قېرىندشىم ئىمامنىڭ تويىغا
ئاخىرى يىتىپسەم مۇراد-مەخسەتكە،
راس توغرا دەپتىكەن كۆڭۈل ئەركىن دەپ.
كۆتۈردۈم قولۇمنى ئىگەم ئاللاھقا،
بەختىگە مىڭ بەخىت قۇشۇپ بەرگىن دەپ.
تۇيۇڭغا چاچقۇلار چاچقۇم بار ئىدى،
بويۇڭدەك گۈل تۇتۇش ئارزۇيۇم ئىدى.
ئەزەلدىن پىقىرنىڭ تەلىيى كاجكەن،
گۈرۈچتىن خەۋە يوق سەۋزەم دەم يىدى.
دادام بار ئانام بار قېرىندشىم بار،
تۇيۇڭدا تۇغقانلار بەلكى بولدى جەم.
يىراقتىن تېلەيمەن ئوتلۇق تېلەكلەر،
ئەپسۇس مەن بوپ قالدىم ئاراڭلاردا كەم.
تۇيۇڭدا تۇرالماي ساڭا يانمۇ-يان،
يۈرۈكۈم يىغلايدۇ جىنىم تۇغقۇنۇم.
شېئرىم سەن ئۈچۈن توي ناخشىسى بىل،
چانمىسۇن تۇيۇڭدا مېنىڭ يوقلۇغۇم.
رۇستەم قاراسۇ......ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-15 03:24 PM