barisxan يوللىغان ۋاقتى 2013-11-20 08:17 PM
قىزىق يېرى دىن بىلەن پەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ توغرااش ...
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنداق كۈنلىرىمۇ بولغان
ھازىر فەلەستىندە،ئىراقتا،ئافغانىستاندا ۋە باشقا دىيارلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ خارۇ-زارلىقىغا،قىممىتى يوق ھاياتلىرىغا قاراپ <بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويى،ھاياتى تايىنلىق ئوخشايدۇ>دەپ ئويلاپ قالماڭ.مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيانى خۇددى ھازىرقى ئامېرىكا سورىغاندەك تىترەتكەن ۋاخلىرىمۇ بولغان. ئىسلام ئابباسىلار خاندانلىقى دەۋرى-مۇسۇلمانلارنىڭ شان-شەرىپى،ئىسلامنىڭ قۇدرىتى ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چاغلار بولۇپ،بۇ دەۋرنىڭ يىتۈك داھىسى-خەلىفە ھارۇن رەشىد پۈتكۈل ئىسلام زىمىنىنىڭ پاسىبانى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر داھىسى ئىدى.شۇ چاغلاردا بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتى مىڭ غەيرى مۇسۇلماننىڭ جېنىدىن نەچچە باراۋەر ئۈستۈن بولۇپ،<پالانى يەردە بىر مۇسۇلمان باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپتۇ>دىگەن خەۋەر بولسىلا ھارۇن رەشىد شۇ زىمىننىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ،پادىشاھىنى دارغا ئاساتتى،ھەم ئاللاھنىڭ نېمىتىنى يەپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىغان جاھىللىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئولپان(ئەرەبچە جىزيە ياكى جان بېجى)ئالاتتى.شۇندىلا ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە ياشاش ئەركىنلىكى بار دەپ قارايتتى.مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارمۇ غەيرى مۇسۇلمان زىمىنلىرىدە <<دەخلى قىلغىلى بولمايدىغان قەۋم>>دەپ قارىلاتتى. مىلادى 802-يىلى خەلىفە ھارۇن رەشىدنىڭ مۇسۇلمان ھاكىمىيىگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشتىن باش يارتقان شەرقى رىم(ۋىزانتىيە)ئىمپىراتورى نىسپۇرۇسقا يازغان ئۇشبۇ مەكتۈبىلا مۇسۇلمانلارنىڭ شۇ دەۋردە قانچىلىك نوپۇزىنىڭ بارلىقىنى روشە دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.بۇ مەكتۈپتە ھازىرقى غالچا پادىشاھلاردەك<جانابى،ھۆرمەتلىك...>دىگەندەك سۈنئى سۆزلەر دىيىلمىگەن ئەكسىچە ھارۇن رەشىد ئۆز قەلىمى بىلەن تۆۋەندىكىدەك كەسكىن سۆزلەرنى يازغان:<<ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.ئىمان ئىگىلىرىنىڭ سەردارى ھارۇن رەشىدتىن رىمنىڭ ئىتى- نىسپۇرۇسقا:راستىمنى ئېيتسام خېتىڭنى كۆردۈم.خەپ!سەن بىر مۇتىھەم ئىكەنسەن،جاۋابىمغا كەلسەك،ئۇنى ساڭا چوقۇم، كۆرسىتىمەن،بىراق،سەن ئۇنى ھازىر ئاڭلىمىساڭمۇ بولىدۇ!خەير.>>دەپلا ھەربى ھازىرلىققا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە چاقماق تېزلىكىدە مۇسۇلمانلاردىن400مىڭ ئەسكەر تەييارلاپ ۋىزانتىيىنىڭ ھېراكلىيە بىلەن تىيانا شەھرىدە قانلىق جەڭ قىلىپ ئۆزىنى ھىچكىمگە تەڭ قىلماي يۈرگەن نىسپۇرۇسنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىدۇ.ئارقىدىنلا مۇسۇلمانلارنىڭ دېڭىز فىلوتىنى ئىشقا سېلىپ كىچىك ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ شەھەرنى بېسىپ ئېلىپ ئىسلام خەرىتىسىگە كىرگۈزگەندىن سىرت،پۈتكۈل رىملىقلاردىن جۈملىدىن نىسپۇرۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر نامىدىن تېخىمۇ كۆپ ئولپان ئىلىشقا شەرتنامە تۈزۈشكەندىن كېيىنلا مۇسۇلمان قوشۇنىنى رىم زىمىنىدىن چېكىندۈرگەن.بۇ مەكتۈپ قىممەتلىك تارىخى بويۇم سۈپىتىدە ھازىر ئىستامبۇل موزىيىدا ساقلانماقتا.
مەنبە:سەئىد فەيياز مەھمۇدنىڭ<ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى>كىتابى.
|‹‹ئاللا خالىسا مۇشۇنداق كۇنلەرنىمۇ بىزگە نىسىپ ئەتكەي ئامىن››