مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: رولچى

ئەرتېكىن: ئىزغىرىن شامال (پوۋېسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11147
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8136
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 11:40:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل111 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 06:52 PM
مەنمۇ مۇشۇ پوۋسىتنى دەپلا رەسمى ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىدى ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 01:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
  قايىتىپ كېلۋېتىپمۇ ئاچچىقىم ھىچ بېسىلاي دېمدى، دەرۋازىدىن كىرىپلا ئۇدۇل تېخىچە چىراق يېنىپ تۇرغان دەرسخانىمىزغا قاراپ ماڭدىم. بىر قانچەيلەن يەنىلا شۇ ئۆگىنىش بىلەن ھەلەك بولۇۋاتاتتى. مەنمۇ ئورنۇمغا بېرىپ جايلىشىپ قولۇمغا تارىخ كىتابىمنى ئالدىم. بىراق، ھىچ نەرسە زېھنىمگە چۈشمىدى. بايىلا ئۇچىرغان مەسخىرە جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك تېخىچە نېرىۋامنى چاچاتتى. ھېلىقى نېمىلەرنىڭ سەت كۈلۈشۈشلىرى قولاق تۈۋىمدىلا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئاخىر بولماي ياتاققا كىرىپ يوتقانغا چۆمكىلىپ يېتىۋالدىم. قەيەر-قەيەرلەرگىدۇر تارقاپ كېتىشكەن ياتاقداشلىرىممۇ بىر-بىرلەپ كىرىپ ھەممىسى ئۇخلىشىپمۇ بولدى. چىراقمۇ ئۆچۈرۈلدى. بىراق، مەن يەنىلا ئۇخلىيالماي تىنماي ئۇياق-بۇياققا ئۆرىلەتتىم.
  - مېجەزىڭ يوقمۇ نېمە؟- سورىدى يېنىمدىكى كارىۋاتتا ياتىدىغان پەيزۇل ئىسىملىك سېمىز ياتاقدېشىم ئۇيقۇلۇق ئاۋازدا كارىۋاتنى غىچىرلىتىپ مەن تەرەپكە ئۆرۈلۈپ.
  - ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدىغۇ تاڭ،- دەپ قويدۇم. پەيزۇلمۇ يەنە بىردەمدىلا ئۇخلاپ كەتكەن چېغى، بۇرنىدىن خارت-خۇرت ئاۋاز چىقىرىپ قويۇپ يىنىك پۇشۇلداشقا چۈشتى...
  كۆزۈمگە ئالۋاستىدەك كۆرۈنۈپ ئۆچكىدەك مەرىشىپ كۈلۈشىۋاتقان، دانىخورەك بېسىپ كەتكەن ھەررەڭ-سەررەڭ چىرايلارنىڭ ئارىسىدىن تەبئىي بۈدۈرگە مايىل دولقۇنسىمان چاچلىرى تاڭ شامىلىدىكى مەجنۇنتالدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان، جەزبىدار چېھرى ئاپتاپتەك نۇرلۇنۇپ كەتكەن مېھرىئاينىڭ سىيماسى سۇغۇرلۇپ چىقىپ كەلدى... مەن ئالدىمغا ماڭغانسىرى، ئۇمۇ ماڭا شۇنچە يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. يېقىنلىغانسىرى قولى، پۇتى... پۈتۈن بەدىنى بارا-بارا پۈتۈنلۈنۈپ مۇكەممەللىشىۋاتاتتى. ئۇ ئالدىمغا كېلىپ ئەتراپىمدا پەرۋانىدەك چۆرگىلەشكە باشلىدى... ئاخىرى توختاپ يېلىنجاپ تۇرۋاتقان كۆزلىرى كۆزلىرىمگە ئوقتەك قادالدى. شۇ زامانلا بىر نۇر دەستىسى كۆزلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ ئۇدۇللا كۆزلىرىمگە چېچىلدى. يۈرىكىم دەھشەتلىك سوقۇپ، بىھۇشلىنىپ يىقىلدىم. ئۇ بېشىمنى قۇچىقىغا ئېلىپ، يۈزىنى يېقىپ تۇرۇپ چاچلىرىمنى مېھرى بىلەن سىيلاشقا باشلىدى. ۋۇجۇدۇم ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ، شام كەبىي ئېرىۋاتاتتى... ئۇنىڭغا ئىلتىجالىق تىكىلدىم. ئۇ مېنى ئاستا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، تامغا ئېسىقلىق دۇتتارنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى. تارىلاردىن «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» نىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى ئۇخچۇپ چىقىپ، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ قاشتېشىدەك سۈزۈك بىلەكلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەپىس بارماقلىرى بىلەن ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ پېشىنى توزنىڭ قانتىدەك يېيىپ، قيا باققىنىچە بۇلۇتلار ئارىسىدا مېڭىپ يۈرگەندەك لەرزان قەدەملىرى بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتى...
  - نېمە ناخشا توۋلاپ يۈرسەنوي!؟ ئادەمنى ئۇخلاتماي...
  قايسى بىرسىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك غەزەپلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم.
                                                                               (داۋامى بار...) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 01:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 04:56:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئاز ئازدىن يوللاپ قاچانمۇ تولۇق يوللاپ بولارسىز ؟ ئاز بولسىمۇ مەيلىتى ئارقا-ئارقىدىن يوللىنىپ تۇرسا .......بەك ساقلاپ كېتىۋاتىمىز

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 07:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغاندا ئۇچۇرىنى بېرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن خاپا بولماي....................

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 05:27:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى:
  - چىك... ئا...ھاي... نىمانداق قىلدىغاندۇ ما ئاداش!؟
  - جۆيلۈۋاتقان ئوخشايدۇ.
  - ھەر قانچە بولسىمۇ...
  ياتاقداشلىرىم ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈشۈپ، غۇدۇرۇشۇپ جىمىپ قېلىشتى.
  كۆز ئالدىمدا يەنىلا مېھرىئاينىڭ ئاشۇ جازىبىلىك قىياپىتى گەۋدىلىنەتتى. يۈرىكىمدە بىر خىل ئىللىق ئېقىم مەۋج ئۇراتتى. ئاللىقانداقتۇر تاتلىق سىزىم ئىلكىدە ئۆزەمنىڭ چۈشتىن ئويغانغانلىقىمنى ياكى خىيالدىن ئويغانغانلىقىمنى بىلىپ بولالماي ئاخىر بارا-بارا يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىمنىڭ ئىختىيارىغا بېقىپ ئۇخلاپ قالدىم. كۆز قارچۇقلىرىمدا مېھرىئاينىڭ سىيماسى شۇ پېتىلا قېتىپ قالدى...
  شۇ ھەپتە ئاخىرى ئۆيگە قايىتمىدىم. پىلانىمدا كاللامنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى تۈپەيلى ئىسراپ بولۇپ كەتكەن ۋاقتىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالماقچى ئىدىم. شۇڭىلاشقا ئەمدىلا ئارامىغا چۈشكەن نېرىۋامنى سۇنىڭ شارقىراپ چۈشكەن يېقىملىق ئاۋازى بىلەن گوللىغاچ، ئىشخانا بىناسىنىڭ يېنىغىلا ئورنىتىلغان سۇ جۈمىكىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن كىتاپ كۆرۈۋاتاتتىم.
  - تارغاقمۇ، سۈزگۈچمۇ؟- تۇيۇقسىز ئىسسىققىنە، كىچىك بىر جۈپ قول ئارقامدىن سۇزۇلۇپ كېلىپ كۆزلىرىمنى ئېتىۋالدى. شۇ ھامان يۈرىكىم تەڭ دۈپۈلدەپ، قولۇمدىكى كىتاپ پالاققىدە چۈشۈپ كەتتى. كېمدۇ بۇ؟! "مېھ..." دەپ بولۇپراق توختاپ قالدىم.
  زۆھرە بولسىچۇ؟
  - تارغاق.
  ئىنىچكە بارماقلار بوش-بوش بېسىلىپ كۆزلىرىمنى يىنىك سىيپاپ ئۆتتى. قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى بىلەن تەڭ مېھرىئاي تېلىقىپ كۈلگىنىچە ئالدىمدا پەيدا بولدى.
  -شەيتان!- دېدىم مەن ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ئىشتىنىمنىڭ پۇشقاقلىرىغا يۇقۇشقان تۇپىلارنى قاققاچ.
                                                                               (داۋامى بار...) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 05:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 07:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن ، تۆت كۆزۈم بىلەن........

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-14 10:52:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا يەنە يوققۇ ئاخىرى

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 11:34:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 07:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا قاراڭ بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يازسىڭىز يازدىم دەپ ، يازمىسىڭىز يازمايمەن دەپ خەۋرىنى بەرسىڭىز بوپتىكەن ، تۇلا ئېچىپ ھېرىپ قالدىم ........ شۇنچە سەۋرچان بۇلاي دېسەممۇ بۇلالمىدىم .... كەچۈرەسىز ھە ؟!...................................

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99873
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 343
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 07:49:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يوققۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش