قانداق ئوقۇغۇچى ياخشى ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ؟ئىمتىھاندا يۇقىرى ئالغان،داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ناھىيىسى ياكى يېزىسى بويىچە بىرىنچى نۇمۇر ئېلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ؟بىز تېخى يېقىندىلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستىتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىك خەۋىرىنى كۆردۇق.ئۇ ئوقۇغۇچىمۇ يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئىدىغۇ؟سىلەر بىلەمسىلەر؟ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرىستىتلارغا ئۆتۈش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇشى كېرەك. شۇنچە تىرىشچان ،يۇقىرى نۇمۇر ئالغان تۇرۇقلۇق خىزمەت تاپالماپتىغۇ؟ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈچ يىل ئىمتىھان بېرىش مەشىقىنى ئېلىپ بارىدۇ.مەقسەت دەرس ئۆگىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرىش.ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندىكى چىدامچانلىقىغا،تىرىشچانلىقىغا ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدۇ.دەرس ئاڭلىسا ھەرقانداق بىرى ئوقۇتقۇچى سىزىپ بەرگەن مۇھىم نۇقتىلارنى دەپتىرىگە خاتىرىلەيدۇ.دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن شۇ خاتىرىسىنى يادلايدۇ.دەرسلىك كىتابنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىققاندىن سىرت يەنە دۆۋىلىسە ئۆز بويىدىن ئېگىز كېلىدىغان سان-ساناقسىز يانداشما مەشىق،ئىمتىھان سوئاللىرى،سوئال دېڭىزى تاكتىكىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەيدۇ،يادلايدۇ،مەشىق قىلىدۇ.ئىمتىھانغا كۆپ چىقىرىلىدىغان،دائىم ئېلىنىدىغان مەزمۇن،دەرسلىك كىتابتا يوقكەن دەپ ئوقۇتقۇچىلار يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ.دەرسلىك كىتابتا ئوقۇتقۇچى كۆرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ دېگەن يەرلەرگە ھېچكىم سەپسالمايدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىمتىھانغا چىقمايدىغان نەرسىنى كۆرۈش ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بىلەن تەڭ.ئۇلار مەكتەپتىن ئۆيگە قايىتسا ئاتا-ئانىسى كۆرسىتىپ بەرگەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلايدۇ.ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى ناھايىتى كۆپ.ئۇلار ھەركۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ھەتتا بەش-ئالتە سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىدۇ.تېلىۋىزور كۆرۈشىگە،تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولماي تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ ئوينىشىغا رۇخسەت يوق.بۇ خىل ئىدىيە ئۇلارغا باشلانغۇچ ھەتتا يەسلىدىكى چېغىدىن تارتىپ سىڭدۈرۈلگەن.ئاتا-ئانىسى تىرىشىپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ئىمتىھاندا يۇقىرى ئالغۇزۇش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايدۇ.ئۇلار بالىلىرىمىز يۇقىرى نۇمۇر ئالسا ياخشى خىزمەت ئورنى بار دەپ قەتئىي ئىشىنىدۇ.
مەكتەپتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش نېمە؟ دەپ سورىلىدىغان بولسا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇش،سىنىپنىڭ كەينىدە قالماسلىق .دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ.يەسلىدىكى بالىلارغىمۇ ماتېماتىكا،ئىنگىلىزتىلى قاتارلىق دەرسلەر ئالدىن ئۆگىتىلىدۇ.ئىچكىرىدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىز باشلىنىش نۇقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويمىسا بولاتتى.بولسا باشلانغۇچقا كىرىپلا ھەممە پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولۇپ ماڭسا،ئالىي مەكتەپكىچىمۇ بىرىنچى بولۇپ ماڭسا يۇقىرى نۇمۇر ئېلىپ ئەلىيۇل-ئەلا بولۇپ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە دەپ شېرىن چۈشلەرنى سۈرىدۇ.بالىسىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا بولدىغۇ،بالىسىنى ئېسىپ قويۇپ قامچىلىغانغا ئاران تۇرىدۇ.بالىسىنىڭ ھەربىر پەندىكى نەتىجىسىگە دۇنيادا بۇلاردىنمۇ ئارتۇق ئەھمىيەت بېرىدىغانلار يوق بولسا كېرەك.ئۇلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ دەرسنى ئالدىن تەكرارلاپ،تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلەپ،ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى كاللىسىغا قۇيۇۋېلىپ ئىمتىھان ۋاقتىدا يېزىپ چىقىپ نۇمۇر ئېلىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرىدۇ.يۇقىرى نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە تىرىشىش كېرەك.شۇڭا ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئويۇنغا بېرىلمەسلىكىنى،زېھنىنى بۆلمەسلىكىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىمتىھانغا چىقىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى مەھكەم ئېسىدە تۇتۇپ ئەلاچى،يىللىقتا بىرىنچى،ئۈچتە ياخشى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇنتۇپ قېلىش،دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قېلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قارىلىدۇ.ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەر سائەتتە بەزى ئىمتىھانغا چىقىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ تۇرىدۇ.مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى.ئەستە تۇتۇش دورىلىرى،يادلاش تاكتىكىلىرى دائىم ئىشلىتىلىدۇ. دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت بىلەن قېتىپ ئولتۇرۇشى،تىنچ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.ئۇخلاپ قالغانلار ئىسمى ئاتىلىپ ئەيىبلىنىدۇ. ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن بەزىلەر ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا قەغەز تىقىپ بولسىمۇ ئويغاق تۇرىدۇ.كۆزى قىزىرىپ كەتسە مەيلىكى دەرس قېلىپ قالسا بولمايدۇ.مەكتەپتە ھەر مەۋسۇم ھەتتا ھەر ھەپتىدە ئىمتىھان ئېلىنىپ بالىلار دەرىجىگە تۇرغۇزۇلۇپ تۇرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىلگىرىلىگەنلىكى ،قانچلىك چېكىنگەنلىكى جەدۋەل تۇرغۇزۇلۇپ ئائىلە باشلىقلىرىغا مەلۇم قىلىنىپ تۇرىدۇ.ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىمۇ ئىمتىھان بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئاساسلىق سۆزلىنىدىغان نۇقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ،بەك ئويناۋاتامدۇ،دەرستە چېكىنىپ كەتتى. دېگەندەك گەپلەر.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى دەرس تولۇقلىشى ئىنتايىن ئادەتتىكى ئەھۋال.ئۇلارنىڭ تەتىل ۋاقتى ئاران ئىككى ھەپتە.بەزى مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلار بۇ ئارام ئېلىش ۋاقتىنىمۇ قولدىن بەرمەي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئالغان پەنلىرىنى تەكرارلاپ كۇرسلارغا ئەۋەتىدۇ.يەنە بەزىلەر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ دەرس تولۇقلايدۇ.ئۇلار مەكتەپكە ئەتىگەن سائەت ئالتىدىلا كېلىپ قەدىمكى خەنزۇتىلىدىكى ئەسەرنى ئوقۇيدۇ،ھېساب ئىشلەيدۇ.كەچتە سائەت ئون بىلەن تەكرارلاش يادلاشتىن بىكار بولىدۇ.لېكىن بەزىلەر ھەتتا كەچ سائەت ئونبىر ئون ئىككىلەرگىچە دەرس تەكرارلايدۇ.
ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى سىنىپ،نۇقتىلىق سىنىپ دەپ ئايرىيدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئىمتىھان رىقابىتىدە يېڭىپ چىققانلىرى مەغرۇرلانغان ھالدا نۇقتىلىق سىنىپقا كىرىدۇ.يېڭىلغانلىرى ئادەتتىكى سىنىپقا كىرىدۇ.ھەربىر قېتىملىق ئىمتىھاندا ناۋادا نۇقتىلىق سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىسىدىن تۆۋەن نۇمۇر ئالسا شاللىۋېتىلىدۇ،يەنى ئادەتتىكى سىنىپقا ھەيدەپ چۈشۈرۈلىدۇ.چوڭ يىغىنلار ئېچىلىپ ئىمتىھاندا يېڭىپ چىققان غالىبلار تەقدىرلىنىدۇ،سىنىپ مەسئۇللىرى بىزنىڭ سىنىپ يەنە بىر سىنىپتىن تۆۋەن نۇمۇر ئالدى ،دەپ زارلىنىدۇ.تۆۋەن نۇمۇر ئالغانلارنى سەن سىنىپىمىزنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتىڭ،دەپ ئەيىبلەيدۇ.
ئەگەر بالىلىرى دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرسە سەن نېمانداق ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى كۆرىسەن ،دەپ ئەيىبلەيدۇ.رەسىم سىزىش ياكى ھۆسىنخەتتە ياكى باشقا تەرەپلەردە تالانتى بولسا :ئىمتىھان نەتىجەڭگە تەسىر يەتكۈزمە !! دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
كىتابخانىلاردا ئىمتىھان بېرىش تاكتىكىسى،ماتېماتىكا تەكرارلاش ماتېرىيالى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى گۆھىرى دېگەندەك ماتېرىياللاردا ئىمتىھاندا قانداق نۇمۇر ئېلىش توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ.يەنە كەينىدە مۇشۇ كىتابنى ئۆگىنىپ يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلار دەپ بىر مۇنچە كۆزەينەك تاقىۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ.بۇنداق ئىمتىھان تەييارلىقى ماتېرىياللىرى ناھايىتى كۆپ.ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇنلىغان مەشىق سوئاللىرىنى ئىشلەيدۇ.ئۇلار بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىشلەيدىغان سوئال-مەشىقلىرىلا دۆۋىلىسە بىر يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە كېلەرمىكىن.
ئىمتىھان سوئاللىرىدا خاتا ئىشلەپ قالغان يەرلەر بولۇپ قالسا شۇ ئىمتىھان قەغىزىنى توغرا جاۋابلىرى بىلەن پۈتۈن كۆچۈرگۈزىدۇ. ئۆلچەملىك جاۋابتىن باشقىسىغا نۇمۇر بېرىلمەيدۇ.
ھۆرمەتلىك تورداشلار ،بىز ئەتراپىمىزنى تەكشۈرۈپ باقايلى،ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئاتا-ئانىلاردا يۇقارقىدەك تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى ئېغىرمۇ؟بىزنىڭ ئاشۇ بالىلىرىمىز ئىمتىھان مائارىپى بويىچە يۇقارقىدەك تەربىيىلەنسە قانداق بولۇپ كېتەر؟ساپا مائارىپىنى ھەقىقىي ئېلىپ بېرىۋاتامدۇق-يوق؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ئېغىرمۇ؟ئۇلار مەكتەپتىن زادى خۇشاللىق ھېس قىلالامدۇ؟بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بىر مۇستەقىل ئىنساننىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىۋاتامدۇق يوق؟ مېنىڭ كۆرگەنلىرىم ھەقىقەت،توقۇلما ئەمەس.ئىشەنمىسەڭلار خەنزۇچە كىتابخانىلاردا تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلۈكىنى بايقايسىلەر.ئەگەر سىلەرنى ئىمتىھان مائارىپى توغرۇلۇق ئويغا سالالىسام ئۇنداقتا مەن كۈتكەن ئىش بولاتتى. كەچۈرىسىلەر،سىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويغاندىمەن.بولدى بەس. ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۆزەينەك تاقايدۇ،بۇ ئۇلارنىڭ تىرىشىپ دەرس ئۆگەنگەنلىكىنىڭ شاھىدى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hatem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-1 02:59 PM