تەد پاراڭلىرى:سەنئەت ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. l; }; d- s+ o0 b
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،شامالدىن سىلەرگە مەيىن سالام بىلىگتورىمىزنىڭ يەنە بىر ھەپتىلىك "تەد پاراڭلىرى" يېڭى سانى چىقتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 v5 ]0 m# t0 d, |
كىچىكىمىزدە كەلگۈسىمىزنى تەسۋىرلەپ رەسىم سىزاتتۇق،شۇنچە گۈزەل ئارزۇلارنى قىلاتتۇق، دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ،دۇنيانى قۇتقۇزىدىغان پالۋان بولسام تاتلىق خىيال سۈرۈپ كېتەتتۇق. بۇ شۇ ۋاقىتتىكى بىزگە تەئەللۇق سەنئەت ئىدى.كېيىن چوڭ بولۇپ ئۆزۈمدىن سورىدىم .بىز دۇنيانى ئۆزگەرتەلەمدۇق؟بۇنى بىلمەيمەن. سەنئەت ئۆزگەرتەلەمدۇ؟بەلكىم .كۆپىنچىمىزنىڭ نەزىرىدە"سەنئەت قۇرۇق نەرسە، باشقا تۈرلەردەك رولى چوڭ ئەمەس"، "مۇنداقلا كۆرۈپ ھوزۇرلۇنۇپ قويسىلا بولدى"....ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ ياق!
بىر فىرانسىيەلىك داڭلىق سەنئەتكار بار. قىززىق يېرى شۇكى ئۇنىڭ تولۇق ئىسمىنى بىلمەيمىز، ئۇ ئۆزىنى پەقەتلا JR دەپ ئاتىغان. ئۇ 2011-يىللىق تەد مۇكاپاتىغائېرىشكەن: مۇكاپات ئېلىش مۇراسىمىدىكى نۇتقى دەل "سەنئەت ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش".بۇ لىكسىيەدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزى ئېلىپ بارغان سەنئەت پروگراممىلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتەلىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
سىز ئىسرائىلىيە پەلەستىن مەسىلىسىنى كۆرگەندە،ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلالايدىغىنىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇ بېرىپ نۇرغۇن رەسىملەرنى تارتقان،ھەمدە چوڭلىتىپ تاملارغا چاپلاپ كۆرگەزمە ئاچقان.بۇنىڭ قانداق تەسىرى بولغانلىقىنى ھېس قىلالامسىز؟ ئەگەر سىز بىرازىلىيەدە يۈز بەرگەن مەلۇم ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇششاق گۆش پارچلىرىغا چانىۋېتىلگەن ئۈچ بالىنىڭ پاجىئەسىنى ئاڭلىغاندا ،ئۇلارنىڭ تەغدىرىگە ئېچىنىشتىن باشقا قانداق ئىش قىلالايسىز؟ئۇ بېرىپ يەنىلا بۇرۇنقىدەك بالىلارنى رەسىمگەتارتقان ۋە چاپلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىنى ۋە رولىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟يەنە ئەگەرسىز شىۋىتسارىيەدە ئەزان ئوقۇش مۇنارىنى چەكلەش نىزامىنى چىقارغان خەۋەرنى ئاڭلىسىڭىز نېمىنى ئويلايسىز؟ئۇ شىۋىتسارىيەگە بېرىپ چوڭايتىلغان ئەزان مۇنارىنىڭ رەسىمىنى چاپلىغان...
بەلكىم بىز ئۇنىڭدەك قىلالمايمىز.بۇ تەرجىمىنى تەھرىرلەش جەريانىدا نەچچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم،ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە ئوخشىمىغان ھېسلاردا بولدۇم.بىر خىل ئېچىنىش بىلەن ئۈمۈد ۋەئىلھام ئارىلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ تۇيغۇ قەلبىمنى چىرمىدى. بىز نېمە ئۈچۈن قىلالمايمىز؟دېمەكچىمەنكى، بىز سەنئەتنى JRچىلىك ئىشلىتەلمەيمىز،بەلكىم مۇھىت ۋە شارائىت مەسىلىدۇ.دۇنيانى دېمەي تۇرايلى، لېكىن بىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىشى ئارقىلىق يۇرتىمىزنى ئۆزگەرتەلەمدۇق؟ بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن. ئەتراپىمىزغا قارىساق ،ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ ،ھەتتا ئۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىز چىقىشالماي يۈرىمىز. بەزىدەئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەي مانا بۇ سەنئەت ،ئاۋۇ سەنئەت دەپ كېتىمىزيۇ، ئۆزىمىزئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟پۈتۈنلەي سەنئەت بىلەن ئەمەس،ئىجادكارلىق بىلەن ،كىچىك ئىشلاربىلەن،سوغۇققانلىق بىلەن،مېھرىمىز بىلەن...ئۆزىمىزنى ۋە بىز تۇرىۋاتقان مۇھىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟
ئەگەرتەرجىمانلىقمۇ بىر كىچىككىنە سەنئەت ھېسابلانسا،ئۆزۈمنىڭ بارلىق كۈچۈم ۋەقىزغىنلىقىم بىلەن ئاتلىنىمەن ۋە ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپچىلىككە سۇنۇشقا تىرىشىمەن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بىلىگنىڭ يۈرەك سۆزى. چىن كۆڭلۈمدىن بۇ قېتىمقى يېڭى سان "تەد پاراڭلىرى"نى كۆرۈپ قويۇشۇڭلارنى ۋەبىزنى داۋاملىق قوللاپ قۇۋەتلەپ تۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر-تەلەپ ۋە ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
قىسقاكارتىنا:
ئىسمى:سەنئەت بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتىش
سۆزلىگۈچى:JR
ئۇزۇنلىقى:24مىنۇت46سىكونت
تەرجىمە:دىلارە تەرجىمىسى تەھرىر:شامال
ئادرىسى: http://www.bilig.cc/?p=1470
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 k* T/ c% p2 k) }8 E