hokumran يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 01:41 AM
ئۇكام توخۇتۇر:
ھەرقىتىم يازمىڭىزنى كۆرگەندە يازمىڭىزن ...
تور ئىسمىڭىزنى نىمىشقا ھۆكۈمران قويىۋالدىڭىزكىن،بۇنى بىلمىدىم.يا سىز بۇ تورنىڭ ھۆكۈمرانىمۇ بىلمىدىم…
ئەمما سىز شۇ ئىسمىڭىزغا لايىق ھۆكۈمرانانە گەپ قىلىدىكەنسىز.
سىزنىڭ پىكىرىڭز مەيلى قانچىلىك ئورۇنلۇق بولۇپ كەتسۇن،تېما ئىگىسىنىڭ يازغان نەرسىسى قانچىلىك ئەخمىقانە بولسۇن…بۇ سوتسىيالىستىك دىمۇكراتىيە دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت.قانۇنغا خىلاپ گەپ سۆز ياكى باشقىلارغا قىلىنغان ھاقارەت بولمىسىلا ھەر بىر كىشىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
ئېيتقانلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇقتۇ،بەلكىم تېما ئىگىسى سىز دېگەندەك،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسسىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قوتان سالغاندىكى ۋاقتىغا ئوخشىتىپ قويغاندۇ،مەن پىكىرىڭىزگە قارشى چىقماقچى ئەمەس.ئەمما سىز تېما ئېگىسىگە(كىمگىلا بولسا)بۇنداق ھۆكۈمرانانە تەئەددىڭىز بىلەن گەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ.
ھەركىمنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش ھوقۇقى بولىدۇ.ئاستىدىكى ئەلشاھ بۇرادەردەك سىلىق سىپايە،تەربىيە كۆرگەن ئادەمدەك گەپ قىلسىڭىزمۇ ھېچكىم سىزگە يۇ ئىنكاسىڭىزغا «تور ئىسمى ھۆكۈمران تۇرۇپ ئەجەپ سىپايە گەپ قىپتىغۇ»دەپ ئەجەبلىنىپ كەتمەسلىكى ئېھتىمال.