kapitan2 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-21 12:50 AM
تۇيۇقسىزسىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باققۇم كەپ ق ...
بۇنداق ۋەزنى ئىغىر سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن ، شۇنداقتىمۇ بىلگىنىمچە ۋە ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچېسى بۇيىچە سۆزلەپ باقاي ،
ئاۋال جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات دىگەن ئىككى ئۇقۇمنى چۈشۈنۈپ يىتىش كىرەك ، بۇنى دىمىسەممۇ ھەممىمىز بىلىمىز . ھەرقانداق نەرسىنىڭ باشلانغان ، تەرەققى قىلغان ۋە ئاجىزلاشقان ۋاختى بۇلىدۇ ، ئىسلامنىڭمۇ شۇنداق بولغان ، ئىلىم پەن ، ئختىساد،سىياسى جەھەتلەردە ئىسلامنىڭمۇ ئەڭ تەرەققى قىلغان ،گۈللەنگەن مەزگىللىرى بولغان . ئاستۇرۇنومىيە ( ئىلمۇننۇجۇم ) سەھىيە ( تىبابەت ) ...... قاتارلىق نورغۇن ساھالەردە دۇنيادا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن .ئەمما ئۈممەتنىڭ ئىچكى بوزىلىشى پارچېلىنىشى سەۋەپتىن ، بىرلىشىڭلا بۇلۇنۇپ كەتمەڭلا دىگەن بۇيرىقىغا ئەمەل قىلماي ھەر تەرەپكە چېچىلغىنىمىز مەزھەپ تۇقۇنىشى ، مىللەت تۇقىنۇشى ، قىسقىسى شەخسى مەنپەئەت تۈپەيلى ھەرخىل ئىقىمغا بولۇنۇپ ( ھەممىسىنى دىمىدىم ) تەدىرجى چېكىنىپ دۇنيا سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالدۇق ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە قورچاق ھاكىمىيەتلەر ھەق ئۈچۈن سۆزلىگەن تىللارنى كىسىپ ، ھەق ئۈچۈن ماڭغان قەدەملەرنى سۇندۇرۇپ تاشلىماقتا .
ھازىر ئۈممەتتە بىرلىك يوق بىرلىشەي دىسە بىرلىشىدىغان سورۇن يىتەكلەيدىغان باش يوق ، بىرەرسى باش بۇلۇپ چېقماقچى بولسا تېروررىزىم ياكى مۇستەبىت ۋەياكى ئاللاقانداق باھانىلەر بىلەن بىخ ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرلىتىلىۋاتىدۇ ، دىمىكوراتىك ئۇسۇلدا سايلانغانلارنىمۇ ئاللا قانداق باھانىلەر بىلەن يۇقۇتۇشقا ئۇرنىۋاتىدۇ .
قىسقىسى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ‹‹ قانداق بولغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان بولىدۇ››جاۋاپ ئەمەس بەلكى قانداق قىلغاندا مۇسۇلمانلارنى قانداق قىلغاندا ئەڭ گۈللىنىدىغان ۋە تەرەققى قىلىدىغان ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ ›› دىگەنگە جاۋاپ بىرىش .
جاۋابىم شۇكى : مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئختىلاپ ۋە زىدىيەتلەرنى تۈگۈتىپ ، ئۆزئارا بىرلىشىپ ، ئىسلام دىننىڭ ھۆكمى ئەمىر پەرمانلىرىغا بوي سۇنۇپ ، رەسۇلىمىز (م ئە س ) نىك كورسەتمىسى بۇيىچە يول ماڭغاندا ......ئاندىن بۇ مەخسەتكە يەتكەن بولىمىز
بىراق دىن دۈشمەنلىرى ۋە شەيتان ئەلەيھى لەئنى بۇنىڭغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايدۇ ، شۇڭا پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئاللاھتىن ، ئۆزلىرىگە ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا ، تەرۋەنمەس ئىتىقاد ، مۇستەھكەم ئىرادە تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىشى ۋە شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا بويسونماسلىقى كىرەك .
بۇ ئىمتاھان مەيدانىدا مۇسۇلمانلار نورغۇن سىناقلارغا دۇچ كىلىدىكەن ، نۇرغۇنلىرىمىز ئۆتەلەيدىكەنمىز يەنە نۇرغۇنلىرىمىز ئۆتەلمەيدىكەنمىز ......
بىلىمىم سەۋېيەم تۈۋەن بولغاچقا سۇئالىڭىزغا مۇشۇنچېلىكلا جاۋاپ بىرەلىدىم ، قايىل قىلالىدىمۇ قىلالمىدىمۇ بىلمەيمەن ، بۇ شەخسەن مىنىڭ كۆز قارشىم بىرلىشىش ، ۋەئىتىپاقلىشىش بولسىلا مىنىڭچە ۋۇجۇدقا چېقارغىلى بولمايدىغان ئىش يوق دەپ قارايمەن .