مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nikita01

مەن رىۋايەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21217
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6512
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 11:50:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى ناھايتى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن . قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ھەم تەسسەۋۇرىڭىزغا قول قويدۇم . لېكىن بىر قىستۇرما بىرىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

  ھېكايىدىكى تىلغا ئېلىنغان شەھرىزات ھەم ئۇنىڭ دۆلىتى ئوتتۇرا شەرىق ئەمەس بەلكى جەنۇبى ئاسىيادىكى تاقىم ئاراللاردا ئىدى. بۇ شەرىقسۇناس يازغۇچىلار ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان مىڭ بىر كېچىنىڭ كېلىش مەنبەسى. ئاندىن غېرىپ سەنەم ، نەسرىدىن ئەپەندىم ۋە فەرھاد شېرىنلارنىڭ ياشىغان دەۋىرلىرى ھەرگىزمۇ بىر دەۋىر ئەمەستۇر. ئەسلى مەنبە بويىچە فەرھادمۇ شۇبۇ تاشنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەمەس بەلكى ھازىرقى ئېران جۇمھىريىتى تەۋەسىدە چوقۇغان ئىدى. لېكىن ئاپتۇرنىڭ پەيدا بولغان ۋە شۇبۇ قىسمەتلەرگە يوللۇققان يەرلىرى نەسىرىدىن ئەپەندىم ۋە غېرىپ سەنەمنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا تەۋە قىلىنغان. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇلبۇلگويا ھېكايىسىنى كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغۇنۇم سەل ئېسىمدە بار . ئېسىمدە بولىشىچە ھېكايىدىكى بۇلبۇلگويامۇ ئوتتۇرا شەرىق رىۋايەتلىرىگە تەۋەغۇ دەيمەن ھە ؟

  كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. بۇنىڭ بىر ئۇيدۇرما ، فانتازىيە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن پىرسۇناژلارنى ماسلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

سادىغاڭ كېتەي XJTV-2 , XJTV-5 , XJTV-9 ... مۇشۇ ئېلاننىڭ ئارىسىغا كېنۇ قىستۇرۋالمىساڭلار تازا قىزىقىپ ئېلان كۆرۋاتسام تولا كېنۇ قىسىلىپ بەك زېرىكىپ كەتتىم...

ئەركىن مەھبۇس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94118
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2968
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 777 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 12:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qimaltak يوللىغان ۋاقتى  2013-11-29 11:50 AM
ئەسەرنى ناھايتى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن . قەلەم قۇۋۋىتىڭى ...

بۇ بىر تەسەۋۋۇر دىن ھۇجۇدقا كەلگەن بىر ئويدۇرما خالاس ،  كۆرمىدىڭىزمۇ  ئالائىددىنىىمۇ قىتىۋاپتۇ ئەنە ، بۇنداق ئۇستۇلۇق بىلەن قۇراشتۇرۇشمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس بەلكىم ئاپتۇرنىڭمۇ  سىز ئوتتىرغا قويغان بايانلارنى بىلىشى  مۇمكىن ،  مۇمكىن بۇلۇپلا قالماي چۇقۇم بىلىدۇ  ، بىلمىسە  بۇنداق باغلاشتۇرۇپ چېقىرالامتى ،  شۇڭا دەيمەنكى  سىز ۋە بىز ئويلىغاننىڭ ئاپتۇر ئاللىقاچان ئويلاپ بولغان  بۇ ئۇسلۇپتىكى ھىكايە بىر يىڭىلىققۇ  دەيمەن ،  ئىشقىلىپ مەن ئۇقۇغان ئىككىنجى ھىكايە

كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە !  بىركۈنلەر كىلىىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم   بىر  بۇلىدۇ           
باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەرگەنلەر ، ئاۋال ئۈزىڭىزدىن مەن قانداق دەپ سۇراڭ .

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 12:36:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

تاماگەر بولۇپ تىرىك تۇرغىچە،
قانائەت قىلىپ ئاچتىن ئۆلگۈلۈك.               
تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە،          -ئەھمەد زىيائىي
شىرانە سۆۋلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك.

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10148
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1221 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 04:02:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش چىمەلتەك، سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز تامامەن توغرا، بىراق ئۇلارنى شۇنداق زورلاپ بىر يەرگە ئەكەلگەندىلا بۇ ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن، شۇنداقمۇ دوستۇم؟

life is dream, we are dreaming

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64827
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10148
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1221 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 05:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



     مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۆيگە كىردىم، ھەممەيلەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سەزدى بولغاي ئۈن تىنسىز ئولتۇراتتى. غەيرەت بۇ جىمجىتلىقنى بۇزدى.

- ئۇنداق بولسا كەشپىياتچى ئۇستام، بىز بۈگۈن كەچلىك پىلانىمىز توغرىسىدا پاراڭلاشساق قانداق. - دىدى ئۇ ۋەزىيەتنى جىيددى تۈسكە كىرگۈزەپ.

- مانا تۈتەك بومبا، كۆزئەينەك ۋە مۇداپىئەلەنگۈچلەرنى ياساپ تەييار قىلىپ قويدۇم، پىلاننى ياخشى بىر تۈزسەكلا مېنىڭچە بۇنىڭدا مەسىلە يوق.

- ئۇنداق بولسا مەن بىلىدىغان چاھار باغنىڭ ھويلىسىغا تۇتىشىدىن لەخمىدە چاتاق يوق مەن ئادەملىرىمگە ئۇ يەردىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم .

   ئۇلار شۇنداق قىلىپ بۈگۈن كەچنىڭ پىلانىنى مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇردى، قارىماققا ئۇلار مېنى ئويلاشمىغانىدى.

- ئەمىسە مەنچۇ؟ ماڭا نىمە ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ؟

- سىزگە ھېچقانداق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى. سىز بۇ يەردە قېلىپ خوش خەۋىرىمىزنى كۈتۈڭ. - دېدى نەسرىدىن ئەپەندىم.

- بىراق بۇنىڭدا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار دەپ ئويلايمەن.

- بۇنىڭدا سىزدە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق . ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزنى قوغداش سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىڭىز، - بۇنى ئورۇندىيالىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،- دېدى غەيرەت قەتئىي قىلىپ. ئۇنىڭ سۆزىنى يىرىپ ئارتۇق گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدىم .

ئۇلار خۇددى قوغدىغۇچە ياساۋۇللارغا ئوخشاش ياساندى. ھەتتا بوۋاممۇ ئۇلار بىلەن ماڭدى.

- سىلەرنى تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!- دىدىم ئۇلارنى ئۇزاتقاچ. بىراق كۆڭلۈم ھېچقاچان ئارامىدا بولمىغانىدى. مەن ئۇلارغا سەزدۈرمەستىن ئۈستۈمگە يىپىنچامنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.

بىز قۇيۇق ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرگەندە غەيرەت يوغان بىر دەرەخنىڭ ئالدىدا توختىدى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىن بىر مۇنچە شاخشۇمبىلارنى ئېلىۋېتىپ ھەممەيلەننى باشلاپ چۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ سەزدۈرمەستىن ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ماڭدىم. قارىسام ئۇ يەر ئاستىغا چۈشىدىغان پەلەمپەي ئىدى. مەنمۇ ئۇجايغا چۈشتۈم، بۇ ئۇزۇن بىر تونىل بولغاچقا ئۇلار تۇتىۋالغان مەشئەلنىڭ نۇرى خېلى جايغىچە يورۇپ باراتتى. شۇڭا مەنمۇ قىينالمايلا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ باراتتى. بىز نىشانغا يېقىنلىشىپ قالدۇقمىكىن بارغانسېرى قۇلىقىمغا كىشىلەرنىڭ پاتپاراق بۇلۇپ كېتىۋاتقان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مەن ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۇنتۇپ قالماي غەيرەت بەرگەن يەنى بوۋام ياسىغان ھېلىقى ئەسۋابنى قۇلىقىمغا تىقىۋالدىم. بەلكىم چىقىدىغان ئېغىزغا كەلگەن بولساق كېرەك ئۇلار توختىدى. مەنمۇ ئۇلارغا كۆرۈنمەي جايىمدا توختىدىم. ئۇلار قارىغاندا ئۈستىگە چىقىشىۋاتاتتى. ئۇلار چىقىپ بولغاندا مەنمۇ چىقىش ئېغىزىغا كەلدىم.  ئەمدى بىلدىم، بۇ دەل ھېلىقى قېتىم غەيرەت بۇلبۇلگويانى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا مېنى يۇشۇرۇپ قويغان لەخمە ئىكەن، ئەسلى بۇ جاي سىرتقا تۇتىشىدىكەندە!

مەن يامىشىپ يۈرۈپ بۇ جايدىن تەستە چىقتىم . قارىسام دەل بۇلبۇلگويانىڭ قەپىسىگە ئازلا قالغان جايدا تۇراتتۇق. ئۇلار مېنىڭ بەش مېتىرچە ئالدىمدا بۇلۇپ، ھەممە ئەس يادى شۇ قۇشتا بولغاچقا ماڭا قىلچىمۇ دىققەت قىلمىغانىدى. بۇ سورۇن بۇرۇنقىدەكلا ھەشەمەتلىك بېزەلگەنىدى. مەن دەرەخ كەينىدە دالدىلاندىم. بەلكىم مېنىڭمۇ بىرەر پايدام تىگىپ قالار، مەن ھەر ئېھىمالغا قارشى  بوۋامنىڭ ئۆيىدىن ئېلىۋالغان رەكەتكىنى چىڭ قاماللىغىنىمچە يۇشۇرۇنۇپ تۇردۇم. ئاي ئاپپاق يورىدى. بۇلبۇلگويانىڭ رەڭگارەڭ پەيلىرى كۆرۈندى، ھەممەيلەن مەپتۇن بۇلۇپ ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ تۇراتتى. ھەل قەپەس ئىچىلىپ ئۇنىڭغا ئالتۇن جام ئېلىپ كىرىلىۋاتقاندا، بوۋام چەبدەسلىك بىلەن قولىدىكى تۈتۈن بومبىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ بەردى ،ھەممەيلەن يۆتەلگىنىچە ئورۇنلىرىدىن تۇرالماي قالدى. ياساۋۇللارمۇ يۈگرۈپ كەلدىيۇ ئاخىرى ھەممىسى جايىدا يېتىپ قالدى.  ئۇلار مۇداپىئەلەنگۈچلىرىنى تاقىدى ۋە قەپەسكە ئۆزىنى ئاتتى، بىراق بۇلبۇلگويا بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ  دەل بوۋام تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەلدى، دەل مۇشۇ چاغدا ئالاۋىدىن قولىدىكى سىمدىن ياسالغان تورنى ئۇنىڭغا ئاتتى.ئۇ پالاقلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشتى، غەيرەت قولىدىكى سېھرى توپىنى ئۇنىڭغا چاچماقچى بۇلۇپ تۇرىۋېدى بۇلبۇلگويا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىپ بارغانسېرى كىچىكلەشكە باشلىدى ۋە تورنىڭ تۈشىگىچىلىك بولغاندا ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى، ئۇ دەل ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى.


مەن ئارتۇق ئويلانمايلا  جايىمدىن يۈگرۈپ چىقتىم ۋە چىڭ سىقىمدا تۇرغان تاش بىلەن رەكەتكىنى ئۇنىڭغا دەللەپ ئاتتىم. مەن كىچىكىمدە بۇ نەرسىگە شۇنچىلىك تونۇش ئىدىم، ئوقۇم زايا كەتمەي ئۇنىڭغا تاڭڭىدە تەگدى ۋە ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ يەرگە قاڭقىغاندەك بولدى. بۇنىڭغىچە بوۋاملار بۇ ياققا قاراپ يۈگرىشىپ كېلىشكە باشلىغاندى.

بەشىمىز ئۇنى قورشاۋغا ئالغانىدۇق، بىراق ئۇ ئۈستىمىزدە قايسىمىزنى سېھرى كۈچ بىلەن ئۇجۇقتۇرسام بولىدىكىن دەپ ئويلاۋاتقانمۇ بىزگە شالىنى چاچرىتىپ چىقىراپ ئۇزۇن تۇمشۇقلىرىنى يوغان ئېچىپ ھېلى دەم تارتىدىغاندەك تۇراتتى. بۇنىڭغىچە مەن كۆك ئىسنىڭ تەسىرىدىن كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ دەلدەڭشىشكە باشلىدىم. ئاچچىق بىر نەرسە ئىچىمگە بۈسۈپ كىرىشكە باشلىدى.بوۋام يۈگرىگەنچە يېنىمغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئېغىزدىن مۇداپىئەلەنگۈچىنى ئېلىپ ماڭا ئورنىتىپ قويدى.   

  بۇ چاغدا نەسرىدىن ئەپەندى قولىدا ھېلىقى ئالتۇن ھەللىك جامنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئېنىقكى ئۇنىڭدا ئادەم مېڭىسىدىن ياسالغان سۇيۇقلۇق بار ئىدى. ئەپەندىم ئۇنى يەرگە ئاز تۆكىۋېدى قۇش دەرغەزەپ بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.

- غەيرەت تېز!- دىدى نەسرىدىن ئەپەندىم. غەيرەت دەرھال قولىدىكى ھېلىقى سېھرى توپىنى ئۇنىڭغا چاچماقچى بۇلۇپ  قۇشقا ئېتىلدى. بۇلبۇلگويا شۇ ئان زەرب بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ غەيرەتنىڭ قولىنى يوغان قانىتى بىلەن قاتتىق ئۇرىۋەتتى ، كۆپكۆك توپا بوشلۇققا  توزىدى،غەيرەت بىر نەچچە مېتىر نېرىغا ئۇچۇپ چۈشتى. بۇلبۇلگويا بۇ توپىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك قاتتىق چىقىرىدىكى بۇ كىشىنىڭ قۇلىقىغا بىگىز تىققاندەك بىر ئاغرىق تىنىمىزگە كىرىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى، ئۇنىڭ رەڭگى شۇنچىىك تېز ئۆزگەردىكى بىردەمدىلا ئەجدىھارغا ئوخشايدىغان بىر سەت نەرسىگە ئۆزگەردى. ۋە  قاتتىق ۋارقىرىغانچە كۆككە كۆتىرىلىپ كەتتى. شۇندىلا مەن پۈتۈنلەي ئېسىمنى يوقىتىپ يەرگە يىقىلدىم.

مەن كۆزۈمنى ئاچقاندا بوۋامنىڭ ئۆيىدە ياتاتتىم. بوۋام ئۇياق بۇياققا ئۆتۈپ نىمىلەرنىدۇر قىلىپ يۈرەتتى.

- بوۋا..- دىدىم مەن ئاستاغىنە .. بوۋام ھۇشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ  يۈگرۈپ كەلدى.

- خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغاندەك تۇرامسەن قىزىم،  - دېدى. مېھرىبانلارچە قاراپ .

- شۇنداق ياخشى بۇلۇپ قالدىم. - دېدىم . ۋە باشقىلارنىڭ يوقلڭقىغا دىققەت قىلدىم. - ئۇلار قېنى ؟ بۇلبۇلگويانى يوقاتتۇقمۇ؟

- بىز يېرىم غەلىبە قازاندۇق دىسەكمۇ بولىدۇ، قىزىم، بىراق ھازىرلا بىر چوڭ سەپەرگە ئاتلانمىساق بولمايدۇ. بىزنىڭ قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى. موماڭنىڭ ، داداڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز. قالغان ۋەزىپىنى قالغانلارغا تاپشۇرىمىز،

- زادى قانداق بولدى بوۋا؟ماڭا دەپ بېرىڭە؟

- قىزىم ئۇ بۇلبۇلگويانىڭ سېھرى كۈچى يوقالدى، ئۇ ئەمدى خەلىقنى بۇرۇنقىدەك ئازدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ سېھرىدە سېىرلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئويغاندى. بىراق ئۇ يامان بىر ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ يىرتقۇچ ئەجدىرھاسىمان قۇشقا ئايلاندى. ئۇ ئەمدى ئوچۇق ئاشكارە خەلىقنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. غەيرەت ، ئەپەندىم ۋە ئالاۋىدىنلار ئۇنى بىراق يوقىتىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىدۇ. بىراق بىز بۇ يەردىن كەتمىسەك بولمايدۇ. ئەگەر كەتمىسەك يەنە قىرىق يىل ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

- بىز كەتسەك بولمايدۇ بوۋا!، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، دوستلىرىمىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا پېشىمىزنى قېقىپ كەتسەك سىزچە بىزنىڭ شەخسىيەتچى كىشىلەردىن نېمە پەرقىمىز قالىدۇ.

- دېگىنىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق، بىراق بىزنى ساقلاۋاتقان ئائىلىمىزنى ئويلاشمىساق بولماس.

- نىمىلا دىگەن بىلەن ھەر ئىشنىڭ ئامالى بولىدۇ .ئۇنىڭمۇ بىر ئامالى بولۇپ قالىدۇ. ئىشقلىپ مەن كەتمەيمەن. سىز كېتىۋېرىڭ، مەن زىيانداشنى يىلتىزىدىن يوقاتمىغۇچە بۇ يەردىن دوستلىرىمدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلمايمەن. - مەن شۇنداق دەپ تەتۈر قاراپ يېتىۋالدىم. بوۋامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭمۇ ھىجران ئازابىدا پۇچۇلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ كۆڭلۈم بۇ شەخسىيەتچىلىككە ھەرگىز يول بەرمەيتتى.

كەچ بولاي دىگەندە ئۇلار ئۈچەيلەن باش كۆزى تولىمۇ ۋەيرانە ھالەتتە قايتىپ كەلدى. ئۇلار قارىغاندا ئۇ يىرتقۇچ قۇش بىلەن خېلى ھەپىلەشكەندەك قىلاتتى.

- ئۇنى غارغا قانداق ئېلىپ بارارمىز؟ بۈگۈن ئۇنى ھەجەپ ئازدۇرالمىدۇق ... بۇنىڭ زادى قانداق ئامالى باردۇر.

- ئەتە بىر ئامال قىلىپ كۆرەيلى.- .

   ئۇلار شۇنداق چۈشىنىكسىز بىر سۆزلەرنى قىلىپ تۇراتتى.مېنىڭمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.

- ئەتە مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە باراي، ئۇنى قايسى غارغا باشلاپ ئاپارماقچى؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان قانداق بولىدۇ؟-دەپ سورىدىم ئۇلاردىن. ئۇلار بىر-بىرسىگە بىر ھازا قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن نەسرىدىن ئەپەندىم ئېغىز ئاچتى.


- بىز ئەمدى بىرىنجى قەدەمنى باستۇق. مەن باغداتقا بېرىپ شەھرىزاتنى تاپقىنىمدا ئۇ ماڭا سىرلىق چەينەكنى تېپىشىمنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆك دىۋىنىڭلا بۇ قۇشنى بوي سۇندۇرلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

- قانداق سىرلىق چەينەك؟

- بۇ ئىقلىمدا شۇنداق بىر سىرلىق چەينەك بۇلۇپ ئۇنى سىلىسا ئىچىدىن بىر كۆك دېۋە چىقىىپ سېنىڭ تەلىپىڭنى ئورۇنلايدۇ، بۇ دەل شۇ سىرلىق چەينەكتۇر.

- سىلەر خاتالىشىپسىلەر! ئۇنداق سىرلىق چەينەك يوق ئۇ دىگەن بوۋام بىلەن ئالاۋىدىننىڭ تاپقان ئويۇنى!- دىدىم مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئەپسانىگە ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ .

- ياق قىزىم ، بۇ يالغان ئەمەس - دېدى بوۋام، - مەن دەل شۇنىڭ بارلىقىنى بىلگەچكە بۇ ئويۇننى ئويناپ چىقىشنى ئويلاپ تاپقان. ئەمەلىيەتتە بۇ مەۋجۇت.

- نېمە؟ !- بۇنى سىز قانداق بىلىسىز بوۋا؟

- مەن بۇ دەۋىرگە كېلىپ قالغىنىمدا بۇرادىرىم قاسىم ئىككىمىزگە بىر كىشى ئۇچرىغان، بىز ئۇنىڭ بىلەن يېقىن بۇرادەر بۇلۇشقان، بىراق قاسىم ئۇنىڭ سىرلىق بىر چەينىكى بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق تەلەپنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلىپ نىيىتىنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا قەست قىلدى. ئۇ ئۇ كىشىگە قەست قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ كىشىگە شۇچەينەكتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن مال دۇنيا پەيدا قىلغۇزىپ ئۇنى بىر غارغا يۇشۇرغان. مەن بۇ ئىشلارنى كېيىن ئۇ كىشى ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بىلدىم. ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا بۇ سىرلىق چۆگۈننىڭ ئەجداد ئەجدادتىن قالغان ئۇلارنىڭ ئەۋلادىغا قوغداش ئۈچۈن بېرىلگەن تەۋەرۈك ئىكەنلىكىنى ،مېنىڭ بۇ چەينەكنى قاسىمدىن تارتىۋېلىپ ئالاۋىدىن ئىسىملىك ئوغلىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى تاپىلىغانىدى.مەن كېيىن شەينەكنىڭ قەيەرگە يۇشۇرۇنغانلىقىنى بىلىۋېلىىپ ئالاۋىدىننى ئىزدەشكە باشلىغانىدى، چۈنكى بۇ ئۇ كىشىنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئامانەت ۋەسىيىتى ئىدى . قاسىم سىرلىق چەينەكنى ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىپ غارغا يوشۇرۇپ قويغانىكەن. . كېيىن ئالاۋىدىننى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ ھەقىقى ئالاۋىدىن ئىكەنلىكى بىلىپ ئۇنى شۇ غارغا ئاپارماقچى بولغىنىمدا ئالاۋىدىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەزىپىنىمۇ بېجىرەلمەي ھازىرغىچە بىرىگە قەرزىداردەك يۈرەتتىم .

-  شۇنداق بولغاندا ئۇ ئالاۋىدىننىڭ جەمەتىگىلا تەئەللۇق بۇلۇپ پەقەت ئالاۋىدىنلا ئۇنى ئىشلىتىش قۇدرىتىگە ئىگە - دىگەن گەپ، شۇڭا  ئالاۋىدىن بۇ پىلاندا كەم بولسا بولمايدۇ. - دېدى نەسرىدىن ئەپەندىم.

- مەن بۇنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالايمەن.- دىدى ئالاۋىدىنمۇ ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەن ھالدا.

- بىراق بوۋا سىز ئۇلارنى باشلاپ ئاپارمىسىڭىز ئۇلار غارنى قانداق تاپىدۇ؟

- مەن ئۇلارغا ئورنىنى دەپ بەرگەن، كۈن پېتىشقا قاراپ ئىككى كۈن ماڭسىلا ئۇ غارنى ناھايىتى ئاسان تاپقىلى بولىدۇ.

- سىلەر ئۇ يىرتقۇچنى تۇتۇپ ئۇ جايغا ئاپارماقچىمۇ؟ بۇ مۇمكىمۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن يەنە كاللامدىن ئۆتمىگگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ .

- شۇ تاپتا بۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. دىدى - ئالاۋىدىمۇ چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپ.

- ئۇنداق بولسا ئۇ خەلقىنىڭ بېشىدىكى بىر ئاپەتكە ئايلىنىدۇ- دېدى غەيرەت ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ.

- بىز نېمىشقا چۇقۇم قۇشنى تۇتۇپ ئاپىرىمىز، چەينەك ئىچىدىكى كۆك دىۋە ھەممىگە قۇدرەتلىك بولغاندىن كېيىن نېمىشقا ئاۋال ئۇنى تېپىپ ئاندىن ئۇنىڭغا بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرمايمىز؟ - دېدىم مەن . گىپىمنى ئاڭلاپ ھەممىسى بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى.

- مېنىڭچە بۇ ئامال بولىدىكەن، دېدى غەيرەت، - ئۇنداق بولسا ھازىرلا يولغا چىقىپ ئۇ غارنى تاپايلى! قانچە بالدۇر بارساق شۇنچە ياخشى.

  ھەممەيلەن ئورنىدىن قوزغالدى. مەنمۇ ئورنۇمدىن قوزغىلىپ يىپىنچامنى ئارتىپ ، رەكەتكىنى قولۇمغا ئالدىم، مېنىڭچە بۇ مېنىڭ ياخشى قورالىم بولالايتتى.

  - سىز قېلىڭ سەنوبەر! بىز بۇنىڭغا يېتەرلىك!- دىدى غەيرەت.

-  مېنىڭ سىزدىن رۇخسەت ئالغۇدەك ېاقتىم يوق غەيرەت، مەن ئۆز ئۆزەمگە ئىگە بولالايمەن.- دېدىم ئۇنىڭ چېپىلىۋېلىشىدىن ئاچچىقلىنىپ.

- بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئېغىر ! سىز بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقچىمۇ؟- دېدى ئۇ مەندىن بەكرەك ئاچچىقلىنىپ.

- سىز ئالدىنقى قېتىممۇ شۇنداق دىگەن، بىراق سىز دەپ بېقىڭە ئەينى ۋاقىتتا بۇلبۇلگويا قاچماقچى بولغىنىدا مەن ئۇنى رەكەتكە بىلەن توسىۋالمىغان بولسام بىز بۇ ئىككىنجى قەدەمگە ئۆتەلەيتتۇقمۇ؟ بەلكىم چىۋىنگە ئايلىنىپ قېچىپ يۈرگەن ئۇ مەخلۇقنى ھازىرغىچە ئىزدەر بولغىيدۇق. - دېدىم ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ماڭا سەل قارىغىنى مېنى يۈك دەپ قارىغىنى ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلگەنىدى.

- بىز سىلەر بىلەن بىللە بارىمىز- دېدى بوۋام، بۇنى ئاڭلاپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم.

- رەخمەت سىزگە بوۋا!

-بوپتۇ ئۇ بىز بىلەن بىللە بارسۇن، ئۇ كىچىك بالا ئەمەسقۇ غەيرەت!- دېدى نەسرىدىن ئەپەندىم.

-بۇ قىز بەك باتۇركەن ، ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ!- دىدى ئالاۋىدىنمۇ. بۇنى ئاڭلىغان غەيرەتنىڭ تەرى قاتتىق تۈرۈلدى ۋە ئۇلارغا قاراپ :« ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خەۋپ يېتىدىغان بولسا ھېچقايسىڭلارنى كەچۈرمەيمەن!» دېدى غەزەپ بىلەن.ۋە ماڭا بىر پەس تىكىلىپ قارىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. گەرچە ئۇنىڭ بۇ سۆزى غەزەپ بىلەن ئېيتىلغان بولسىمۇ بىراق ھۇجۇدۇمنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز ئىللىقلىققا چۆمدۈردى.

شۇنداق قىلىپ بىز ھەممىمىز ئاتلىق ھېلىقى غارنى ئىزدەپ ماڭدۇق.  ئات ھارۋا شۇنچىلىك تېز چاپاتتى. بوۋام ئەگەر مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ماڭساق بەلكىم ھېلىقى يۇلتۇزنىڭ كېلىشىگىمۇ ئۈلگۈربپ قالىمىز دېدى.

بوۋام بىزگە يول باشلايتتى. بوۋامنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىز ئاخىرى ئۇ غارنىڭ ئالدىغا باردۇق.بىراق بوۋام دىگەن بۇ غار غار ئەمەس ماڭا بىر ئېگىز تاش تاغدەك كۆرۈندى. ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزى نەدىدۇر؟بىز ئۇيان چۆرگىلەپ بۇيان چۆرگىلەپ غارنىڭ كىرىش ئېغىزىنى پەقەتلا تاپالمىدۇق.

- بوۋا سىز بۇ غارغا بۇرۇن كىرىپ باققانمىدىڭىز؟

- شۇنداق ، مەن يۇشۇرۇنچە كىرىپ باققان، - دېدى بوۋۋام.

- ئۇنداق بولسا ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزى قەيەردىرەكتى، يا بولمىسا ئۇزۇن يىل بولغاچقا ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ يا؟

- قاراڭلار بۇ جايدا ئاياق ئىزى بار ئىكەن. - دېدى غەيرەت يەرنى كۆرسىتىپ ،بىر بۇ نۇرغۇنلىغان ئاياق ئىزى ھاسىل قىلغان بىر كىچىك توپا يولنى بويلاپ ماڭدۇق ، بىراق ئاياق ئىزى غايەت زور بىر تاش بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى.

- بۇ ئېنىق كىرىش ئېغىزى، بىرەيلەن بۇنى ئېتىپ قويۇپتۇ. - دېدى نەسرىدىن ئەپەندىم. بىراق بۇ غەيەت زور تاشنى كىممۇ يۆتكىيەلەيدىغاندۇ. - نەسرىدىن ئەپەندى شۇنداق دىگەندە مېنىڭ خىيالىمغا چاقماق كەبى بىر ئوي كەلدى. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئوقىغان مىڭ بىر كېچە ھېكايىلىرىدىكى ئەلى بابانىڭ خىسلەتلىك ئۆڭكۈرى ھەققىدىكى چۆچەك! توغرا ! بوۋامنىڭ ئىسمى ئەلى ئەمەسمۇ !

- بوۋا! سىز ئەلى بابا ھەققىدىكى چۆچەكنى بىلەمسىز؟- دەپ سورىدىم مەن بوۋامدىن، بوۋامنىڭمۇ كۆزلىرى پاللىدە يورۇپ كەتتى.

- ئەلى بۇرادەر،،،  قانداق سېنىڭ دۇنيارىڭدا بۇنىڭ بىرەر ئامالى بارمىدى؟- دېدى ئالاۋىدىن،

- شۇنداق شۇنداق ! توغرا ! بۇنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ! قىزىم ئەقلىڭگە بارىكاللا! - دېدى بوۋا ۋە ھەممىمىزنى كەينىمىزگە يىراقراق تۇرۇشنى بۇيرىدى. بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنى دالدىغا ئېلىپ يىراق تۇردۇق، بوۋام ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ۋارقىرىدى!

-  كۈنجۈت ! ئىشىكنى ئاچ ! - غار ئازراق تىترىدىيۇ بىراق يەنە جىمىپ قالدى. بوۋام ماڭا شۈبھە بىلەن ماڭا قارىدى ،

- يەنە بىر قېتىم !- دىدىم مەن ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ ، بوۋام  ئۆزىنى رۇسلاپ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ۋارقىرىدى!

- كۈنجۈت! ئىشىكنى ئاچ!- بۇ قېتىم غار قاتتىق گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز چىقىرىپ ، ئالدىدىكى غايەت زور تاش تاراسلاپ كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ۋە يېرىم ئېچىلىپ توختىدى. بوۋام تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن قاتتىق ۋارقىرىدى.

- كۈنجۈت! ئىشىكنى ئاچ!!!!- تاش  قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق تاراسلىغان پېتى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ۋە ئىچىدىن كۆزنى چاقنىتىدىغان ساپسېرىق نۇر ئېتىلىپ چىقىپ كۆزلىرىمىزنى قاماشتۇرىۋەتتى. بىز ئاستا غار ئاغزىغا يېقىن كەلدۇق. ۋە ھەيرانلىقتىن ئاغزىلىرىمىزنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپ قالدۇق. بۇ مەنزىرىگە ھېچقايسىمىزنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.

   ئالدىمىزدا غايەت زور بىر خەزىنە يېيىلىپ ياتاتتى.  ئالتۇن كۈمۈش . ياقۇت خرىستال دىگەندەك نەرسىلەر تاغدەك دۆۋىلەنگەن، يەنە ئاغزى يېپىلماي قالغان ساندۇق ساندۇق زىبۇ-زىننەتلەر قاتار تىزىلغان. كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىدىغان قاشتىشى ئويمىلار، ئالتۇن،كۈمۈش، ياقۇتلاردىن ياسالغان بۇيۇملار تورۇسلارغا قۇيۇلغان، پارپۇر قاچا قۇمۇشلارمۇ ئۆز تۈرى بويىچە پەشتاق شەكىللىك تاشلارغا تىزىلغانىدى،  ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل يىپەك گىلەم دەمدۇ ، كىيىم- كېچەك دەمدۇ ئىشقىلىپ ئېسىل نەرسىلەرنىڭ بۇ يەردە تىپىلمايدىغىنى يوق دىيەرلىك ئىدى.

- ئەس-ھۇشۇڭلارنى تېپىڭلار!- نەسرىدىن ئەپەندىم شۇ سۆزنى قىلغاندىلا بىز ئېسىمىزنى يىغدۇق.

- ئەمدىكى نىشان سېھىرلىك چەينەك، ئەلى بوۋا! ئۇ چەينەك قەيەردە بۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟- دېدى غەيرەت، بوۋام ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگرەتكەندىن كېيىن :

- بۇرۇن بۇ نەرسىلەر بۇنداق كۆپ ئەمەستى، سېھىرلىك چىراي ئەنە ئاۋۇ جايدا ئىدى،- دەپ قولى بىلەن غارنى تۆرىسىدىكى بىر تاشنى كۆرسەتتى  بوۋام!

- خاتالاشتىڭ ئەلى! - بىز بۇ ناتونۇش ئاۋازدىن چۆچۈپ كەينىمىزگە قارىدۇق. غەلىتىلا كىيىنگەن قارىماققا مۇتھەم چىرايلا كۆرىنىدىغان ئون نەچچە كىشى بىزگە بىزگە دىۋەيلەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىدا چاچ ساقاللىرىنى ئۇزۇن قويغان بېشىغا قارا لاتا باغلىغان، قارا يىپىنچا ئارتقان بىرەيلەن تۇراتتى، قارىماققا ئۇلارنىڭ ئاتامانى بولسا كېرەك، ئۇ بوۋامنى كۆرۈپ مەڭسىتمىگەندەك ھىجايغىنىچە بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى.

- سېنى ئەمدى كۆرەلەيمەن دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بىراق قېرىپ كېتىپسەن!- دىدى ئۇ .

- سەنمۇ شۇ قاسىم، سەن ئارزۇيۇڭ بويىچە تېخىمۇ بېيىپ كېتىپسەن، سەن كۆك دىۋىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىغان ئوخشىمامسەن؟

- ئۇنداق ئەمەس بۇرادەر، ئۇ چەينەك بىلەن نەچچە ئون يىل قېرىشتىم، بىراق ئۇ نىجىس ئىگىسىنىلا تونۇيدىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ بايلىقلارنى ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ توپلىدىم، قارا مەن ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى.

- ئۇنى قانداق توپلىدىڭ؟

-قارا مېنىڭ جەمى مۇشۇنداق ئەزمەتلىرىمدىن قىرىقى بار، ئۇلار مۇشۇ ئوتتۇرا ئىقلىمنىڭ ھەر جايلىرىدىن مال مۈلۈك يىغىپ كېلىپ مانا مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ، ھېلىمۇ بايا بۇ ئون نەچچىمىز يېقىن ئەتراپتا ئىكەنمىز، غارنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپلا بىر كۈتۈلمىگەن مېھماننىڭ خەزىنەمگە قەدەم باسقانلىقىنى ھېس قىلىپ دەرھال يېتىپ كەلدىم، بىراق چوڭ بىر سودىگەرلەر توپىنى تاشلاپ كەلدىم-دە ئىسىت!- دېدى ئۇ ئاتامان تامىقىنى چاكىلدىتىپ.

- سەن قاراقچى بۇلۇپ كېتىپسەندە! نىمىشقا ئۇنداق قىلىسەن ، بۇ بايلىقلار سېنىڭ بىر ئۆمرۈڭگە يېتىپ ئاشاتتىغۇ، بايلىقنى دەپ قان تۆكۈپ ، ئۆمرۈڭنى گۇناھقا پاتقۇزۇپسەن ، لەنەت ساڭا!- دېدى بوۋام غەزەپتىن تىترەپ.

- ھا ھا ھا! - ئۇ ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ خۇددى مەڭسىتمىگەندەك قاتتىق كۈلدى ۋە :

- مەن نەسىھەتتىن بەكرەك يىلىنىپ يالۋۇرغاننى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن، غارىمغا ئوغۇرلۇققا كىرگەن ھەرقانداق ئادەم مېنىڭ قىلىچىم ئاستىدىن تىرىك چىقالمايدۇ، بۇرۇنقى سەبداشلىقىمىزنىڭ يۈزسىدىن ساڭا رەھىم قىلاي،سېنى سېپىمگە قوشىۋالاي،بىراق بۇلار بۇ يەردىن چىقىىپ كېتەلمەيدۇ...

- قاسىم ، بىز بۇ يەرگە ئوغۇرلۇق قىلغىلى كەلمىدۇق، قىل چاغلىق نەرسەڭگە تەگمەيمىز.بىراق سەندىن سورايدىغان بىر نەرسە بار، شۇنى بەرسەڭلا بولدى ، بەرىبىر ئۇ سەن ئۈچۈن كېرەككە كەلمەيدىغان بىر تۈمۈر تەسەكنىڭ ئورنىدىكى نەرسە ، بىز ئۇنى ئالساقلا بۇ يەردىن كېتىمىز ، مەڭگۈ كەلمەيمىز.


اخىرىنى دۈشەنبە كۈنى يوللايمەن، شۇ چاغدا بەلكىم تۈگىشى مۇمكىن.)


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91458
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-29 11:23:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ!ئاخىرنى تىزراق يوللاسىز!مەن بەكلا قىزىقىپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 05:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان دۈشەنبە بولار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4716
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 06:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىززپ ئوقۇۋاتسام.....

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7127
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 07:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ. ھارمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4716
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-2 12:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن دۈشەنبىغۇ؟!....

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش