مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: hatem

مەن ئىچكىرىدە كۆرگەن مائارىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 07:04:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئۇگۇنۈپ  ھەممىسى  تۆت كۆز ئاينا .نۇرمال ئۈگەنگەنگە يەتمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 07:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىمۇ بالدۇر ئوقۇش پۈتتۈرۋاپتىكەنمە،ھازىر ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك ئەھۋالدا ، مىنىڭ جىيەنىم ئەمدى مەكتەپكە كىردى ، تەييارلىق سىنىپتىن باشلاپ خەنچە ئۆگىنىشنى باشلاپتۇ.....

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2581
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21741
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 10004 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 07:36:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلايدىغىنى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ياخشىراق خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئېگە بولسىكەن دەيدۇ.

يازمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەركىزى ئىدىيە زادى نېمە؟

ئاپتورنىڭ قارىشىچە نوقۇل ئىمتىھان مائارىپى شەكلىنى قوللانماي، بالىلارنىڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرۇلسا دېمەكچى ئىكەن.
بىراق، بىز پەقەت چەتئەل مائارىپى بىلەن دۆلىتىمىز مائارىپىدىكى پەرقنى، مائارىپىمىزدىكى ئاجىز نوقتىلاربىلەن چەتئەل مائارىپىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى سېلىشتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ نېمىشقا ئىككى دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى، نوپۇس سانى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالىنى قىلچىمۇ نەزەرگە ئالمايمىز.

دۆلىتىمىز نوپۇسى ھازىر دۇنيا بويىنچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى(بۇ ھەقتە ئالدىنقى ئايدا رادىئودا خەۋەر بېرىلدى). نوپۇس شۇنچىلىك كۆپ دۆلەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشمۇ ئىنتايىن قىيىن. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى رىقابەتمۇ شۇنچىلىك كەسكىن.

ئىچكىرىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللىشىغا  ئېرىشىدۇ. بالىلارنىڭ ئويلايدىغىنى بولسا بالىلىقىغا قېنىپ، راسا ئوينىۋېلىش، ئۆز قىزىقىشى بويىچە تەربىيىلىنىپ، ئۆزى قىزىققان كەسىپ بويىچە نەتىجە قازىنىش. بىراق رىئاللىق، رىقابەت ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇسىغا باقمايدۇ.

ئەمدى دىيارىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: نۇرغۇن يېزىلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلار خۇددى كاتتا بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندەك ‹‹بۇ يىل مەكتەپ پۈتتۈردۈم›› دەپ كېرىلىپ يۈرۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسمىنىمۇ تۈزۈك يېزىشنى بىلىشمەيدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن سىتودنىتلىرىمىزدىن ئۆز كەسپى بويىچە بىرەر پارچە ماقالە يېزىشنى، ئۆز كەسپى بويىچە بىرەر تەجرىبە ئىشلەپ بېقىشنى ئېيتساق كۆپىنچىسى تىرنىقىنى تاتىلاپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. ناۋادا ئۇلاردىن ئۈرمچىدىكى كاتتا رېستۇران، ياكى قاۋاقلارنىڭ ئىسمىنى سورىسىڭىز بولدى دېگىنىڭىزگە ئۇنىماي ساناپ بېرىپ قۇلىقىڭىزنى پاڭ قىلىۋەتمىسە ھېساب ئەمەس.

بۇ يىل 3- ئايدىن 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدىكى ئۈيۈمدە تۇرۇپ قالدىم. ئۆيىمىزنىڭ كەينىدە چىملىق بار ئىدى. كۈندە ئەتىگىنى سائەت 5:00 بۇلا-بولمايلا دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتەتتىم. دەسلەپ ئۇلاردىن رەنجىگۈدەكمۇ بولدۇم. كېيىن شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر نەچچىسى بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە ھازىرقى رىقابەت دەۋرى ئۈچۈن مۇشۇنداق سەھەر تۇرۇپ ئۈگىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ سەھەر تۇرۇپ ئۈگىنىش قىلغانلارنى ‹‹ساراڭ›› دەپ مەسخىرە قىلىدىكەن. ئېيتىڭە، بۇ يەردىكى ساراڭ زادى كىم؟ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆز كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار ساراڭمۇ ياكى ئاۋۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەييار پۇلىنى خەجلەپ، ‹‹ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇڭمۇ دېسە، ھە، ئوقۇدۇم.›› دەپلا 5-6 يىل ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ساراڭمۇ؟

نۇرغۇنلىغان دوكتۇرلىرىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، سىز بايان قىلغان تەربىيلەش ئۇسۇلىدىنمۇ ئېغىر بولغان تەربىيلەشكە دۈچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلايسىز.

خۇلاسە: ‹‹ئۇستازى زالىم بولسا شاگىرتى ئالىم بولۇر››.
ئىچكىرىدىكى مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيلەش ئۇسۇلى ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس. بىزنىڭ تۈزۈلمىمىزمۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىمىزمۇ، ئىجتىمايى پاراۋانلىق تۈزۈمىمىزمۇ چەتئەلنىڭكى بىلەن قىلچە ئوخشىمايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە نان قېپىلاردىن بولۇپ قالماي، بىر كىشىلىك خىزمەتكە، بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېگە بولۇشى ئۈچۈن كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيلىشىمىز كېرەك.     
  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
BUEREZAT + 10 توغرا پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 08:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپا مائارىپىنى  يۇلغا قۇيدى دەپ تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا پارتىلارنى ئىككىدىن - ئۆچتىن جۈپلەپ بىزنى ئەركىن- ئازادە دەرس ئاڭلاڭلار دىگەن ئەمما ئۈنۈمى بەكلا ناچار بۇلدى .يەنىلا كۇچانىڭ سۇپۇنى ياخشى بۇلدى.ئەمدى بۇ مائارىپ تۇغرىسىدا ھەممىمىز يىڭى  ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بۇلغان ، بىزنىڭ باللار تەبىئىي قۇبۇل قىلدىغان بىر سىستىمىنى شەكەللەندۈرسەك بۇلاتتى.خەنزۇچىدا ئۇقۇغان بالىلار بىلەن مىللىي سىنىپتا ئۇقۇغان بالىلارنىڭ سەۋىيە پەرقى بەك چۇڭ.نىمىشقا بىزنىڭ مىللي دەرىسلىكىمىز  رەڭدارلىققا ، مۇللۇققا، ئۈزگىچىلىككە ئىگە بۇلالمايدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1688 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 08:50:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈنكى بۇ جۇڭگۈ مائارىپى دە!!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8919
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2169 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 09:07:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hokumran يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 07:36 PM
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلايدىغىنى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە يا ...

ئەگىشتىم  .
بۇ  تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر  ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تەھلىل قىلىنىپ كەلدى  . بۇ ئىشلار يە مائارىپ مىنىستىرىنىڭ يە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە شۇنداق بولۇۋاتقىنى يوق .   دۆلەت ئەھۋالى ، ئومۇمى خەلق ئىدىيە ئاساسى ،  ئەنئەنىۋىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئادىتى  قاتارلىقلار ئاسانلىقچە ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەردىن ئەمەس  .  ھازىرقى شارائىتتا  غەرپ ئەللىرىنىڭ مائارىپ ئەندىزىلىرى بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەنقىدلەەش  بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ  . يىڭىچە مائارىپ تۈزۈلمىسى بارلىققا كىلىشى ئۈچۈن خىلى ۋاقىت كىتىدۇ  .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 09:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈگىنىش ،ئۈگىنىش ،يەنە ئۈگىنىش دىگەن لىنىن ئەپەندى.
توغرا ئۈگىنىش كىرەك،  يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە چىققۇچە ئەڭ ياخشى ئۇقۇغۇچىلار مەزكۇر رايۇندىكى ئەڭ ياخشى باشلانغۇچ مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندۇ،باشلانغۇچتىن تۇلۇقسىز ئوتتۇرغا چىقىدىغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئۇقۇغۇچىلار ‹شىنجاڭ سىنىپى›غا تاللىنىدۇ،تۇلۇقسىزدىن تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋاقىتتىمۇ يەنە شۇ تاللاش ،ئۇنداقتا بۇ تاللاشلاردىن چۈشۈپ قالغان ئۇقۇغۇچىلار دۆتمۇ؟! ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارمۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا  يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئىچكىرىدىكى ۋە رايۇنمىزدىكى داڭلىق ئونۋىرستىتلارنىڭ چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلىدۇ. كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى مەسلە ھەرگىزمۇ ئۇقۇغۇچىلاردا ئەمەس ،بەلكى تەبىئى شارئىتتا....


ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79735
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 09:59:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىېنىڭ تۇرپاندىكى5-ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ بىز توققۇزىنىچى يىللىققا چىققان ۋاقىتتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللانغان. ھازىر قانداقكىن ئۇقمۇدۇم؟

ئى رەببىم!ماڭا كۆڭۈل-خاھىشىمنىڭ تومشۇقىغا سېلىنغان يۇگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل-ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۇرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 11:07:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مەن يەنىلا ئەسلىدىكى 3،يىللىقتىن باشلاپ خەنزۇچە ئۆتىدىغان مائارىپنى قوللايمەن، مەن باشتىن ئاخىرى شۇ مائارىپ تەربىيسىنى قوبۇل قىلىپ تولۇق ئوتتۇردىن ئىچكىرگە ئۆتكەن،شۇ ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇدۇق ،ئاندىن خەنزۇلا بىلەن ئوقۇيمىز،تىل جەھەتتە ئازراق قىينالساقمۇ ،ئىچىكىر تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان ،خەنزۇچە ئوقۇغان ،قوشتىل ئوقۇغان ...باللاردىن بىر تىلدا چانىدىكەنمىز يۇ ،لىكىن ئازراقلا تىرىشساق ھاجىتىمىزدىن چىقالايمىز،بولمىسا  ئۇلاردىن كەم قالغۇدەك يىرىمىز يوق ،،،لىكىن ئۇلارنىڭ يوقاتقىنى بىز گە قارىغاندا كۆپىرەك بولىدىكەن،..شەخسى قارىشىم

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 11:21:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuy@x يوللىغان ۋاقتى  2013-12-1 11:07 PM
ئىشقىلىپ مەن يەنىلا ئەسلىدىكى 3،يىللىقتىن باشلاپ خەنز ...

گەپ تىرشچانلىقتا،توغرا ئىچىكىرى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇغان باللار نۇرغۇن نەرسىلەدىن قۇرۇق قالدىكەنمىز،لىكىن كۆزىمزمۇ بالدۇر ئېچىلدىكەن،ئاتا ئانا تەربىەسىدىن بەكلا بۇرۇن مەھرۇم قالدىكەنمىز،ياشىلىقمىز يات يەردە كىتاپ دۆۋېىسى ۋە قۇتۇر ئىمتاھان ۋاراقلىرى ئارسىدامەھبۇستەك ئۈتىدكەنمىز،ساۋاقداشلىرمزدىن باشقا تۈزۈكرەك دوستىلىرمىز بولمايدىكەن،ئالاھىدىلكىرمىز،قىزىقىشلىرمىز يۇقاپ كىتاپ خالتىسغا ئايلىنپ قالغىلى قىل قالدىكەنمىز،باشلانغۇچنى پۈتتۈرۇپلا يات يەردە ئۇقۇيدىغانلار تېخىمۇ بىچەركەن،شۇڭا خۇدايىم بۇيىرسا كىيىنچە مەن بالامنى ھەرگىزمۇ كىچىكلا باشقا يەرگە ئەۋەتۋەتمەيمەن...

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش