BUEREZAT يوللىغان ۋاقتى 2013-11-26 10:33 PM
مەنمۇ سېرىق چاچ لىكىن سېرىق كۆز،ئاپام بولسا كۆك كۆز،د ...
يالاڭباش ، چېچىنىڭ چۇۋالچاقلىقى ماڭىمۇ يارىمىدى ، دۇبۇلغا ياكى شاھانە تاج بولغان بولسا ياخشى بولاتتى . ئۇزۇن چاچ مەسىلسىدە ھونلار ، كۆك تۈركلەر ، ئورخۇن بويىدىكى ئۇيغۇرلار ھەممىسى ئۇزۇن چاچ قوياتتىكەنتۇق ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭمۇ گەدىنىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چاچ قويغانلىقىنى كىتابلاردىن كۆرگۈنۈم ئېسىمدە .
سەللە مەسىلسىگە كەلسەك « سەللىلىك ئوقىغان نامازدا سەللىسىز ئوقىغان نامازغا قارغاندا 27 ھەسسە كۆپ ساۋاب بار » دېگەندەك ھەدىسلەرنىڭ زەئىپ ھەدىس ئېكەنلىكى ، سەللىنىڭ دىنى كىيىم ئېكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سەھىھ ھەدىس يوقلۇقىنى توردىكى پەتىۋالاردىن كۆرگەنتىم ، مىنڭچە « تەڭىرنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر ئاسمىنىدا پارلاتقانلىقىنى كۆردۈم » دېگەندەك زامانلاردا ياشىغان ، ئۆزىنىڭ تۈركىلىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ، ئىسىل نەسەبلىك ، مەغرۇر خانزادىلەر ئىسلامغا كىرىش بىلەن ئەرەبلىشىشنىڭ پەرقىنى ئايرىيالايدۇ ، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە قارۇغىلارچە ئەگىشىش تېگى پەس ئادەملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ .