داۋامى:
كەچقۇرۇن، ئۆگىنىش قىلىپ چارچىغاندا بىر كىم بوينۇمنى باغلاپ تارتقاندەك ھالدا مېڭىپ مېھرىئاي ئوقۇيدىغان مەكتەپكە كەلدىم. تېخى قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، دەرەخزارلىق ئارىسىدا ھېلىقى چاغدىكىدەك ھاياسىز پىچىرلىشىپ، يالىشىپ يۈرگەنلەردىن بىر نەچچىسى يەنە كۆزۈمگە چېلىقتى. رەت-رەت بىنالارنى، دەرسخانىلارنى ئارىلاپ ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ سىنىپىنى خېلى تەستە تاپتىم. ئىككىنچى قەۋەتنىڭ بۇلۇڭىدىكى دەرسخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىككى قىز، بىر ئوغۇل ئاللىنىمىلەرنى دېيىشىپ، تۇرۇپ-تۇرۇپلا يېقىمسىز چىقىراپ كۈلۈشۈپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭ ئۇدۇللا كىرىپ كەتكىنىمگىمۇ ئانچە دىققەت قىلىشمىدى. دەرسخانىدىمۇ بىر قانچەيلەنلا ئولتۇرۇپتۇ. پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقان مېھرىئاي يېنىغا بېرىپ ئىسمىنى چاقىرغىنىمدىلا چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مېنى كۆرۈپلا كىچىك بالىدەك خۇش بولۇپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي كەتتى. خېلى قىزغىن ئەھۋاللاشتىم ۋە ئامانىتىنى قولىغا بېرىپ يېنىپ ماڭدىم. ئۇ مېنى ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدى. سىنىپتىن چىقىشىمىزغىلا، تېخىچە مەززىسىز كۈلكە-پاراڭ بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىشىپ تۇرۇشقان ھېلىقى ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئارىسىدىكى كالتە يەڭلىك چاقماق كۆينەك كىيۋالغان، ئالا-پاساق بويىۋالغان چېچىنى كىنولاردىكى ياپۇن ئىشپىيۇنلىرىدەك قاق چوققىسىدىن يارما ئايرىپ كۆزىگە چۈشۈرۈپ تارىۋالغان ئوغۇل بالا يېنىدىكى قىزلارغا بىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دېۋىدى، ئوقۇغۇچى تۇرۇپمۇ چاكىنا كىيىملەرنى كىيىشىۋالغان، يالىڭاچ دېگۈدەك يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ھەرەڭ-سەرەڭ چاچلىرى، ئالا-بولماچ قىلۋالغان قېنىق گىرىملىرى ئادەمگە چۆچەكلەردىكى ئالۋاستىلارنىلا ئەسلىتىدىغان (شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن باشقىسى كۆز ئالدىمغا كەلمىدى) ئىككى قىزمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ «ۋەيىت!...» قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى. ئېنىقكى، بۇ چىرقىراق كۈلكىلەر ياكى مېنى، ياكى مېھرىئاينى، ۋەياكى ھەر ئىككىلىمىزنى مەسخىرە قىلغانلىق ئىدى. غۇژژىدە ئاچچىقىم كېلىپ كەينىمگە بۇرۇلۇشۇمغا، مېھرىئاي ئىتتىكلا قولىنى بېلىكىمدىن ئۆتكۈزۈپ مېنى تارتىپ مېڭىپ كەتتى.
- نېمە جاغىل ئۆچكىدەك مەرىشىدۇ ما نېمىلەر، ئۆزىچە مەسخىرە قىلىشىپ...،- مېھرىئاينىڭ قولىنى سىلكىۋىتىپ ھومايدىم ئۇنىڭغا. بىراق ئۇ ھېچنىمە بولمىغاندەك قولىنى يەنە بىلىكىمدىن ئۆتكۈزۋالدى. مېڭىۋېتىپ غۇدۇرۇدۇم:
- ساپلا مۇشۇنداق بىر نېمىلەر ئوقۇيدىغان مەكتەپكەنغۇ بۇ...
- شۇنداقلارمۇ بار. بولدىلا، كارىمىز بولمىسۇن.
ئۇ كارىدوردىن ئۆتۈپ پەلەمپەيگە قەدەم قويغاندىلا قولىنى بوشاتتى ۋە تاكى مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، قىيالماسلىق نەزىرىدە قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.
(داۋامى بار...)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-30 06:31 PM