بەزىدە تۇرۇپ_تۇرۇپ مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىغا كىرىمەندە يېزىلغان ئەسەرلەر ياكى
تېمىلاردىن بەكرەك قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ تارتىپ كېتىدۇ ....
بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولۇپ سۆيۈنۈپ كەتسەم
بەزى شۇنداق بىر ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئەقلىم لال بولۇپ ، ھەيران قالىمەنكى ............................... ئۆز _ ئۆزۈمگە ( ئەگەرخىمىيىۋىلىك
دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئادەملەرگىمۇ ئىشلەتسە ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرگىلى
بولغان بولسا مۇشۇ مۇنبەردىكى بەزىبىر داڭقان _ پۇتى ئىنكاس يازىدىغانلارغا
مەجبۇر ئىچكۈزۋەتسەم........ ) دەپ كېتىمەن . ئۈنۈمىنى كۆرۈپ ئوڭشىلىپ
قالسا ئەجەپ ئەمەس . بۇنداق دېسەم مېنى باشقىچە
چۈشۈنۈپ قالماڭلار قېرىنداشلار ، راستىنلا تېرىكىپ قالدىم ئازىراق ..چۈنكى
مەنمۇ ئۇيغۇر ئەۋلادى ، مىللەتنىڭ ئوغلى . !!! بىرەر قېرىندىشىمىز بىرەر
قېرىندىشىمىزنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە ( يۈزۈم چۈشۈپكەتتى ) دەپ
ئويلامدىكى تاڭ قۇبۇل قىلماي خاپا بولىۋاتقان ،يەنە بەزىلەر قەتئىلام خاتالا ،
ئىقلىمدا يوقلا گەپلەرنى ئىنكاسلارنى يېزىپ قويىۋاتقان ،يا قەستەنگە شۇنداق
يېزىپ قويىۋاتامدۇ ياراستىنلا چوڭ مېڭىسىدە قېيىنچىلىق بارمۇ ؟ يا قان بېسىم
بارمۇ ؟ يا بولمىسا كىچىك ۋاقتىدا قاتتىق يىقىلىپ چۈشكەنمۇ ، ئىنىكئانىسى
ئادەم يوق يەرگە ئاپىرىپ تامغا قاتتىق ئۈستۈۋەتكەنمۇ ؟...ئىشقىلىقپ بەزىدە
ئادەمنىڭ كۆڭلى بىرخىل ، بىر قىسمالام بولۇپ قالىدىكەن قېرىنداشلىرىم .....
سىرىتلاردا ، جەمىئەتتە ، ئەتراپىمىزدىكى تونۇش _ پونۇش ، كۆزىمىز بىلەن
كۆرۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن
كۆڭۈلسىزلىكلەر ،ئۆز _ ئارا گەپ تالىشىشلار بولۇپ قالسا ئۇنى ئامالسىزلىقتىن
توغرا چۈشەنسەك بوپتۇ ، بىراق توۋا دەيمەن ..مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادىمۇ ،ھەتتا
ئۆز _ئارا بىر _ بىرىمىزنى كۆرۈشۈپ باقمىغان ،تونىمايدىغان پەقەتلا توردىكى
ئىسىم ئارقىلىقلا ئۆز _ئارا ئالاقە قىلىشىدىغان يەردىمۇ پېتىشمايدىكەنمىز......
بىر _ بىرىمىزنى گەپلەر بىلەن چېقىشىۋاتقان ، بەزىلىرىمىز گەپدانلىق قىلدىم
دەپ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ ، بەزىلەر نەدىكى مەنىسىز ،
ئورۇنسىز گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەن ، ھەقنى يەتكۈزەي دەپ ياخشى كۆڭلى
بىلەن يەتكۈزسە قوبۇل قىلغانلاردىن بەكرەك گەپ_سۆز قىلىدىغانلار جىقكەن ،
ھەممىسى ئىسلام ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرغانلاردەك تەرەپ
_ تەرەپتىن ئۆز _ئارا توغرا _ خاتانى ئايرىشىپ ، پەتىۋا بېرىشىپ، ئاپپاق خوجا
دەۋرىدىكى ‹‹ئاق تاغلىقلار››،‹‹قار تاغلىقلار›› بولۇشۇپ قىل قالىدىكەنمىز
بىر ئىشلارنى چىقىرۋەتكىلى ..................... بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،
( بىزنىڭ مىللەتكە قايسى بىر بەدبەخت قارغاپ بەددۇئا قىلىۋەتكەن
بولغىيمىدى؟) دەپ ، يېلىمۇ شۇنچە يىللار ، ئەسىرلەر ئۆتۈپ كەتتى.. بۇ
بىزدىكى بارچە ناچار ئىللەتلەر ئوڭشىلىپ تۈزۈلۈشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ ، بىراق
شۇنچە ئەسىرنىڭ ياقى شۇپېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقاندەك ،خۇددى بىزنىڭ مىللى
ئۆرپ _ ئادىتىمىزدە باردەك ، بىز قەتئىي ئۆزگەرتسەك بولمايدىغاندەك ،خۇددى
بىزگە شۇنچە ئەسىرلەرنىڭ ياقى خوشاللىق ، بەرىكەت ۋە بەخىت ئېلىپ
كېلىۋاتقاندەك...................................... نېمىشقا ؟ نېمىشقا ؟ زادى
نېمىشقا ئەزىز قېرىنداشلىرىم ؟؟؟؟ ئەزىز ئاكا _ ھەدە ، ئىنى _ سىڭىللىرىم ؟؟؟
ئەزىز ئۇيغۇرلىرىم زادى نېمىشقا بۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىكى خۇددى ئاشۇ
قورقۇنۇچلۇق ئەيدىز كېسىلىدەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولغان ۋە شۇنچە
ئەسىرلەرنىڭ مابەينىدە بىزلەرنىڭ قەلبىمىزدە ئۇنىڭدىنمۇ تېز تارقىلىپ تاكى
بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلىۋاتقان ۋە يەنە داۋاملىشىپ مېڭىۋاتقان روھىمىزغا
سىڭىۋالغان ،تارىخلاردىن بۇيان بىزلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان ، ‹‹ ئۇيغۇر
مىللىتى ›› نى ‹‹ ئۇرغۇي مىللىتى ›› قېلىۋېتىپ بارغان ناچار ئىللىتىمىزنى
يەنى بىزلەردىكى ئاتالمىش ‹‹ كۆرەلمەسلىك ›› ، ‹‹ ھەسەتخورلۇق ››ۋە
ھەممىدىن يامان بولغان ‹‹ ئىتتىپاقسىزلىق ››نى نېمىشقا لۇغەتلىرىمىزدىن
ئۆچۈرۈپ تاشلىيالمايمىز ، ئۆزگەرتەلمەيمىز ؟؟!!!! ئەجىبا بىز يەنە قاچانغىچە
مۇشۇنداق ياشاۋېرىمىز ئەزىزلەر ؟؟!! قاچانغىچە ئەجدادلىرىمىزدىن
،تارىخلىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ ئۆزىمىز مۇشۇنداق پېتىشماي يۈرىۋېرىمىز
قېرىنداشلار ؟؟!!! توغرا بىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پەخىرلەنگۈدەك دۇنياۋى
ئالىملىرىمىز ،قەھرىمان يىگىت _ قىزلىرىمىز ، ئەجدادلىرىمىز بار ، بىز ئەلۋەتتە
مەيدىلىرىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ ، ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ
ئەۋلادلىرى دەپ يۈرەلەيمىز ۋە شۇنداق ھەققىمىز بار ،بىراق نۇرغۇن
تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ نۇرغۇن جەڭلەردە پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنى ھەيرەتلەردە
قالدۇرۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ ھايات _ ماماتى ۋە ئىسسىق قان _ تەر بەدىلىگە قولغا
كەلتۈرگەن ۋە تىكلىگەن ئاشۇ بۈيۈك نام ۋە سەلتەنەتلەرنى بىزلەرگە شۇنچە
چىرايلىق بولغان ، بارلىق تۈرك مىللەتلىرىنڭ ئارىسىدا باتۇر ،چېچەن خۇددى
بۆرىلەردەك ئۇيۇشقاق مىللەت دەپ تەرىپلىنىپ شۇنچىلىك گۈزەل ۋە كاتتا ‹‹
ئۇيغۇر ››دېگەن نامىنى بىزلەرگە زور ئۈمۈدلەر ۋە ئىشەنچ بىلەن قالدۇرۇپ
كەتكەن ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز خۇددى بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك ئۇلارمۇ
ئۆزلىرىدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن يەنى بىزلەردىن پەخىرلىنىۋاتقانمىدۇ ؟؟ ياكى
بىزلەرگە قاراپ غەزەپ قىلىۋاتقانمىدۇ ؟؟ بىز ئۇلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ
قولغا كەلتۈرگەن سەلتەنەت ۋە ناملىرىمنى ئۆز قولىمىز بىلەن نابۇت قېلىۋەتتۇق
يەنى بىزگە كەلگەندە ساقلاپ قالالمىدۇق ، نۇرغۇن خاتالىقلارغا يول قويدۇق ۋە
سادىر قىلدۇق بىراق خاتالىقلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىدۇق تاكى
ھازىرغىچە ..... ئويلاشقان بولساقمۇ بىردەمچىلىكلا ئويلىشىپ قويدۇق يەنى
قورساق ئاچقاندا ھەممىنى ئۇنۇتتۇق !!!!! ئۇ ئىشلارنى ئويلاپ خاتالىقلىرىمىزنى
تەپەككۇر قىلىپ ،زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان كېشىلىرىمىز ئارىمىزدا بەكلا
ئاز، ھەتتا ئاشۇنداق كېشىلىرىمىزمۇ ھازىر نەسلى قۇرۇپ كېتىش گېردابىغا بېرىپ
قالدى دېسەكمۇ ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ دەپ قارايمەن..........بەلكىم
ھەركىملەرنىڭ _ ھەر تۈرلۈك باھانە _سەۋەبلىرى ھەتتا بەزىلەرنىڭ مېنىڭ بۇ
گېپىمگە مەن ئۈچۈن تەييارلاپ ھەرخىل ‹‹ يادرولۇق ، ئىسپىرتلىق ، زەھەرلىك
، ئوغۇتلۇق گەپ _سۆز بومبىلىرى ۋە پىچاق _ قىڭغىراقلىرى ››تەييار بولىشى
مۇمكىن............... مەيلى ،پەرۋايىم پەلەك ` مەن سۆزۈمنىڭ بېشىدىلا
ئېيتقان، ‹‹ مەن ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتى ،خەلىقنىڭ ئوغلى ›› دەپ ...شۇڭا ئۆز
قېرىنداشلىرىمغا توغرىسىنى كۆرسۈتۈش ، خاتاسىنى بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىم بار
ئەلۋەتتە ، مەيلى قۇبۇل قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ............ بىراق ئەمدى
مىللىتىمنىڭ قۇبۇل قىلغۇسى كەلمىسىمۇ چوقۇم قۇبۇل قىلىدىغان ۋاقتى كېلىپ
قالدى ...چۈنكى بىزمۇ ھازىر نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا قاراپ بىر تېگى
يوق ھاڭغا قاراپ كېتىپ بارىمىز ،بۇنى سەزمەيۋاتىمىز ،سەزسەكمۇ
ئۇخلاۋاتىمىز ...شۇ ئۇخلىغان پېتى بىرىمىزنىڭ كەينىدىن بىرىمىز باشچىلاپ ،
موللاقچىلاپ ، يانتۇچىلاپ ھەتتا كەينى ۋە ئالدى موللاقچىلىلاپمۇ چۈشۈپ كېتىمىز
ۋە كېتىۋېرىمىز ، تېخمۇ قورقۇنۇچلۇق ۋە ھەيران قالارلىقى بىزلەر شۇنداق قاتتىق
ئۇخلاپ قالغانمىزكى ھەتتا شۇ ھاڭدا موللاقچىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاچمۇ
ئۇخلاۋېرىمىز......... ئەي ئەزىز قېرىنداشلرىم !!!!!!!!!!!!! ئەمدى ئويغىنايلى ،
ئورنىمىزدىن دەرھال چاچراپ ئويغىنالمىساقمۇ ئۇلۇغ اللە رازى بولۇپ كەتسۇن
بىزلەردىن ئالدىرماي ئويغۇنۇپ ،ئېغىر _ ئېغىر ئەسنىۋېتىپ ،غۇلاچلىرىنى قاتتىق
_ قاتتىق كېرىۋېتىپ ئويغانغان ئادەمدەك بولسىمۇ ئويغىنايلى ، كۆزىمىزنى
ئېچىپ ئوڭ _ سول تەرەپلىرىمىزگە قاراپ باقايلى ، بىز نەدىكەنمىز ؟؟ نەدە ؟
قاچان ئۇخلىغانتۇق ؟؟ ئۇخلىغان ۋاقتىمىزدا يېنىمىزدا كىملەر بارتى ؟؟ ئۇخلاپ
قوپساق قايسى ۋاقىت بوپتۇ ؟ يېنىمىزدا كىملەر تۇرىدۇ ؟؟ كاللىمىزنى قاتتىق
سېلكىۋېتىپ مۇزدەك سۇدا يۈزىمىزنى يۇيۋېتىپ بولسا مۇزدەك سۇدا بىراقلا
يۇيىنىۋېتىپ چىقىپ ئاندىن باشقىلارنى ئويغىتايلى قېرىنداشلىرىم ...
ئۇخلاۋەرمەيلى .... ئۈلگۈرىمىز اللە خالىسا ھازىرمۇ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋېلىشقا ،
مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۋېلىشقا ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى ئويغىتىۋېتىشقا
ئۈلگىرىمىز ...چۈنكى تېخى قىيامەت بولغىنى يوق دېمەك اللە خالىسا ئۈلگۈرىمىز،
بىزلەر پەخىرلىنىدىغان ئاشۇ ئەجدادلىرىمىز بىزلەرگە بەلكىم غەزەپلىك ۋە ئاچچىق
ئەلەملىك كۆزلىرى بىلەن ياكى ئۈمۈدسىزلەنگەن ئۈمۈدسىز پۇشايمانلىق كۆزلىرى
بىلەن ئەمەس بەلكى يەنەشۇنداق گۈزەل ئارزۇ _ ئارمانلىق ۋە ئۈمۈدلۈك كۆزلىرى
بىلەن قاراۋاتقان بولىشى مۇمكىن ..چۈنكى اللە خالىسا ئۇلار ئىشىنىدۇ يەنى
بىزلەرگە ، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ، شۇ ئەۋلادلىرىنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان
قانلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە بىزمۇ
ئىشىنىمىز ..ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بىز چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزگە
ئىشىنىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ ھەممىدىن بەكرەك نېمىگە ھەممىدىن بەكرەك مۇھتاج
ئىكەنلىكىمىزنى ۋە شۇنداقلا زادى نېمە بىزنى مۇشۇنداق غەپلەتكە ۋە مۇشۇنداق
ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بېلىۋېلشىمىز لازىم ............ ئەزىزلەر شۇنى
ھەرگىز ئۇنۇتمايلى بىزلەرنى ‹‹ ئىتتىپاقسىزلىق ›› مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ
قويدى.....ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان ۋە ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىز ‹‹
ئېتقادىمىز ›› نى ئەڭ توغرا ھالەتكە ئېلىپ كېلىشىمىز لازىم...... چۈنكى ‹‹
ئېتقاد مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ،ئېتقاد چېچىلىپ كەتكەن مىللەتنى بىر يەرگە
جەم قىلىپ قايتىدىن يېغالايدۇ ، بىراق ئېتقادى بۇزۇلغان ۋە ئېتقادى بولمىغان
بىر مىللەت ھەرگىزمۇ تۈزىلەلمەيدۇ ......›› . ..............
ئەگەر گەپ _ سۆزلىرىم كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان يەرلىرى بولسا كەچۈرۈڭلار
قېرىنداشلار ، ئۇلۇغ اللەدىن ھەر _ بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئوچۇق بولغان
ئىدىيە ۋە ياخشى _ ساغلام بولغان روھى _ كەيپىيات ۋە شۇنداقلا مۇستەھكەم ۋە
توغرابولغان ئىمان _ ئېتقاد، سەۋىر _ تاقەت تېلەيمەن ۋە كاتتا ئىلىملەرنىڭ
بارلىق ئەزىز ئۇيغۇرۇمغا ، مىللىتىمگە خەيرىلىكلەرنى ،ياخشىلىقلارنى ئېلىپ
كېلىشىنى ۋە ئۆزىمىز توغۇرلۇق ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ھەق بولغان توغرا ھۆكۈم
چىقىرالىشىمىزنى ئىسمىمىزمۇ ،جىسمىمىزمۇ ‹‹ ئۇيغۇر ›› دېگەن نامغا لايىق
كەلگۈدەك ،ئۆتمۈشلەردىكىدەك ،تارىخلاردىكىدەك ،خۇددى تارىخلاردىكى
ئىتتىپاق ،ئۆم ۋە ئۇيۇشقاق‹‹ ئۇيغۇر››لار قايتىپ كەلگەندەك ھەممەنى
ھەيرەتتە قويغۇدەك ‹‹ ئۇيغۇر ››لاردىن بولۇپ ياشايلى تېخىمۇ توغرىسى
تارىخلاردىكى ھەقىقي باتۇر ،چېچەن ‹‹ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ››دەك بولۇپ
ياشايلى ئەزىز قېرىنداشلىرىم ............. خۇددى بىزلەر ئەجدادلىرىمىزدىن
پەخىرلىنىپ ياشىغىنىمىزدەك اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ يەنى
بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىزمۇ بىزلەرنى تىللىرىغا ئېلىشىپ ، بىزلەردىن
،ئەجدادلىرىدىن پەخىرلىنىپ ياشىسۇن ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ پەخىرلىنىپ ياشاش
ھوقوقى بار ئەلۋەتتە ..خۇددى بىزلەرگە ئوخشاش `!!!!!!!!!!! ئۇلۇغ اللە
ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلىۋەتسۇن !!!!!! ئۇيۇشايلى قېرىنداشلار`!!!!!!
اللە خالىسا 2014_يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ‹‹ ئۇيۇشۇش ۋە
ئىتتىپاقلىشىش ›› مودا بولۇپ كەتسۇن ...ئامىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!