەلگەندە ئۇ ئايال پادىشاھنىڭ ئۆڭسۈلى شۇنچە ئۆڭدىكى، لېكىن ئۇنىڭ غەيرەتلىكلىكىگە راستىنلا قايىل بولدۇم، ئۇ بىر تامچە ياش تۆكمەي ۋە بىر ئېغىز گەپ قىلماستىن غەزەپ بىلەن دۆلىتىگە قايتىشنى ئېيتىپ پېشىنى قېقىپلا كەتتى. بىراق ئۇ كۆڭلىگە زور قىساسنى پۈكۈپ قايتقانىكەن ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىن ئۇرۇش خەۋىرى كەلدى، ئۇ بۇ مەملىكەتكە تاجاۋۇز قىلماقچى ئىدى. بۇنى ئاڭلاپ شاھنىڭ قان تۇمۇرلىرى كۆپۈپ غەيرەتنى ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبچىسى دەپ قاراپ ئۇنى باش بۇلۇپ ئۇرۇشنى تىندۇرۇشقا باش قىلدى، ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى ھېلىقى تاغنى بوي سۇندۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ ئۇف دىگەن خەلق ئەمدى ئۇرۇش ئوتىغا ئاتلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. غەيرەت ئەتە مېڭىش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن يەنە شۇ باغدا ئۇچراشقانىدۇق.
- سەنەم . سىز ئۆزىڭىزگە قاتتىق ئاگاھ بولۇڭ ، ئەمدى ئابلۇھەتلەرگە قىلىدىغان ئىش قالماي ئوردىنى قالايمىغان قىلىشى مۇمكىن، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللادىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭ، ئۇ ئەمدى ئوردىغا قايتىپ كېلىدۇ. بولسا ئامال بار سىز سىرتقا كۆپ چىقماڭ، ئۇنىڭ كۆزىگە ئامال بار چېلىقماڭ . - دىدى ئۇ ماڭا قايتا قايتا جىكىلەپ .
- ماقۇل !- سىزمۇ ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ، چۇقۇم ساق سالامەت قايتىپ كېلىڭ. - دىدىم، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىيالمايۋاتاتتىم .
- تاغنى تېشىىپ سۇ چىقارغان شۇ قەيسەر ئەزىمەتلىرىمىز بولىدىكەن ، بىز چۇقۇم غەلبە قازىنىمىز،- دېدى ئۇ قاتتىق ئىشەنچ بىلەن،ئۇلار ھىچقاچان ئۆلۈمدىن قورقماس ئىدى. ئۇلاردا ھەقىقەتەن جەڭدىن قورقماس ۋەتەنپەرۋەر باتۇر يۈرەك بار ئىدى. مەن بۇنىڭغا مانا بۈگۈن ھەقىقى ئىشەنگەنىدىم.
- نەسرىدىن ئەپەندىن كېلىدىغانغا ئازلا قالدى. شۇ كۈنى ئامال قىلىپ قايتىپ كېلەرسىزمۇ؟
- مەن چۇقۇم ئامال قىلىمەن.مېنىڭ بىر خەۋەرچى كەپتىرىم بار، مەن ئېلىپ كېتىپ بۇ ياققا قۇيۇپ بېرىمەن، ئۇ ئۇدۇل كېلىپ سىزنى تاپىدۇ. ئەگەر خەۋەر بولسا شۇ ئارقىلىق ئەۋەتسىڭىز مەن خەۋەر تاپىمەن.
- سىز ھەقىقەتەن بەك داناكەنسىز.-دىدىم ئۇنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ.
- يەنە ئىككى مۇھۇم ئىش بار ، مەن بەرگەن ھىلىقى قۇلاققا تىقىدىغان ئەسۋابنى ھەرگىز يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. يەنە بىرسى بۇنى ئېلىڭ ! ئەگەر مەن كەلمەي قالسام بۇ ۋەزىپە سىزگە قالدى. - ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى لاتىغا يۆگەلگەن بىر نەرسىنى ماڭا بەردى،
- بۇ نىمە؟ - دىدىم ئەجەپلىنىپ.
- قۇشنىڭ سېھرىنى يوقىتىدىغان دورا! پەرھات بىلەن شېرىننىڭ قېنىدىن يۇغۇرۇلغان توپا. بەلكىم پاك مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربان بولغان ئۇلاردىن لايىقراق بىرەرسى تېپىلماس، ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىكارغا كەتكۈزمەيلى.ئەگەر ئالىمادىس ماڭا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا بۇ ۋەزىپىنى ئەپەندىم بىلەن ئىككىڭلارغا تاپشۇردۇم. - دىدى ئۇ . مەن ئۇنىڭ ئەقلىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئوقۇدۇم، شۇ قاتتىق پاجىئە ئىچىدە ئۇ ئەقلىنى يوقاتماستىن نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ گېپىنى يادىدا چىڭ تۇتقانىدى.
- بىز ئۇنى چۇقۇم بىللە يوقىتىمىز.- دىدىم، ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ، شۇ تاپتا شېرىننىڭ پەرھاتتىن ئايرىلغاندىكى ئازابىنى مەن ھەقىقى ھېس قىلىپ تۇراتتىم. بۇ نەقەدەر زور ئازاپ. شۇ قىز نەچچە يىللىق ھىجران ئازابىغا قانداق چىدىغاندۇ- ھە. كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلدى.
- يىغلىماڭ سەنەم، مەن ھامان قايتىپ كېلىمەن. - دىدى ئۇ . مەن ئۇنىڭغا قول ياغلىقىمنى بەردىم. ئۇ ول ياغلىقىمنى لەۋلىرىگە تەگكۈزىۋېدى بۇنىڭدىن پۈتۈن ھۇجۇدۇم ئىللىقلىققا چۆمدى، ئۇنىڭ لېۋى راستىنلا ماڭا تەگكىنىدە سۇدەك ئېرىپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئويلىدىم ئىختىيارسىز ۋە بۇ ئويۇمدىن خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتتىم.
- ئالمىدەك قىزىرىپ كەتتىڭىز؟- بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكىن؟- دىدى ئۇ بۇ ھالىتىمنى تېزلا بايقاپ.
-ھىچ ئىش يوق دىدىم قىزىللىق يۈگۈرگەن مەڭزىمنى تۇتۇپ ،
- ئۇنداق بولسا خەير مەلىكەم، يەنە بىر كۆرۈشكىچە چۇقۇم ئامان بۇلۇڭ،- دىدى ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ.
- سىزمۇ شۇنداق ، سىزنى پەرۋەردىگارىمىز ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
- سەنەم ، بۇنىڭدىن باشقا ماڭا سۆزىڭىز يوقمۇ؟- دىدى ئۇ ،ئۇنىڭ
- سىزنىڭچۇ ،-دىدىم مەن بوشقىنە،،،
- مېنىڭ بار . سىزگە بىر سۆزۈم بار... مەن سىزنى سۆيىمەن... -دىدى ئۇ . ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ پۈتۈن ھۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى. بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ شېرىن دەقىقىلەر ئىدى.
- سىزچۇ ؟ سەنەم، ماڭا بىر سۆز بەرمەمسىز؟- دىدى ئۇ
- قول ياغلىقىمنى سىزگە بەردىم، -دىدىم مەن مەنىلىك قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم جۈرئەت بىلەن بىر نەزەر تاشلاپ ئۇنىڭ ئايرىلىش مىنوتلىرىدىكى شۇ مۇھەببەتلىك ئىللىق چىرايىنى قەلىپ ئېكرانىمغا كۆچۈرىۋېلىپ يۈگرۈپ كېتىپ قالدىم. قول ياغلىقىم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ يالدامىسى ئىدى. ئۇنىڭغا «سىزنى سۆيىمەن دىگەن» كەشتىلەپ قويغانىدىم، ئىشىنىمەنكى بۇ ئۇنىڭغا قىلغان ئەڭ چىن ۋەدەم بۇلۇپ قالغۇسى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى، مەن بۇ ئوردىدا خۇددى يەككە يىگانە قالغان قۇشتەك يىتىمسىرەپ قالغانىدىم. شۇ گۈزەل باغلار، رەڭگارەك مىۋە - چىۋىلەرمۇ، گۈزەل ئايۋان سارايلارمۇ ماڭا قىلچىلىك مەنىسى يوقتەك بىلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى. مەن غەيرەتنىڭ گېپى بويىچە سىرتقا كۆپ چىقمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. پەقەت كەڭرى ئازادە بالكون مېنى سىرت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇراتتى. بىر كۈنى بالكوندا شۇ ۋاقىتتىكى شېرىن خىياللار ئىلكىدە ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز بىر كەپتەر پۇررىدە قىلىپ ئۇچۇپ مۈرەمگە قوندى. بۇ دەل غەيرەتنىڭ خەۋەرچى كەپتىرى بۇلۇپ پۇتىغا قول ياغلىقىمنىڭ بىر بۇرجىكى چىگىلگەنىدى. شۇڭا ئۇ مېنى ئۇدۇللا تۇنۇپ كەلگەنىكەندە! نىمە دىگەندەك ئەقىللىق. مەن ئۇنىڭغا توختىماي بىر كۈن گەپ قىلىپ ئولتۇردۇم، ئۇ مېنىڭ يېقىن سىردىشىم بۇلۇپ قالغانىدى. تۇيۇقسىز كىنىزەكلىرىم ھۇدۇقۇپ يېنىمغا كەلدى.
- مەلىكەم تېز جابدۇنمىسىڭىز بولمىدى، بۈگۈن ئوردىدا زىياپەت بارىكەن. سىزنى كەلسۇن دەپ ئېيتىشىپتۇ.
- خەلىق ئۇرۇش ئىچىدە تۇرسا نىمە زىياپەتكەن ئۇ !- دىدىم ئاچچىقىمنى باسالماي ، شۇ تاپتا كىمگە زىياپەت خوشياقىدىغاندۇ؟
- بۇنى بىلمىدىم مەلىكەم، بىراق بۇيرۇققا بىنائەن بارمىسىلىرى، شاھ بەكمۇ خاپا بولارمىكىن؟- دىدى. مەن ئۇلارنىمۇ تەڭلىكتە قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىگىنىگە بوي سۇندۇم.
مەن زىياپەتخانىغا كەلگەندە شاھ بىلەن خانىشتىن باشقا يەن ئىككى كىشىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. « بۇلار كىملەر ؟» دەپ سورىدىم ئاستاغىنە خانىش ئانامدىن.
- بۇلار سول قول ۋەزىر بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ. - دىدى خانىش ھە ئەسلى غەيرەت ھەزەر ئەيلەشنى بۇيرىغان بۇلبۇلگويا ھىيلىسىنى ئويلاپ چىقىپ خەلىقنى قۇربان قىلىشنى پىلانلىغان ھىلىقى ئىككى ئەبلەخ شۇكەندە! دىدىم ئىچىمدە ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىدىم. توساتتىن ئوغلىمىكىن ياشراق بىرەيلەننىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يىرگەنگىنىمچە كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچتىم. خۇددى بىر يەردە توي بولىۋاتقاندەك نەغمە ناۋامۇ قايناۋاتاتتى. بۇ قالايمىقانچىلىق يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشتى، توختىمەي ئەسنەك تۇتۇپ مۈگدەپ ئولتۇرغانىدىم . تۇيۇقسىز قىيا چىيا بۇلۇپ كەتتى. چۆچۈپ ئويغىنىپ قارىسام ھەممە شاھنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىشىۋالغانىدى، مەنمۇ يۈگرۈپ بېرىپ قارىسام شاھنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈكلەر يېنىپ ئاللىقاچان تىنىقتىن قالغانىكەن. بۇ زادى نىمە ئىش، مەن ئەتراپقا قاراپ ھىلىقى ئىككى ئەبلەخنىڭ بىر چەتتە بىر بىرسىگە مەمنۇنىيەت بىلەن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم،
- سەن ئەبلەخلەر! شاھقا زىيانكەشلىق قىلىشتىڭ!- دەپ توۋلىدىم ئۇلارغا قاراپ، خانىشمۇ ياشلىرىنى سۈرتۈپ دەرغەزەپكە كەلدى بۇلغاي« تۇتۇڭلار بۇ ئىككى ئەبلەخنى!» دەپ توۋلىدى. تۆت ياساۋۇل يۈگرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى. شۇ ئارىدا ھىلىق ۋەزىر « ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە خانىشىم مەلىكەم، شۇ تاپتا سىلى مەندىن بىر قۇشۇق قانلىرىنى تىلىسىلىرى مەن بەلكىم گۇناھلىرىدىن ئۆتۈپ قېلىشىم مۇمكىن. » دىدى بىزەڭلەرچە . « سەن ئاۋال ئۆز جىنىڭنىڭ غېمىنى قىل» دىدىم مەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن .« تۇتۇڭلار بۇنى ، ئېلىپ چىقىپ كاللىسىنى ئېلىڭلار!»
- ھەددىڭ ئەمەس ! -دىدى ئۇلارمۇ بوش كەلمەي، ئۇلارنىڭ شۇنداق دىيىشى بىلەن تۇيۇقسىز زىياپەتخانا ئىشىكى زەrب بىلەن ئېچىلىپ بىرمۇنچە لەشكەرلەر كىرىپ بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى. بىز نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدۇق.
- قاراڭ مەلىكەم، كىمنىڭ دىگىنى راستكەن؟
- سەن شاھقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە قانداق پىتىندىڭ!- دىدى خانىش تېخىمۇ دەرغەزەپ بۇلۇپ.
- ياق ياق خانىشىم، بۇ مېنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەس، ماڭا بۇنداق زور قوشۇن نەدە تۇرۇپتۇ؟ ھەممىسى بۇ يۈرەك پارىلىرىنىڭ قىلغان ئىشى ، بىكاردىن بىكار شاھبانۇ پادىشاھنىڭ سىڭلىسىنىڭ بېشىغا چىقىپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ گېپى بىلەن دىلى بىريەردىن چىقىپ قالدى شۇ !
- سەن ئاسى مۇناپىق ! ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ رەزىل مەقسىتىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچىكەنسەندە!
- ئۇنداقمۇ ئەمەس ، بۇ شاھلىق ئورنى ھامان ماڭا قالىدۇ ئەمەسمۇ خانىشىم، يا سىلىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى يوق سىلى دۆلەتنى باشقۇرۇپ كېتەلمەيدىلا يەنىلا مەن ياردەم قىلاي.
شۇنداق قىلىپ بۇ رەزىل ۋەزىر ئۆز پىلانى بويىچە زورمۇ زور شاھلىق تەختىگە ئولتۇردى، خانىش بىلەن ئىككىمىزنى بولسا ھوجرىمىزغا قامال قىلىپ قويدى.
توۋا بۇ ئىشلارنىڭ بىردەمدىلا مۇشۇنداق قالايمىغان بۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى، غەيرەت نىمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقاندۇ؟ ئۇلار ئوردىنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلگەنمىدۇ؟ توغرا خەۋەرچى كەپتەر بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلاي. مەن كىچىككىنە قەغەزگە ئوردىدىكى ئىشلارنى قىسقىغىنە يېزىپ كەپتەرنىڭ پۇتىغا چىگىپ ئۇنى ئۇچۇرۋەتتىم، تەڭرىمىز ھەممىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
تاراق قىلغان ئاۋاز بىلەن مەن چۆچۈپ بالكوندىن ھوجرامغا كىردىم، ھېلىقى ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللا دىگەن ئەبلەخ كىرگەنىدى.
- قانداق ئەھۋالىڭىز مەلىكەم؟- مەن ئۇنىڭ گىپىگە زۇۋان سۈرمەي ، كېنىزەككە قاراپ :
-مەن ئارام ئالىمەن، بىرەرسىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق، ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇڭلار! دىدىم .
- شۇنداق ، ياخشىراق ئارام ئېلىڭ مەلىكەم، ئەتە ئالدىراش بۇلۇپ كېتىسىز !
-نىمىگە ئالدىراش بۇلۇپ كېتىدىكەنمەن؟- دىدىم ئۇنىڭغا زەردە بىلەن.
بۇ قېتىم ئۇ ماڭا مەڭسىتمىگەندەك كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
- ۋۇ ئەبلەخ ! ماڭا تەھدىت سالماقچى بۇلۇۋاتىدا ! خام خىيال قىلما ! مەن سەندىن ھەرگىزمۇ قورقمايمەن.
بۇ ئەبلەخ بىزگە يەنە قانداق قاپقان قۇرىۋاتقاندۇ. غەيرەت تېزرەك كېلىپ بىزنى قۇتقۇزۇڭ...نەسرىدىن ئەپەندىم سىز قەيەردە،،،، ئىچىمدە شۇنداق نىدا قىلاتتىم.
كېچىچە كۆزۈم ئۇيقۇغا بارمىغانىدى، تاڭ يورىماستىنلا يەنە ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ ھەممىمىزنى چۆچىتىۋەتتى.
- مەلىكەمگە بۇ كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ جابدۇپ ئېلىپ چىقىڭلار!- تەرى سۆرۈن بىر ياساۋۇل شۇنداق كەينىدىكى ئىككى كىشىگە كۆتۈرگۈزگەن نەچچە پەتنوسقا ئورالغان قانداقتۇر نەرسىلەرنى كىنىزەكلەرگە جىكىلەپ قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق ئۆڭدەرىشىپ چىقىپ كەتتى.
- ئۇ نىمىكەن؟- دەپ سورىدىم .
- ساپ كىيىم كىچەك زىبۇ زىننەتلەركەن،- دىدى كىنىزەك قىزدىن بىرى ئۇلارغا بىر كۆز يۈگرىتىپ.
- ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىڭلارمۇ؟
- بىلمىدۇق مەلىكەم،
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ بىر رەزىل پىلان سوقىۋاتقانلىقى كۆڭلۈمگە شۇنچىلىك ئايان ئىدى. مەن يېنىمدىن ئايرىشقا بولمايدىغان نەرسىلىرىمنى يېنىمغا چىڭ سالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى سۆرۈن تەلەت ياساۋۇل يەنە كىردى،
- تېخى جابدۇنۇپ بولالماپتىغۇ ! - دەپ كىنىزەكلەرگە ھومايدى.
- مەن ئۇلارنى كىيمەيمەن قانداق قىلاتتىڭ!- دىدىم ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ۋارقىراپ . بىراق ئۇنىڭ ئەلپازى شۇنچىلىك يامان بۇلۇپ يەنە كىنىزەكلىرىمگە ۋارقىرىدى.
- ئەگەر يەنە كىيىنمەيدىغان بولسا سەنلەرنى كاللىسىنى ئالىمەن!- دىدى ۋە چىقىپ كەتتى.
- ئەبلەخ! - دەپ ۋارقىرىۋەتتىم ئاچچىقىمغا چىدىماي.
- مەلىكەم رەھىم قىلسىلا- دىدى ئۇلار غال غال تىترەپ. مەن ئامالسىز ئۇلار ئەكىرگەن نەرسىلەرنى ئۈستى بېشىمغا ئارتتىم .
بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار مېنى ئالغىلى كېلىشتى، مېنى خۇددى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىپ بارغاندەك قورقۇنۇچ ئىلكىگە ئالغانىدى.بىز ئوردا ئىچىگە كىردۇق. بۇ يەرگە بارلىق ئوردا ئەھلى يىغىلغان بۇلۇپ ھەممىسى زىلچە گىلەملەر ئۈستىدە بىرخىل سۈرلۈك ھالەتتە ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە زادى نىمە ئىشى باردۇر. مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلامدىغاندۇ يا بولمىسا!
توساتتىن بىر ئاپپاق ساقاللىرى مەيدىسىدىن ئاشقان، ئاپپاق سەلىنى بېشىغا چۆكىرىپ تۇرۇپ ھەيران قالارلىق ھالدا شۇنچە چوڭ يۆگىگەن ،يۈزلىرىمۇ شۇنچلىك ئاق، يەنە ئاپپاق پەرىجە كىيگەن ئىشقىلىپ ئاستىندىن ئۈستىگە خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك ئاققا ئورالغان بىر مويسىپىت ئۇزۇن بىر ئايەتنى باشلىدى. كىملەردۇر بىرى يۈزۈمنى يوغان ئاق ياغلىق بىلەن يېپىپ قويىۋېدى ئۇنى زەرب بىلەن ئارقامغا ئاتتىم ۋە ئۇلارغا نەپرەتلىرىمنى ياغدۇرغان ھالدا قارىدىم. شاھنىڭ تەختىدە ھېلىقى نائەھلى كېرىلگەن ھالدا تۇراتتى. يەنە ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ ئوغلى غادىيىپ تۇراتتى. ھىلىقى مويسىپىت كىشى ئاخىرى ھىلىقى ئۇزۇن ئايەتنى ئوقۇپ تۈگەتتى. ۋە
- ھازىر شاھزادە ئابدۇللاخان بىلەن مەلىكە سەنەمنىڭ نىكاھىنى ئوقۇيمەن- دىدى بۇنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.
- نىمە ؟ بۇنىڭغا سىلەرگە كىم رازىلىق بەردى؟! بۇ مۇمكىن ئەمەس!- دەپ ۋارقىرىدىم.
- ھەددىڭ ئەمەس!- دەپ ۋارقىرىدى ئۇ - ئەگەر خانىش ئانام ھالاك بولمىسۇن دىسەك يۇۋاشلىق بىلەن نىكاھقا رازىلىق بەر!
- بۇ مۇمكىن ئەمەس!- مەن ئارقىمغا قاراپ قاچتىم بىراق كەينىمدىكىلا ئىككى ياساۋۇل ئىككى قولۇمنى قايرىپ تۇتۇپ مېنى ئورنۇمدىن مېدىرلاتمىدى.
- سىلەرنىڭ رەزىل مەقستىڭلار ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ!- مەن ئۆلىۋالىمەن!- دەپ ۋارقىرىدىم، ئىچىگە غەزىپىم پاتماي قىلىۋاتاتتى.
-قېنى موللا ئاخۇن ھاجىم نىكاھنى ئوقۇڭ ! دىدى ھىلىقى نائەھلى مويسىپىتقا قاراپ.
- مويسىپىت گېلىنى قىرىپ قويۇپ يەنە نىكاھنى باشلىماقچى بولدىيۇ بىسمىلل..... دەپ يەنە گىلىنى قىرىپ يەنە گىپىنى باشلىماقچى بولدىيۇ بىراق گېلىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ... گىپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. تۇيۇقسىز ئاسمانغا چەكچىيىپ قارىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارىشىپ «نىمە بولغاندۇ ، نىمە ھادىسە كۆرىنىۋاتقاندۇ موللا ھاجىمنىڭ كۆزىگە...» دەپ بىر توپ ھەرىلەردەك غۇڭۇلدىشىپ كەتتى. بولسا يۈرەك كىسىلى تۇتۇپ ئۆلۈپ قالسىكە! - ئويلىدىم ئىچىمدە رەزىللەرچە...
- توختاڭ شاھى ئالەم، ماڭا بۈگۈننىڭ بىر قۇتلۇق كۈن ئەمەسلىكى ھەققىدە بىشارەت بېرىلدى... - دىدى ھىلىقى موللا تۇيۇقسىز .
- نىمىشقا ؟موللا ھەزرىتىم ، - دىدى ئابدۇللا ئالدىراپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ.
- قاراڭلار... ساماۋى يۇلتۇزلارغا ، ئۇلار خۇددى تېرىقتەك چىچىلىپ كېتىپتۇ. -دىدى ئۇ ئىككى قولى بىلەن ئوردىنىڭ كەڭرى دەرىزىسىدىن ئاسماننى كۆرسىتىپ..
- قېنى ؟ سىلى كۆردىلىمۇ ؟! قېنى ؟
- شۇنداقتەك قىلامدۇ نىمە؟- كۆپچىلىكمۇ بىردەمدىلا قازان قاينىغاندەك قايناپ كېتىشتى.
- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ!- دەپ ۋارقىرىدى تەخىتتىكى چوڭ مۇتھەم.
- بۇنداق بولسا شاھلىققا بالايى ئاپەت ياغىدۇ شاھىم. بۇنداق كۈندە يۇلتۇزلار ھازا تۇتقان كۈن، بۇنداق كۈندە خەيرلىك ئىش قىلساق تەڭرىنىڭ غەزىپىگە قالىمىز، ياكى ئوغۇللىرىغا ياكى بۇ شاھلىققا ئاپەت كىلىپ قېلىشى مۇمكىن... - دىدى موللا ئاۋازلىرىنى تىترىتىپ. بۇنى ئاڭلاپ چوڭ كىچك مۇتىھەملەر موللاخۇنغا غەزەپتە قارىدى.
- ئىشەنمىسىلە بۇنىڭغا قارىسىلا ، دىدى مويسىپىت قولىدىكى بىرمۇنچە ئۇششاق تاشلارنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.
- بۇ نىمە ؟-دىدى ئۇلار كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ...
- بۇ خاسىيەتلىك تاشلار... ئۇنى كىچىك يۇلتۇزلار دىيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئاتا بوۋاملاردىن قالغان، ئادەتتە ھاۋا تۇتۇق يۇلتۇز كۆرۈنمەيدىغان كۈنلىرى مەن بۇ تاشلاردىن پايدىلىنىپ ياخشى يامانلىققا پال سالىمەن...- دىدى ئۇ سوزۇپ تارتىپ ۋە قولىدىكى ئاپپاق ياغلىقنى يەرگە سالدى ۋە ئاغزىدا بىرنىمىلەرنى ئوقۇپ ھىلىقى قولىدا چىڭسىقىمدىۋالغان تاشلارنى ياغلىق ئۈستىگە قويدى، بۇ چاغدا بارلىق كىشىلەر باشلىرىنى سوزۇپ ھېلىقى تاشلارغا زەن سالدى. دىگەندەك مويسىپىت كىشى قولىنى قويۋېتىشى بىلەن ھېلىقى تاشلار تاراس تۇرۇس قىلىپ بىر بىرى بىلەن تېپىشىپ بىراقلا خېلى چوڭ دائىرىدە چىچىلىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ جامائەت ساقاللىرىنى تۇتۇشۇپ شۈكرى ھەمدۇ سانالارنى ئوقۇپ كەتتى.ھېلىقى ئاتا بالا مۇتىھەملەرمۇ قورققىنىدىن كۆزلىرى پولتىيىپ قالغانىدى. ھەتتا مەنمۇ بۇ سىرلىق ھادىسىدىن ھەيران قالغانىدىم.
- ئەمىسە بۇ ئىشنى قانداق قىلساق بولا ھەزرىتىم؟- دىدى شاھ ئورنىدا ئولتۇرغان مۇتھەم پەسكويغا چۈشۈپ...
- ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىمىز..- ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشلار ئوڭ بولغۇسى.
- شۇنداق بولسۇن ! شۇنداق بولسۇن،،،- ئۇلار يۇۋاشلىق بىلەن ئۇلارنىڭ دىگىنىگە كۆندى.
- بۇ مەلىكىنى ئېلىپ ھوجرىسىغا قاماپ قويۇڭلار!- دىدى ، كىچىك مۇتىھەم.
- ياق ! ئۇنى زىندانغا قاماپ قويۇڭلار! ئۈچ كۈن زىنداننىڭ تەمىنى تېتىسۇن، بۇ ئەدەبنى بىلمەيدىغان مەلىكە!- دىدى چوڭ مۇتھەم.
- شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنى زىندانغا ئېلىپ كېلىپ سولاپ قۇيۇشتى. بىراق تەڭرىگە مىڭ شۈكرى، مېنى ئۈچ كۈن بولسىمۇ يامانلىقتىن نېرى قىلغىنىغا مىڭ شۈكرى. زىندان دەپ ئاتالغان بۇ ھەم كىچىك ھەم پاكار كۇپ شەكىللىك پاخالدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. تۆمۈر ئىشىك جاراڭ جۇرۇڭ قىلىپ يېپىلدى.
- توختاڭلار! شاھتىن ئەمىر ئالدىم! مەن ئۇنىڭغا ئەپسۇن ئوقۇپ قويىمەن، شۇندىلا نىيەتلىرى ئۆزگىرىپ يۇۋاشلايدۇ..- دىگەن ئاۋاز كەلدى. بۇ ئېنىق ھېلىقى مويسىپىت موللىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ياساۋۇللار زىندان ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ ئىچىگە كىردى. ۋە قاراۋۇلغا قاراۋۇلغا قاراپ شۇنداق دىدى :
- ئىشىكنى چىڭ تاقاپ نېرى تۇرغىن بالام،- ئەپسۇن ساڭا ئۆتۈپ قالمىسۇن.- بۇنى ئاڭلىغان قاراۋۇل دەرھال زىندان ئىشىكىنى تېزلىكتە تاقاپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى.
- سىزگە كۆپ رەخمەت،،،- دىدىم مەن ئۇنىڭغا مىننەتتارلىق بىلدۈرۈپ.
- ھەي سەنوبەر قىز ، قارىغىنە مەن كىم ؟ - دىدى ئۇ بايىقى چوڭ سۈپەتلىكىدىن ئەسەرمۇ يوق بىر خىل ھەييارلىق بىلەن .
- نەسرىدىن ئەپەندىم ؟ - مەن ئۇنى گەرچە چىرايىدىن ئاۋازىدىن قەتئىي تونىمىغان بولساممۇ بىراق ھەييارلىقىدىن تونۇۋالغانىدىم ، توۋا ، ئۇ نىمە دىگەن قالتىس...
- سىز بەك يامانكەنسىز نەسرىدىن ئەپەندىم. توۋا ! مە ئويلىماپتىمەن.سىز راستىنلا بەك ئەقىللىقكەنسىز - خوشاللىقىمدا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىشقا ئازلا قالغانىدىم.
- شۇنداق دەل ۋاقتىدا كەپتىمەن ، بولمىسا ئىش چاتاق ئىكەنتۇق. - دىدى ئۇ ۋە ماڭا پەسرەك گەپ قىلىش ئىشارىسىنى قىلىپ قويدى.
- شۇنى دىمەمسىز، سىز مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىم بۇلۇپ قالدىڭىز جۇمۇ. بايا بەك ئوبدان جايلىدىڭىز،،يۇلتۇزلار توغرىسىدا بىرەر نەرسە بىلەمسىز؟
- ئەلۋەتتە بىلىمەن، بىراق بايا قالايمىغان بىلجىرلاپ قويدۇم،
- ئەمىسە تاشلارچۇ؟ ھەجەپ سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلايدىكەن.
- ھە ئۇ تاشلارنى دەمسەن ، ئۇ باغدات دىگەن شەھەردە مانا مۇشۇنداق تاشلار بىلەن پال سالىدىكەن، قارا بەزىلىرى جۈپلىشىدىكەن ، بەزىلىرى تېپىشىپ يېقىن كەلمەيدىكەن،مەنمۇ لازىم بۇلۇپ قالار دەپ جۈپلىشىدىغان تېپىشىدىغانلىرىنى ئايرىپ ئېلىپ كەلگەنىدىم.... - قارا بۇلارنى- ئۇ قولىدىكى قاپقارا تاشلارنى كۆرسەتكەندە ئاندىن مەن بۇنى تۇلۇق چۈشەندىم.
- ھە ئەسلى ماگىنىتلار ئىكەنغۇ ... توۋا!
- بەلكىم شۇنداقتۇ قىزچاق، بولدى قۇرۇق پاراڭنى قويايلى، مەن ساڭا بۇ ئوردىغا كىرىشتىن بۇرۇن بەرگەن بىرنەچچە تال يۇپۇرماق يېنىڭدا بارمۇ؟
- شۇنداق يېنىمدا،
- شۇنداق ئۇنى ئىچىسەڭلار سېنى كېزىك دەپ چىقىرىۋېتىدۇ دىگەنىدىم ئېسىڭدىمۇ؟
- شۇنداق .
- ئەمدى بۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىدىغان ۋاقىت كەلدى. بۈگۈن ئەمەس سەن ئەتە كەچتە ئۇلارنى يەۋەتكىن، ئۇنىڭغىچە مەن ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ تۇرىمەن. سېنى بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن.
- بولىدۇ، رەخمەت سىزگە نەسرىدىن ئاكا! - دىدىم ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك مەمنۇن بۇلۇپ.
- ئەمىسە بۈگۈن سەن جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ پەرىشتە، بىراق ئەتە ھۆرلۈككە چىقىسەن،
- ماقۇل دىگىنىڭىزنى ئاڭلايمەن.-دىدىم قەتئىي ئىرادە بىلەن.
- تۈگىدىمۇ؟!- دەپ ۋارقىرىدى سىرتتىن قاراۋۇل ...
ئۇ دەرھال يالغانلاردىن ئۈنلۈك بىر بىرنىمىلەرنى ئوقىدى ۋە باش كۆزۈمگە بىرنىمىلەرنى ئۇرۇپ سۈپ كۆچ قىلدى ۋە
- تۈگىدى - دەپ ۋارقىرىدى. قاراۋۇل كىردى، ئۇ ماڭا كۆزىنى ئاخىرقى قىتىم قىسىم قويۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ قاراڭغۇ ۋە سوغۇق زىنداندا ئۈمىد شامىم قايتا يېنىپ كۆڭلۈم ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتكەنىدى.